- تىزىملاتقان
- 2012-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 1020
- نادىر
- 1
- تېما
- 4
- يازما
- 49
  
- يوقلىما
- 40
قىزغىنلىق- 284 سەر
تىللا- 5 دانە
تۆھپە- 190 سەر
شۆھرەت- 203 سەر
 
| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇندىن بىر ئايلارچە ئاۋۋال FireFox نىڭ 4.0 نەشرىدە «لا» ھەرىپىنىڭ نورمال ئۇلانماسلىقىدەك مەسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، ئىتىل سەيناسى ۋە باشقا تور بېكەتلەردىكى تورداشلار ماڭا بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر قالدۇرغان ئىدى. دەسلەپتە مەن بۇنىڭغا تازا ئېرەڭ قىلماپتىمەن، چۈنكى ھازىر خەت نۇسخىلىرىنى سىستېمىلاردا ئىشلىتىش جەريانىدىكى مەشغۇلاتتا، كۆرسىتىش نەتىجىسىدە سەل-پەللا مەسىلە كۆرۈلسە، بۇنى بىراقلا خەت نۇسخىسىدىن كۆرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ كۆرۈلگەن ئىدى، بۇلارنى مەشغۇلاتنى توغرا قىلىش ياكى توغرا تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئوڭشالغان، مەن يەنە مۇشۇنداق مەسىلە بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن تور بېكەتتىكى تورداشلارنىڭ تەھلىللىرىنى ۋە ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ بۇنى نوقۇل ھالدا خەت نۇسخىسىدىن كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يەتكەن ئىدىم. چۈنكى، باشقا ھەر قانداق جايدا نورمال ئىشلەۋاتقان خەت نۇسخىلىرى تۇرۇپلا FireFox تا ‹لا› ئۇلانماي قالسا، بۇنىڭغا دەرھال بىر نېمە دېمەكمۇ تەس ئەلۋەتتە، يېقىندىن بېرى ئۆزۈممۇ ئالدىراشچىلىقتا بىر نەچچە كۈن بۇنىڭغا دىققەت قىلمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ FireFox نى Windows تا ئىشلەتمەيمەن، Ubuntu دا بولغاچقا شۇنىڭدىلا ئىشلىتەتتىم. كېيىنرەك غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەن بىلەن ئالاقىلەشتى، ھەمدە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ 2.0 نۇسخىسىدا بۇ مەسىلىنىڭ يوقلىقىنى، بىراق ھازىرقى يېڭى خەت نۇسخىسىدا بۇ مەسىلىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن بۇ ئۇچۇردىن كېيىن، مەسىلىنىڭ بىزدىكى خەت نۇسخىلىرىدىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم، ھەمدە دەرھال Windows قا FireFox 4.0 نى قاچىلاپ UKIJ Tuz Tom نىڭ 2.0 ۋە 3.0 نۇسخىسىنى ئايرىم ئايرىم سىناق قىلدىم، ھەقىقەتەن، غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىم سىناق قىلغاندىكىدەك نەتىجە كۆرۈلدى. بۇ خىل ئەھۋالغا تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم بولدى، ھەممە يەرلەردە نورمال ئىشلەۋاتقان، ھەتتا FireFox نىڭ ئالدىنقى نەشرىدىمۇ نورمال ئىشلەۋاتقان خەت نۇسخىلىرىمىز، FireFox نىڭ 4.0 گە يېڭىلىنىشى بىلەنلا ‹لا› ھەرىپىمىز ئۇلانمايدىغان بولۇپ قېلىشى غەلىتىلىك ئىدى. ئەمما، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خەت نۇسخىمىزنىڭ 2.0 نەشرىدە نورمال، بىراق 3.0 نەشرىدە نورمالسىز بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن خەت نۇسخىسىدىمۇ مەلۇم تۈزىتىلىدىغان ياكى تولۇقلايدىغان جايلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى. دەرھال سەۋەبىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم، بۇ مەسىلە شۇنچىلىك جىددىي ھالغا كىرگەنكى، بەزى پىكىرلەرنى بەرگۈچىلەر ماڭا: «خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىش ھۆججىتى Volt پروجىكتى ئىچىدە <لا> نىڭ ئۇلىنىشى بېرىلمەي قالدىمۇ-يا؟» دېگەن جىددىي سوئاللارمۇ قويۇلدى، بۇنى ئاڭلىغاندا پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى بۇنداق بولۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، ھەرقانچە سەۋەنلىك بولسىمۇ، بۇنىڭغا يول يوق ئىدى، ئەگەر مۇشۇنداق كۆپ خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش داۋامىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىندى دېگەندىمۇ، تۈزىتىش داۋامىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق سىناق داۋامىدا ھەم كېيىنكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا <لا> ھەرىپىلا ئەمەس، بارلىق ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىشى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈلگەن ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا <لا> نىڭ ئۇلىنىشىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئۆزۈمگە <ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى باشقا> دېدىم دە، باشقا جەھەتلەردىن ئىزدىنىشتىن ئاۋۋال، نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيانقى يۈرۈكىمىزنىڭ سۇ بولۇپ كەتكەنلىكىدىنمۇ، يەنە <لا> نىڭ ئۇلىنىشى يېزىلغان جايلارنى بىرىنچى بولۇپ كۆرۈپ چىقىپتىمەن، ئۇلىنىش جايىدا، يەنى <لا> نىڭ Volt ھۆججىتىگە بېرىلگەن ئىككى خىل ئۇلىنىش ھالىتى نورمال. ئەمىسە، نېمە ئۈچۈن FireFox تا <لا> ھەرىپى نورمال ئۇلانمايدۇ؟ بۇ سوئالغا تۆۋەندە تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى، بىز بۇ قېتىملىق فونتلار ئىچىدىن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 18 دانە قوشما ھەرپنى ئېلىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن، ھەم بۇ 18 قوشما ھەرپنىڭ Volt ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىدىكى ئۇلىنىشلىرىنىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىشنىمۇ لايىق تاپقان ئىدۇق. مۇشۇ پرىسىنسىپقا ئاساسەن، مەن ئالدىنقى قېتىم ئىشلەتكەن Volt ھۆججىتىدىن بۇ 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ ئايرىم گۇرۇپپىلانغان قىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدىم، بۇنىڭ ئىچىدە ‹ا› ۋە ‹ل› دىن بىرىكىدىغان ‹لا› قوشما ھەرىپىنىڭمۇ بۇ گۇرۇپپىدىن ئۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن. بۇ يەردە <ھەرپلەرنىڭ ئايرىم گۇرۇپپىلاش قىسمى> دېگەن بىر سۆز ئۇچرايدۇ، مۇشۇنى چۈشىنىۋالغاندىلا ئاندىن بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشكىلى ۋە چۈشەنچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇلارنى تۆۋەندىكى رەسىملەر ئارقىلىق ئېنىقراق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن:
يۇقىرىدىكى رەسىم ھازىرقى خەت نۇسخىلىرىمىزنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى، ئوتتۇرا قىسمىدىكى Lookups بولسا ئاساسلىق ئۇلاپ كۆرسىتىش قائىدىسى كىرگۈزۈلگەن قىسمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى I005 دا يەنى lrig قىسمىغا ئىككى ھەرپتىن بىر (تاق) ھەرپلىك شەكىلگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى يېزىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىگە ‹لا› قوشما ھەرىپىنىڭ ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكلى ‹ـلا› ۋە يالغۇز شەكلى ‹لا› بېرىلگەن، شۇڭا ‹لا› ئۇلىنىپ كۆرۈنىدۇ، بۇ دېگەنلىك بارلىق جايلاردا نورمال ئۇلىنىپ كېلىۋېرىدۇ (نورمال ئەھۋال ئاستىدا)، ھازىر بولسا FireFox نىڭ 4.0 نۇسخىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگىنى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بۇ نورمال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (بۇنىڭ سەۋەبىنى كەينىدىرەك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن). دېمەك، تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈپ ئۆتسەك، ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىدە بىز ‹لا› نىڭ ئىككى خىل شەكلىنىڭ ئۇلىنىش ھالىتىگە ئېنىقلىما بەرگەن، ئەگەر بۇ ئېنىقلىما بولمىسا، باشقا سىستېما ۋە يۇمشاق دېتاللاردا بۇ ھەرپ ئۇلانماي چىقاتتى.
