پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 838|ئىنكاس: 2

ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملارنىڭ بىرى بولغان نورۇز بايرىمى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
181
قىزغىنلىق
1709 سەر
تىللا
1252 دانە
تۆھپە
789 سەر
شۆھرەت
983 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 12:14:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملارنىڭ بىرى بولغان نورۇز بايرىمى
ئۆركەش جاپپار


55746500201103212105501819481856802_000_640.jpg


  نورۇز مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەنھەرىكەت بايرىمى، ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ قەدىمىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادا مىلاد، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارىدا سانىلىدىغان تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرىدۇر.
   نورۇز بايرىمىنىڭ ئىران ۋە تۇران دىيارلىرىدا يېڭى يىل بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھازىر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە شەكىللەنگەن نورۇز مەدەنىيىتى ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە.
   ئېلىمىزدە قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملارنىڭ بىرى بولغان نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەرگە ئورتاقتۇر.
   ئەجدادلىرىمىز قۇياش ئېتىقادچىلىقى دەۋرىدە، ‹‹ قۇياش ھارۋىدا ئولتۇرغان ئىلاھ. بىزگە كۆرۈنىدىغىنى ھارۋىنىڭ چاقى. ئىلاھ كۈندۈزى ئاسماندا مېڭىپ يەرنى يورۇتسا، كېچىسى يەرنىڭ تېگى بىلەن يەرنىڭ يەنە بىر چېتىگە ئۆتىدۇ. ئۇ يەر تېگىدىن ئۆتكۈچە جىن – ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشىپ، جەڭ قىلىدۇ ›› دېگەن ئەپسانىگە ئىشەنگەن ۋە كېچىسى گۈلخان يېقىپ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى تىلەپ گۈلخاننى دائىرە قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئىبادەت قىلغان. كېيىن ئىبادەت ۋاقتىنى تەدرىجىي قىسقارتىپ، 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، يەنى كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلىشىدىغان كۈنگە توغرىلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى شەكىللەنگەن.
   نورۇز يېڭى يىل بايرىمىدۇر. ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى قۇتلۇق كۈن، دەپ بىلىپ، زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن. نورۇزنىڭ كىرىش ۋاقتى شەمسىيە كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنگە، مىلادى كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، يەنى، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ كۈننى يىل بېشى قىلىپ تاللاپ، ئۇنىڭغا نورۇز (يېڭى كۈن، يىل يېڭىلانغان كۈن)، دەپ ئات قويغان.
   نورۇز ئەنئەنە بايرىمىدۇر. كىشىلەر باھار پەسلىگە ئۇلىشىپ، ئوۋغا چىقىش، مال – ۋارانلىرىنى كۆكلەمگە كۆچۈرۈش، تېرىقچىلىققا كىرىشىشتىن ئاۋۋال ئىش – ئوقىتىگە ئوڭۇشلۇق، بەرىكەت، تۇرمۇشىغا ئاسايىشلىق، بەخت تىلەپ بۇ بايرامنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن.
   نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمىدۇر. بۇ تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ جانلىنىشقا باشلىغان، ئەگىز سۈيى ئېقىپ تاغ – ئېدىرلار، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىغان، كىشىلەرگە يېڭى ھاياتلىق ئۈمىدى بەخش ئېتىلگەن مەزگىلدۇر. شۇڭا، نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتتىن زوقلىنىش، تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئادىتى شەكىللەنگەن.
   نورۇز ئەمگەك بايرىمىدۇر. نورۇزدا ئاۋام سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئېتىز – ئېرىقلار، باغلار، يوللار، ھويلا – ئاراملار تۈزەشتۈرۈلىدۇ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تۇتۇش قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئەۋجىگە چىقىدۇ.
   نورۇز تەنھەرىكەت بايرىمىدۇر. نورۇز كۈنى كەڭرى مەيدانلاردا پەلۋانلار چېلىشىشقا چۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە مەردلىكىنى سىنىسا، دالىلاردا چەۋەندازلار بەيگە، ئوغلاق تارتىشىشقا چۈشۈپ، ئۇچقۇر ئاتلىرىنى كۆز – كۆز قىلىشىدۇ؛ دارۋازلار مۇئەللەققە تارتىلغان دارغا چىقىپ، ماھارەت كۆرسەتسە، باقمىچىلار ياكى يۇرت كاتتىلىرى قوچقار، خوراز ۋە كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق جاندارلار ئويۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ.
   نورۇز ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمىدۇر. نورۇز كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، يۇرت – مەھەللە بويىچە قوزغىلىپ، مەنزىرىلىك جايلاردا نورۇزغا ئاتاپ تەييارلىغان ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. شائىرلار نورۇزنامىلەرنى ئوقۇشۇپ، مۇتالىئە قىلىشىدۇ. ئەلنەغمىچىلەر ‹‹ ئون ئىككى مۇقام›› كۈيلىرى، خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرا – دالىنى بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلىكى ئادەم بەس – بەستە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.
   بۈگۈنكى كۈندە نورۇز ئامان – ئېسەنلىكنى، سالامەتلىكنى، مەمۇرچىلىق، ئاسايىشلىقنى، ئىناقلىق، ئۆملۈكنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ماھىر چەۋەندازلارنى، ئىلھامى قايناپ تۇرىدىغان شائىر – قوشاقچىلارنى تاللايدىغان، باھالايدىغان، ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە قىزىقچىلىقلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان، يېڭىلىقلارنى كۆرەك قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغداپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۇرغىتىدىغان، كىشىلەرنى ئىلىم – مەرىپەتكە ئۈندەپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيدىغان، يىل بېشىدا خۇشاللىق بىلەن كۈچ – ئىلھام توپلاپ، ئىشقا پۇختا ئاتلىنىدىغان خاسىيەتلىك كۈن بولۇپ قالدى.
   ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى، 15 كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر كۆپرەك رايونلاردا ئۈچ كۈن ھېسابىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ.
نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ مەڭگۈ بىراۋنىڭ كۆلەڭگۈسى بۇلۇپ قالىسەن.

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6314 سەر
تىللا
6626 دانە
تۆھپە
3370 سەر
شۆھرەت
3932 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 15:19:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىز قەدىرلەپ، مەنىلىك ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. بايقاش مائارىپ تورىمۇ تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.،
بايقاشتى دوستلار، ئالاقىلىش تېلفون نومىرىمىزنى بىر توپلايلىچۇ ، ئەمسە....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1396 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
880 سەر
شۆھرەت
1076 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 03:38:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىز قەدىرلەپ، مەنىلىك ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.


نۇرۇز بايرىمى ئۆزىمىزنىڭ بايرىمى، مىللى ئەنئەنىمىزنى، مىللى خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىدىغان بايرام.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 15:37, Processed in 0.113334 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش