بايقاش توپ نومۇرى:110384522 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تور بىكىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان ئەزىر تورداشلار!
★ بايقاش تور بېكىتىمىز تور دۇنياسىدىكى بىلىمخۇمار دوستلارغا ھەقىقىي بولغان يېڭىچە بىلىم ئېلىش ئۈگىتىش ۋە ئۈگىنىش سورۇنى ھازىرلاش،يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان كەڭ تورداشلارغا ئەركىن ئازادە يېزىقچىلىق ئۈستىلى،ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاش مەقسىدىدە قۇرۇلغان بولۇپ تورداشلارنىڭ ئەزىز قەدىمىنى ھەرۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىدۇ ! ★ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش تور بىكىتىمىزگە ئەزا بولغان تورداشلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشىگە قولايلىق بولۇشىنى كۆزلەپ «بايقاش تور بىكىتى QQ توپى»نى قۇرۇپ چىقتۇق. توپىمىز ھازىرچە ئېھتىياجدىن تولۇق چىقالايدۇ. ★ بۇQQ توپىنىڭ ئورتاق پايدىلانغىلى بولىدىغان تور دېسكىسى 256 مېگابايت كېلىدىغان بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دىتال ۋە ماتىرىياللارنى ساقلاپ قۇيۇپ خالىغاندا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە، تور بېكىتىمىزگە يوللىيالمىغان دىتاللارنى توپ بوشلۇقىغا چىقىرىپلا توپتىكى ئەزالارنىڭ چۈشۈرۈۋېلىشىغا ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ سىزنىڭ تېمىڭىزغا چىقىرىپ قويۇشىغا چوڭ ياردىمى تېگىدۇ . بايقاش تور بېكىتى QQ توپىنىڭ بىر قىسىم قائىدىلىرى : ★ توپتىكى ئەزالارنى ئۆزئارا ئاسان پەرقلەندۈرۈش،پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن توپتىكى نامىڭىزنى بايقاش تور بىكىتىدىكى نامىڭىز بويىچە ئۆزگەرتىۋالغايسىز، چۈنكى بۇنداق بولغاندا قايسىمىزنىڭ QQسى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز،بۇ ھەممىمىزگە ئاسانلىق يارىتىلىدۇ .QQ توپتىكى ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ QQدىكى ئىسمىڭىز ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ پەقەت قوشۇلغان توپتىكى ئىسمىڭىزلا ئۆزگىرىدۇ. ★ توپ ئىچىدە دۆلەتنىڭ قانۇنى، مىللەتلەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىت بولغان ،دىنى تۈس ئالغان،شەھۋانىي تۈس ئالغان ،QQ پۇلى ۋە پۇل تاپىدىغان، باشقىلارنى ئالدايدىغان ئۇچۇر،تور بەت ئادرىسى،رەسىم ،فىلىم...قاتارلىقلارنى يوللاش قاتتىق چەكلىنىدۇ.بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يوللىغانلار توپتىن بىردەك قوغلىنىش بىلەن بىرگە يوللىغانلارنىڭ ماتىرىيالى ئېغىر بولغاندا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرىغا ۋە تېڭشۈن شىركىتىگە يوللىغان ماتىرىيالىڭىز بىلەن قوشۇپ يوللاپ بېرىلىدۇ . ★ QQتوپىدا باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ،ئادەم تىللايدىغان،بىكەتنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە رەسىملەرنى يوللىماڭ.بۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا شەرتسىز توپتىن قوغلىنىسىز.تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئاتامان بىلەن QQ ئارقىلىق ياكى مۇنبەر ئۇچۇرى ئارقىلىق پىكىرلەشكەيسىز.ھىچ بولمىسا بىكەتكە تەكلىپ پىكىر تېمىسى يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ★ توپتا يۇقارقى 2-تۈردە ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلار بولمىغان قانۇنلۇق بولغان باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئادرىسىنى يوللىسىڭىز بولىدۇ،ئەمما كۈندە بىرەر قېتىملا يوللىشىڭىزنى،بىر كۈننىڭ ئىچىدە تەكرار تەكرار يوللىماسلىقىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.تەكرار يوللىسىڭىز بىرىنچى قېتىم ئاگاھلاندۇرىلىدۇ ، يەنە يوللىسىڭىز توپتىن قوغلىنىسىز. ★ ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ھەرقانداق بىلىم تېمىلىرى ۋە ياردەم تېمىلىرىنى بىكىتىمىز ئانا تىل يېزىقىمىزدا بولغاچقا بېكىتىمىزگە يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.QQ دا ULY چە ياكى پىنيىنچە يېزىلغان خەتلەرنى زورۇقۇپ ئوقۇپ چۈشىنىپ سىزگە ياردەم قىلىشنى كۆپ قىسىم تورداشلار ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.
توپقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللار بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرغايسىز،پىكرىڭىزگە ئاساسەن مەسىلىلەر بولسا ئورتاقلىشىمىز.z
ئەسكەرتىش:توپقا قوشۇلۇش ئىلتىماسىغا چوقۇم بىكەتتىكى ئەزالىق نامىڭىزنى قوشۇپ قويۇڭ،باشقۇرغۇچىلار سىزنىڭ بايقاش ئەزاسى ئىكەنلىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن ئاندىن قوشىدۇ. بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز، بايقاش تور بىكىتى تورداشلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە بىلىم ئۈگىنىش،ئۈگىتىش ۋە ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىش،پىكىر قاتناشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. رەھمەت سىلەرگە! ھۆرمەت بىلەن :بايقاش تور بىكىتى 2011-يىل6-ئاينىڭ20-كۈنى |