ئەمدى، بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك Volt ھۆججىتىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى Glyph Groups قىسمىغا ھەر قايسى ھەرپ ۋە شەكىللەر تۈرلەر بويىچە گۇرۇپپىلىنىۋېلىنىدۇ، مانا مۇشۇ ئورۇن مەسىلە كۆرۈلگەن جاي بولۇپ، مۇشۇ يەرنى ياخشى تەھلىل قىلساق مەسىلىنىڭ خەت نۇسخىسىدا ياكى FireFox تا كۆرۈلگەنلىكى بىلەلەيمىز. ھەرپلەرنى ئايرىم گۇرۇپپىلاش قىسمىدا، ھەمزە، زەبەر دېگەندەك قوشۇمچە بەلگىلەر بىر گۇرۇپپا قىلىنىۋېلىنىدۇ، ئىككى خىل شەكلى بار ھەرپلەر بىر گۇرۇپپا، تۆت خىل شەكلى بار ھەرپلەر بىر گۇرۇپپا، قوشما ھەرپلەر بىر گۇرۇپپا قىلىنىۋېلىپ، بۇنى Volt ئۇلاپ كۆرسىتىش قىسمىدا پايدىلىنىشقا ئىشلىتىمىز، بۇ ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق رولى ھەرپلەرنى <ئىزاھلاپ قويۇش> بولۇپ، بۇنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى ئۇلاپ كۆرسىتىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇۋېلىشنىڭ ئاساسلىق رولى، مۇشۇ خەت نۇسخىسىدا ئۇلاش ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ھەممە بەلگىلىرىنى تۈرلىرى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇۋېلىش. ئاندىن مۇشۇ گۇرۇپپىلاردىكى ھەرپلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇلىنىپ كېلىش تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.
بۇ قېتىملىق خەت نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش جەريانىدا، 1- پارچە رەسىمنىڭ Lookups قىسمىغا (بۇ ئەڭ مۇھىم قىسمى) كىرگۈزۈلگەن 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ ئۇلىنىشىنى lrig قىسمىدىن ئېلىۋېتىش بىلەن بىرگە، ئوڭ تەرەپ ئۈچىنچى كاتەكچىدىكى ئىزاھلانغان قوشما ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدىم. چۈنكى بۇ جەدۋەلگە 18 دانە قوشما ھەرپ بىلەن <لا> نىڭ ئىككى خىل شەكلى بولۇپ 20 شەكىل كىرگۈزۈلگەن ئىدى، 18 قوشما ھەرپ شەكلى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان <لا> نىڭ ئىككى خىل شەكلىنى بۇ يەردە ساقلاپ قېلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان ئىدىم، چۈنكى بۇ ئاساسىي ئۇلىنىش قىسمىدا بار ئىدى، بۇ ئىزاھات رايونىدا قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق دەپ قارالغان. بىراق مەن بۇ قېتىم بۇرۇن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن قوشما ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنى قايتا قوشماي، پەقەت ئىككى خىل شەكلى بار ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قىسمىغا <ـلا> ۋە <لا> نى قوشۇپ قويۇپ، FireFox تا سىناق قىلسام، <لا> نورمال ئۇلاندى. ئەمىسە تۆۋەندىكى رەسىمدىن ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنى كۆرۈپ باقايلى: گەرچە، بۇ مەسىلە ناھايىتى تېزلا ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئومۇمىي قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ مېنىڭ كاللامدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلدى، ھەم بەزى كاللامدىكى چىگىش مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپتىم. ئەگەر، بۇ خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلىنىپ كېلىدىغان ھەرپلەرنى ئۇلاپ كۆرسىتىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان بولسا، بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نوكىيانىڭ سىمبىيان مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ‹ئە› ھەرىپىنىڭمۇ ئۇلانماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان بولاتتۇق، ئەمما بۇنىمۇ مۇشۇ قېتىم سىناق قىلىپ باقتىم (ئەسلىدىغۇ سىناق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتى) يەنىلا ئۇلانمىدى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەرەب يېزىقىدەك ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئۇلىنىش شەكلىنى ھەرپلەر ئۇلانمىسى قىسمىدا ئۆزىنىڭ قىممىتى بويىچە ئۇلىنىپ كېلىشى ھەم كۆرسىتىشى كېرەك، ھەرپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەتتا، بىر قىسىم خەت نۇسخىلىرىدا ھەرپلەر گۇرۇپپىسى ئىشلەتمەيدۇ، دېمەك بۇنداق خەت نۇسخىلىرىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئابايلا كۆرۈلىدۇ دېگەنلىك. سىستېمىدا تەمىنلەنگەن ئەرەب يېزىق سىستېمىسىنى قوللايدىغان خەت نۇسخىلىرىنى تەھلىل قىلساقمۇ بىز ھازىر FireFox4.0 دە كۆرۈلگەن بۇ مەسىلىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىشكە سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرسەك يەنىلا خاتالىشىمىز، بۇنىڭ مۇنداق بىر قانچە سەۋەب ۋە نەتىجىلىرى بار. ئەگەر بىز ئۆزىمىز ياساۋاتقان خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنى سىستېمىدا تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىلىرى بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزغا توغرا كەلسە، بىز يەنە باشتىكى ھالىتىمىزگە قايتىشىمىز كېرەك، يەنى بارلىق ھەرپلەرنى تولۇق ئېلىش كېرەك دېگەنلىكتۇر، ھەتتاكى 18 دانە قوشما ھەرپنىمۇ تولۇق ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەب، نەتىجىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. 1. مەسىلەن، سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن Microsoft Uighur ، Arial خەت نۇسخىلىرىنى مىسالغا ئالساق، بۇ خەت نۇسخىلىرىدا بارلىق ئەرەبچە يېزىقلارنى پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنى ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە، كوردچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ۋ.ب. ھەتتاكى بەزى قوشما ھەرپلەرمۇ قالدۇرۇۋېتىلمەي تولۇق ئېلىنغان. شۇڭا، بۇلاردا مەسىلە ئاز كۆرۈلگەن. يۇنىكودقا ھەر قېتىم يېڭى ھەرپ شەكىللىرى قوشۇلسا، بۇ خەت نۇسخىلىرىدىمۇ تولۇقلاپ ماڭغان، كېرەك بولمايدۇ دەپ قارىمىغان، ھەر بىر ھەرپ قوشۇلغاندا، ئۇنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھالىتىنىمۇ قوشۇپ ماڭغان، شۇڭا بۇ خەت نۇسخىلىرىدا مەسىلە ئاز كۆرۈلىدۇ. مىسال ئۈچۈن مەن بىر ئاددىي مىسال ئېلىپ ئۆتەي. ئادەتتە سىستېما خەت نۇسخىلىرىدا <اللە> نىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش شەكلى بار، شۇڭا بىز <اللە> دەپ يازغاندا بۇ سۆز ئۆزلىكىدىن خەت نۇسخىسىنىڭ <FDF2> كودىغا ئورۇنلاشتۇرغان <ﷲ> شەكلىگە ئاپتوماتىك يۆتكىلىدۇ. بۇ سۆز خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىگە <ا + ل + ل + ە > تۆت ھەرپ بىرىككەندە <FDF2> كودىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان <ﷲ> دېگەن سۆز شەكلى كۆرۈلسۇن دەپ ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز زەر-زەبەرلىرى بىلەن بىزگە تولۇق كۆرۈنۈپ چىقىدۇ، زەر-زەبەرلىرىنى ئايرىم كىرگۈزۈپ ئولتۇرمايمىز. بۇ خىل ئۇلاپ كۆرسىتىش بارلىق ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىدا بار. ئەمما، بىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا بۇ خىل ئۇلاپ كۆرسىتىشنى ئىشلەتسەك مۇنداق نەتىجە چىقىپ قالىدۇ. يەنى، قىراللەر، ئابدۇللەتىپ، مەھەللە، ئەللەر، ئابداللەر، گۈللەر دېگەندەك سۆزلەردىكى <للە> ۋە <اللە> بولۇپ كەلگەن جايلار <ﷲ> بولۇپ قالىدۇ، كۆرسىتىلگەن مىسال سۆزلەرنى ۋوردقا چاپلاپ سىستېما خەت نۇسخىلىرى ۋە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىغا توغرىلاپ كۆرۈپ باقسىڭىز چۈشىنىشلىك بولىدۇ. 2. سىستېما خەت نۇسخىلىرىدا يەنە بىر قانچە ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرى بار، بۇ خەت نۇسخىلىرىدا يۇنىكودىدا بېكىتىلگەن بارلىق ئەرەبچە ھەرپ-بەلگىلەر، زەر-زېۋىرلەر بىرىمۇ قالدۇرۇۋېتىلمىگەن، تاق ھەرپلىكلەر، قوش ھەرپلىكلەر، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ھەرپتىن بېرىكىپ كېلىدىغان شەكىللەرمۇ تولۇق ئېلىنغان. ئەمدى، خەت نۇسخىلىرىمىزدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتى بىلەن سىستېمىغا خەت نۇسخىلىرىدىكى، مەسىلەن Microsoft Uighur دەك خەت نۇسخىلىرىدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتى بىلەن پەرق يوق دېيەرلىك، پەرق ئىزدەشكە توغرا كەلسە يۇقىرىدا مەن ئېيتقان ئىككى تۈرلۈك سەۋەبتىن بەزى پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بايقىۋالساق بولىدۇ. يەنى، بىز خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىگەندە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەردىن باشقا ھەرپلەرنى ئالماسلىقنى، ھەتتاكى قازاقچە بىلەن قىرغىزچىنىمۇ ئالماسلىقنى تەسەببۇس قىلىدىغانلار بار، بۇنداق قىرقىپ ئىخچاملانغان خەت نۇسخىلىرىدا مەسىلىنىڭ ئاز بولۇشى ناتايىن. بىز كۆپرەك ھەرپلەرنى قوشۇپ خەت نۇسخىلىرىنى بىر قەدەر مۇكەممەلرەك ئىشلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بىر ۋاقىتلاردا خەت نۇسخىسىدا ئوخشاش ئىككى خىل شەكىلدىكى ‹ە› بىرى ئاساسىي رايوندىكى ئەرەبچە ‹ە›، يەنە بىرى ئۇيغۇرچىگە ئىشلىتىدىغان ‹ە›، ئىككى ‹ى› بىرى ئەرەب ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرىغا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ‹ى›، يەنە بىرى پارس ۋە ئوردو يېزىقلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ‹ى›، ئىككى خىل ‹ف›، بىرى ئەرەب، ئۇيغۇر، پارس يېزىقلىرىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ‹ف›، يەنە بىرى پوشتولار ئىشلىتىدىغان ‹ف› لار كۆرۈلسە، يېزىق كىرگۈزگۈچ ئىشلەيدىغان بەزى پروگراممىرلىرىمىز بۇ ھەرپلەردىن قايسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ھەرپلىكىنى ئوبدانراق پەرقلەندۈرمەيلا، ئىچىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ قويۇپ «قالايمىقانچىلىق» چىقارغانلىق ئىشلىرىمۇ بولغان، ھەتتا بۇ خىل قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنداق ئوخشاش ھەرپلەرنى خەت نۇسخىلىرىدىن ئېلىۋېتىش توغرىسىدىمۇ پىكىرلەر بولغان. Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىغا قارىساق يۇقىرىدا مەن ئېيقان ئۈچ خىل ھەرپتىن باشقا ئوخشاش ھەرپلەر تېخىمۇ كۆپ، ئۇلار خەت نۇسخىلىرىنى ياساش جەريانىدىمۇ ئازمىغان، ھەم بۇ ھەرپلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشتىمۇ ئېزىپ قالمىغان-يۇ، بىز نېمە ئۈچۈن توغرا ئىشلىتىپ كېتەلمەيمىز. بۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، ھازىرغىچە چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن خەت نۇسخىلىرى توغرا ھەم سۈپەتلىك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۆزىمىز ئىشلىگەن خەت نۇسخىلىرى خاتا ھەم سۈپەتسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ شۇنداق دېگۈم كېلىدۇكى، بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك، قىلماسلىققا ياكى قىلمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىزگە تاڭماسلىقىمىز لازىم دەپ قارايمەن. Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىدىكى مەسىلىلەرگە پىكىر-تەكلىپ توپلانغاندا، مەنمۇ ئىنكاس يېزىپ قويغان ئىدىم. دۇنيادا %100 ئىش بولمىغىنىدەك بۇ دۇنياۋى خەت نۇسخىسىدىمۇ مەسىلە بار، يەنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە بىر قانچە ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە قازاقچە سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ توغرا ئۇلاپ كۆرسىتىشلىرىدە مەسىلە مەۋجۇد. بۇلار بۇ تىللاردىكى يېزىقلارنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكى ياكى چۈشىنىدىغانلارنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن شۇ خىل خاتالىقلار كۆرۈلگەن، بۇ خەت نۇسخىسىنى ياسىغۇچىنىڭ ئامالسىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى. بۇنى بىزگە مىسال قىلساق، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنى توغرا ياساش ۋە ئۇلىنىشىنى توغرا بېرەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنى ياسىمىساق دېگەن كۆز قاراشلارمۇ، ئەرەبچە ۋە پارسچىنى كىم ئىشلىتىدۇ، بۇنى قوشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ دېگەندەك پىكىرلەر بار، مېنىڭ كۆز قارىشىمدا بىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىدا ھازىرغىچە قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپ بەلگىلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە ئۇلاپ كۆرسىتىشىدە ئەڭ توغرا ئۇسۇلنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز دېيەلەيمەن، يەنە كۆپ كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغىنىدەك قازاق يېزىقىدىكى تۆت سوزۇق تاۋۇشنىڭ خەت نۇسخىلىرىدا توغرا ئۇلاپ كۆرسىتىش تەس بولۇشىدەك قېيىن مەسىلىنىمۇ ھەل قىلدۇق، ھەل قىلغان ئىكەنمىز، بۇنى خەت نۇسخىلىرىدا ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەرەبچە ۋە پارسچىنى قوشۇشنىڭ زۆرۈرمۇ ياكى زۆرۈر ئەمەسمۇ بۇنى مەن يۇقىرىدا سۆزلىدىم، شۇنىڭدىن جاۋابى ئېنىقتۇر. ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرقى سىستېما خەت نۇسخىلىرى بىلەن تامامەن ئوخشاش، ئېنىقسىز سەۋەبلەرنى يۇقىرىدا چۈشەندۈردۈم، ئەگەر بىزدىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ھۆججىتىنىڭ يېزىلىشى سىستېما خەت نۇسخىلىرىغا يەتمىگەن بولسا، باشتا ۋە كېيىن ئوخشاش مەسىلىلەر كۆرۈلسە بولاتتى، باشتا ياسالغانلىرىدا مەسىلە كۆرۈلمىدى، ئەمما بۇ قېتىمقىسىدا <لا> دا مەسىلە كۆرۈلدى، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەب نەتىجىسىمۇ بايان قىلىندى. ھەرپلەرنى تولۇق ئېلىش ۋە ئىخچاملاش ئېلىش توغرىسىدىمۇ كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر بىز ئۆلچەملىك ۋە سۈپەتلىك خەت نۇسخىسى ئىشلەپ ھەممىنى تولۇق رازى قىلىمىز دېسەك، ئۇنداقتا ھەر بىر تەكلىپ-پىكىر بەرگۈچىگە، ھەر بىر پروگراممىر ياكى تور بېكەت باشقۇرغۇچىغا بىردىن خەت نۇسخىسى ئىشلەپ بەرسەك تولىمۇ ياخشى بولار ئىدى. بۇنداق دېگىنىم، خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇستىخىنى ئازراق ئۆزگۈرۈپ قالسا، ياكى بىرەر ھەرپنىڭ ئازراق بىر قىسمى ئىگىز-پەس بولۇپ قالسا بىراۋغا ياقسا، يەنە بىراۋغا ياقمايدۇ. شۇڭا، ياققانغا بىر خىل نۇسخا، ياقمىغانغا بىر خىل نۇسخا ئىشلەش كېرەكمۇ؟ بىر پروگراممىر چېكىتلىك تەسۋىرى بار خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرىدۇ، يەنە بىرى ياقتۇرمايدۇ، بىرى ئىگىز بولۇپ قاپتۇ دېسە، يەنە بىر پاكار بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ، يەنە بىرى سەل توم دېسە يەنە بىرى سەل ئىنچىك دەيدۇ، شۇڭا بىر چېكىتلىك تەسۋىرى بار خەت نۇسخىسى، چېكىتلىك تەسۋىرى يوق خەت نۇسخىسىدىن يەنە بىرنى، تومدىن بىرنى، ئىنچىكىدىن بىرنى، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئوتتۇراھالدىنمۇ بىرنى ياساش كېرەكمۇ؟ تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن بىردىن خەت نۇسخىسى ياساپ بېرەيلى. مۇشۇنداق قىلغاندا بارچە ھەممىسىنى تولۇق ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلغىلى بولارمۇ؟ ئاندىن ئۇيغۇرچىلا ھەرپلەرنى ئېلىپلا بىر خەت نۇسخىسى ئىشلىسەك، تېخىمۇ ئىخچام ۋە كىچىك بولسا، بۇنى ئىشلىتىدىغانلار چوقۇم كۆپ چىقىدۇ، بۇ بەك ئىخچام بولغاچقا يېڭىدىن يېزىق كىرگۈزگۈچ ياساۋاتقانلار باشقا ھەرپلەرنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئوخشايدۇ دەپ قالماي، ھەرپلەرنى دەل جايىدا توتۇپ ناھايىتى تېزلا توغرا پروگراممىلارنى ئىشلىيەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟ بىز بىرلىكنى ساقلاش كېرەك دېگەننى كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەمما <بىرلىك>، <ئۆلچەم>، <ئادەت> دېگەن ئاتالغۇلارنى چۈشىنىش كېرەك، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر شىركىتىمىز ياسىغان فونتلار، ۋە باشقىلارغا زاكاسقا ياساپ بەرگەن خەت نۇسخىلىرى ئوخشاش. يەنى، بۇنىڭدا بارلىق ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق ئېلىنغان، يۇنىكودتا نېمە بولسا شۇنى ئاساس قىلدۇق. دۆلەت ۋە رايون ئۆلچەملىرىگە ماس كەلتۈردۈق، بۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما، UKIJ خەت نۇسخىلىرىدا ئىككى يەردە شىركىتىمىز ئىشلىگەن فونتلار بىلەن پەرقى بار، بىرى 18 دانە قوشما ھەرپنىڭ بار يوقلىقىدا، ‹ھ› ھەرىپىنىڭ تۆت خىل ياكى ئىككى خىل شەكلى توغرىسىدا. شىركىتىمىزدىكى خەت نۇسخىلىرىدا 18 قوشما ھەرپ ۋە تۆت خىل ‹ھ› شەكلى بار. UKIJ خەت نۇسخىسىدا 18 دانە قوشما ھەرپ يوق، ‹ھ› نىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. شۇڭا، مەن بۇ قېتىم خەت نۇسخىلىرىنى تۈزەتكەندە ئاۋۋال شىركەتنىڭ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدىكى ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى ئايرىم، UKIJ فونتلىرىنى ئايرىم تۈزىتىشكە مەجبۇر بولدۇم، ئەگەر يۇقىرىدا دېگىنىمدەك ھەر بىرەيلەنگە ئايرىم تەلەپلەر بويىچە ياسالغان فونتلار بولغان بولسا ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولغان، ھەمدە كۆپلىگەن <بىرلىك>، <ئۆلچەم>، <ئادەت> لەرنى شەكىللەندۈرگىلى بولاتتى. داۋامى تۆۋەندىكى ئىنكاستا: |
|