ئوقۇغۇچىنى بۇنچە قاپ يۈرەك قىلىۋەتكەن زادى كىم مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان 14 ياشلىق ئوقۇغۇچى مۇئەللىمىنى كۆپ قېتىم ئاشكارا تىللىغاندىن كىيىن، بىر كۈنى 50 ياشقا كىرىپ قالغان مۇئەللىمىنى ئىشخانىسىدىن كارىدورغا سۆرەپ ئەپچىقىپ، دادسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا بەش مىنۇت توختىماي ئۇرغان، بۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمنىڭ قورساق قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار ۋە تاغاق سۆڭىكى زەخمىلەنگەن، ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى باشتىن- ئاخىر بالىسىنىڭ مۇئەللىمىنى ئۇرۇشىغا قاراپ تۇرغان، بالىسىنى زوراۋانلىقتىن توسمىغان. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇرغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن غەزەپلەندۈرىدۇ . 14 ياشقا كىرگەن ئوقۇغۇچى نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا غالجىرلىشىپ كېتىدۇ؟ بۇ ئوقۇغۇچىنى بۇنچە قاپ يۈرەك قىلىۋەتكەن زادى كىم ؟ كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسىدا قويۇشى تۇرغانلا گەپ، ‹‹ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق›› دېگەن مانا شۇ. ۋاھالەنكى، بىز بۇ ۋەقەدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتە ھۆرمەيلەنمەيۋاتقانلىقىنى، ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، مائارىپنى تەتقىق قىلىدىغان ئەمما تەلىم- تەربىيە ئوقۇتۇشىنىڭ بىرىنجى سېپىدە ئىشلەپمۇ باقمىغان بەزى كىشلەر تەلىم - تەربىيە جەريانىدا كۆرۈلگەن بەزى مەسلىلەرنى ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مەكتەپكە ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويىدىغان بولىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ھەممىلا ئادەم ئوقۇتقۇچىلارغا قول شىلتىۋىرىدىغان ھەتتا ‹‹ ياخشى ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار باركى، ياخشى ئوقۇيالمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق›› دېگەننى دەستەك قىلىۋىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئەيىبلەيدىغان بولۇۋالدى. ئىلگىرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرگە بىرنى قوشسا ئۈچ بولىدۇ دەپ سالسا مۇئەللىمىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايتتى ؛ ھازىر بولسا ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ماھىرلىق بىلەن يېتەكلىمىگەن›› دېگەن تەنقىدكە قالماسلىق ئۈچۈن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي ئىكەنسىز›› دەپ يالغاندىن ماختاشقا مەجبۇر بولماقتا؛ ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇن ياخشى ئوقۇۋاتقانلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلەش مەقسىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تاختىغا چاپلاپ ئېلان قىلاتتى . ھازىر بۇنداق قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىغا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزگەنلىك، روھىغا زەربە بەرگەنلىك دەپ قارىلىدىغان بولدى ؛ بۇرۇن مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇھەببەتلىشىشىتىن توسىيالايتتى ، ھازىر مائارىپ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە ‹‹ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش›› نى توسۇش ئوقۇغۇچىلارنى ئوچۇقتىن- ئوچۇق كەمسىتكەنلىك بولىدىكەن؛ بۇرۇن چاتاق چىقارغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچى تەنقىد قىلالايتتى، ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويالايتتى، مەكتەپ جەرىمانە قويۇپ جازالىيالايتتى . ھازىر بۇنداق چارە ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى . مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر جازا بەرگەن ھامان ، جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى . ساپا مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشلەر ‹‹ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە ھوقۇق بېرىلسىكەن ›› دەپ ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ . بۇنداق ئۈمىد ھەقىقەتەنمۇ يوللۇق. ئەمما، ئوقۇغۇچىلار بارغانسىرى كەپسىزلىشىپ ، قاپ يۈرەك بولۇپ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جامائەت پىكىرىمۇ، مائارىپ سىياسىتىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا يان باسىدىغان، چاپان ياپىدىغان بولۇپ كەتتى . بۇنداق ئەھۋال ئۆزگەرتىلمىسە، جەمئىيەت ۋە ئاتا- ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ، چۈشەنمەيدىغان ماسلاشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن تەپتارىتمايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت- ئابرويىنى خورلايدىغان ئىجتىمائىي پىسخىكا بۇنداق ئىشلارغا مۇنبەت تۇپراق بولۇپ بېرىۋاتىدۇ. ‹‹ ھارام شېخى چاتالمىغان كۆچەت دەرەخ بولمايدۇ››. بىز تەلىم- تەربىيدە بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نوقتىغا ئۆتۈپ كېتىۋەرسەك، ئوقۇغۇچىلارنى زىيادە ئەركىتلىپ ، يولدىن چىقىرىۋىتىمىزمۇ- قانداق؟ تەنقىلەش ، باشقۇرۇش ۋە جازالاشنى تەلىم- تەربىيدىكى زۆرۈر ۋاستە دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا ، ئىززەت- ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىشنى قايتا- قايتا مۇراجىئەت قىلىپ كەلدۇقيۇ، ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى كىم قوغدىشى كېرەك›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلارغا ئىززەت- ئابروي كېرەكمۇ- يوق؟ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسنى ئۇرۇش ۋەقەسى ئارقىلىق ، يۇقارقى مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر. مەنبە: چوغلان مۇنبىرى
|