پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئوچمەس يۇلتۇزلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
94
قىزغىنلىق
1396 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
880 سەر
شۆھرەت
1076 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 08:23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                           

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئوچمەس يۇلتۇزلار

  

1 . تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى پورتىدىن
پورتىدىن (232-348) ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدا نامى بىزگىچە مەلۇم بولغان داڭلىق مائارىپچىلار ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى . ئۇ  232-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . كىچىكىدىن بۇددا دىنى بويىچە ئەتىراپلىق بىلىم ئېلىپ ، ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان .
ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ شۆھرىتى ئىچكىرلەرگىچە تارالغان . شۇڭا (غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ) 78يېشىدا پادىشاھ يۇئەنجانىڭ تەكلىپىگە بىنەئەن لوياڭغا بېرىپ 38يىل ئوقۇتقىچىلىق قىلىپ 116يېشىدا ۋاپات بولغان .

2. مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى سۇجۇپ .
سۇجۇپ —- مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، ئۇيغۇر مۇزىكاشۇناسلىقىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى بۇيۈك نامايەندىسى .
      سۇجۇپنىڭ ھاياتى ، پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن كۇچالىق ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىرىيەچىسى ئىكەنلىكى مىلادى 517-يىلى تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ ئوردا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى ۋە ئۇيەردە «12ئاھاڭ رېتىم قانۇنى» نى كەشىپ قىلىپ «مۇزىكا پىرى» دىگەن ئىنۋانغا ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان .

3. مەشھۇر مائارىپچى پىرخۇيلان .
پىرخۇيلان —–(736-820) مەشھۇر بۇددا مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى . پىرخۇيلاننىڭ ھاياتى ، ئىجتىمائىي پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . تۇللۇقسىز مەلۇمەتقا قارىغاندا 736-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . پىرخۇيلان كىچىكىدىن ئىجتىھاتچان بالا بولغاچقا كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتاپلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىيلىگۈچىسى ، چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق بىلىم ئىگىسى ، مەشھۇر تىلشۇناس ،ئالىم سۈپپىتىدە زور شۆھرەت قازىنىپ ئۆزدەۋرىنىڭ كەم تېپىلدىغان ئۇستازىغا ئايلانغان .
    1737-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 2-يىلى ) ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تۇللۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880-يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنىيەدىن ئالدۇرۇپ كىلىپ كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .

4. ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئاقارى ماندا (بەي مىندا )
ئاقارى ماندا  (تەخمىنەن 7،8-ئەسىرلەردە ) سۇي ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ، داڭلىق تىلشۇناس . سۇجۇپنىڭ شاگىرتى كۇچالىق .  (بەي مىندا ) ئۇنىڭ سمىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بۇلۇپ بەزى ماتىرياللاردا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەگ مانتۇر دەپمۇ ئاتىغان. خەنزۇچە تارىخي مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، ئۇ پادىشاھ سۇي تاپشۇرىقىغا بىنائەن «ياشا »،«پەرىزاتنىڭ مىھمان بولىشى»، «قەدىمىي ئوردىغا قايتىش »،«شاتلىق گۈلى » قاتارلىق 15 نەغمىگە مۇزىكا ئىشلىگەن .

5. مانى دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى مۇيۇنچۇر بۆكۈخان .

6.مائارىپچى ، شائىر كەكمېنىر .
كەكمېنىر(تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرغىچە  ) بۇددىزىم مائارىپىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ياشىغان مائارىپچى ، شائىر ، بۇددىزىم ئۇيغۇر مائارىپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى . كەكمېنىر قەدىمقى مىران (ھازىرقى چاقىلىق ) دىگەن يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇنىڭ  «بالامغا تەلىم» شىئېرىدا مۇنداق مىسرالار بار :
                                                بالام گۆدەك ئۇقۇشقا كۆڭۈل قويمايدۇ ،
                                                كىتاپ ئىچىدە ئالتۇن بار ئۇنى ئۇقمايدۇ .
                                                بىلسە ئىدى كىتاپتىكى ئالتۇن قەدرىنى ،
                                                ئوقۇر ئىدى تاڭ ئاتقۇچە يېقىپ چىراقنى .

