ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشتە...
قەلبىنۇر تۇرسۇن

ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىش ھەر بىر مائارىپچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە، جۈملىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە:
بىرىنچىدىن، مەكتەپلەردە كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، ئەخلاقلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈلگە قىلىدۇ، شۇڭا، ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزى ئەخلاقلىق، ساپالىق بولۇشى، سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر تەرەپلىمە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەكتەپلەردە تۈزۈلگەن ئىدىيە – ئەخلاق تۈزۈملىرى ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىيەلەيدىغان، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ياخشى ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، سىنىپ كادىرلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرى، ئىتتىپاق كادىرلىرى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى ئىچىدىن تاللانغان بولىدۇ، باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قايىل بولىدۇ ھەم قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى – تۆۋەنلىك پەرقى بولمىغاچقا، باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن خالىغانچە پاراڭلىشالايدۇ، پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ ھەم ئۈلگە بولالايدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدىكى رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.
تۆتىنچىدىن، مەكتەپ مەدەنىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى مەكتەپتە ئۆتىدۇ، شۇڭا، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلماي قالمايدۇ. ساغلام مەكتەپ مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، تام گېزىتى، كۆزنەكلەرگە ئەخلاق تەربىيەسى توغرىسىدا تەشۋىقات ماقالىلىرىنى چىقىرىپ، شۇ تېمىدا ماقالە توپلاپ، تەجرىبە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى توغرىسىدا ئويلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.
بەشىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەخلاق قارىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئوتتۇرىسىدا پەرق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى، ئەخلاق – پەزىلىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
(ئاپتور: يېڭىسار ناھىيە يېڭىيەر ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرزىبا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-28 12:33
|