تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى مېھرىگۈل ئىمىن

ماتېماتىكا كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك دەرسلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي خۇلاسە، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ئالدىمىزدىكى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى. مېنىڭچە، ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك:
1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئوقۇتۇش نىشانى بولۇش كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈشتە، چوقۇم ئوقۇتۇش نىشانىنى بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە، دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشى، دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغاندىن باشقا، ئىنتوناتسىيە، قول ئىشارىتى ۋە چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى دەرسكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈلۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىكى روھىي ھالىتى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، مەشىقلەندۈرۈش، يېتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
3. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانىدا ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقىدىغان، دەرستە ئوقۇتقۇچىغا ماسلىشالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغىلا يۈزلەنمەي، بارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
4. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىنى قوللىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي نىشانى. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم، ئېنىقلىما، تېئورېما، فورمۇلا ۋە ھۆكۈملەرنىڭ قائىدىسىنى پۇختا ئىگىلىتىشى كېرەك.
5. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى تۇنجى سائەتلىك دەرسكە كىرگەندە، چوقۇم ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر سائەتلىك دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگىچە قىلىشى كېرەك.
6. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تاپشۇرۇق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا قايتا ئەسلىتىش ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئىشلەش جەريانى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئىچىپ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئۆگەنگەن ھېسىسىي بىلىملىرىنى تاپشۇرۇق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ھەپتىلىك تاپشۇرۇق بېرىش ئۆلچىمى بويىچە تاپشۇرۇق بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
(ئاپتور: يەكەن ناھىيەلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |