بىئولوگىيە ئوقۇتۇشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
رەناقىز ئىمىن

بىيولوگىيە ئوقۇتۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى بىيولوگىيەگە دائىر تەجرىبە مەشغۇلاتىنىڭ ئاساسىي ماھارىتى، بەلگىلىك ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلغىلى، تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگىلى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئەھمىيەتىنى، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى، ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قارىشىنى، جانلىقلار بايلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بىيوتېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلاردا ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، ۋەتەننىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇرچ تۇيغۇسىنى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ھاياتلىقنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە قىزىقىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەگە، بەلگىلىك ئىزدىنىش روھىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قىلغىلى، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بىيولوگىيە دەرسىنىڭ مەزمۇنى مۇرەككەپرەك ۋە چوڭقۇر، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بىيولوگىيە ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1.دەرس نىشانىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنى بېكىتىشتە، دەرس نىشانىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى، بولۇپمۇ ئىقتىدار، ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى جەھەتتىكى تەلەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
2.ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك. بىيولوگىيە ئوقۇتۇشى – ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش جەريانى بولۇپلا قالماي، يەنە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەريانى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش، پىكىر قىلىش، سوئال سوراش ۋە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاساسىدا، ئىزدىنىش لايىھەسىنى تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
3. بىيولوگىيە تەجرىبە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پەن – تېخنىكا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا كونكرېت مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، بىيولوگىيە پەن – تېخنىكىسىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىيولوگىيە دەرسىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
4. دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىيولوگىيە ئوقۇتۇشىدا تەجرىبىخانا، كۇتۇپخانىدىن باشقا، رايون ۋە مەھەللىلەردىكى دەرس بايلىق مەنبەلىرى، مۇزېي، كۆرگەزمىخانا، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئەۋرىشكىخانىسى، ھايۋاناتلار باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئۇرۇقچىلىق پونكىتلىرى، باقمىچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئەمەلىي تەجرىبە ئىشلىتىپ، دەرسلىك كىتابقىلا تايىنىپ ئوقۇتۇشتەك ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
5. بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى كېرەك. (ئاپتور: يەكەن ناھىيەلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتىپىدىن) مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرزىبا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-28 12:29
|