شائىرنىڭ يەنە ۋەكىل خاراكتىلىك ئەسىرى 815-يىلى يېزىلغان «چىلبۆرىلەر ئۈستىدىن شىكايەت » دىگەن شىئېرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈربۈت «تىببەت» باسقۇنچىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭچىلىقى ئۈستىدىن كۈچلۈك شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى نامايەن قىلغان .

7. ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر ئوقۇتقۇچى سىنقۇسىلى تۇتۇڭ.

8. مائارىپچى ئاپرىنچۇر تىكىن .
ئاپرىنچۇر تىكىن10-ئەسىردىن كىيىن ئىدىقۇت مائارىپى يىتىشتۈرگەن ئۆز زامانىسىنىڭ ئاتاقلىق مائارىپچىسى ۋە شائىرى . ئاپرىنچۇر تىكىننىڭ ھاياتى ، ئىجتىمائىي پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . مەلۇمەتلادىن قارىغاندا تۇرپاننىڭ بويلۇق دىگەن يىرىدە دۇنياغا كەلگەن . مانى دىنى شارائىتىدە ئۈسۈپ يىتىلىپ ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىسىگە ، مائارىپچىسى ۋە شائىرىغا ئايلانغان . دىمەك ، مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا يىتىشكەن ئاپرىنچۇر تىكىن ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي ، ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىش 8-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى مانى دىنىغا ئىتقاد قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىنىڭ مەدىنيەت ، مائارىپ تارىخىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

9. پىداكار مائارىپچى ، ئارىستوتىلدىن كىيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز ئەبۇ نەسىر فارابىي .
ئەبۇ نەسىر فارابىي (870-950) ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى . ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر ، شەرق پەلسەپىسىنىڭ ئاتىسى ، ئىنسانىيەتنى ئەقلىي ، ئەخلاقى ،ئىستىتىك جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ۋە بەخىت سائادەتكە ئىرىشتۈرۈش يولىدا پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغان پىداكار مائارىپچى . تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئىلىم-پەن . مەدىنىيەت تارىخدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇرۇننىئى ئىگەلىگەن ئىنىسكىلوپىدىك(ئونۋىرسال ھەممە جەھەتتىن يىتىشىپ چىققان )ئالىم فارابى كاشىغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فارابتا تۇغۇلغان دەپ قارىلدۇ . ئۇنىڭ تۇللۇق ئىسمى« ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان » . ئەبۇ نەسىر فارابىي بىزگە ۋە پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي مىراسلار ئۈستىدە ھازىر گىرمانىيە ، فىرانسىيە ، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە ، ئامىرىكا ، سوۋىت ئىتتىپاقى ، ئىران ، ئىراق ، پاكىستان ، چىخوسلوۋاكىيە، ۋىنگىريە ، تۈكىيە ، مىسىر ، سۈرىيە ، ھىندىستان ، ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەر تەرجىمە قىلىش ، تۇنۇشتۇرۇش ، تەتقىق قىلىش ، بۇيىچە زور ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا .    مېنىڭچە بەك تۇنۇشتۇرۇپ كەتمىسەممۇ  كۆپچىلككە تۇنۇشلۇق دەپ قارايمەن.

10. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپ .

11. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى ، جاھان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇت قەشقىرى .
ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى ھۈسەيىن مەھمۇت قەشقىرى(1008-1105 ) قارا خانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، جاھان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى «ئىلىمگە ھۆددىگەر »، «ئىلىم ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى »دەپ نام ئالغان مەشھۇر پېداگوگ ، دڭلىق جامائەت ئەربابى .
سەمىمىي ئەسكەرتىش :  يۇقارقى 3 نەپەر ئالىمىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخىنى بىلمەيدىغانلار ئۆزەڭلىنى بىلىپ ئازراق بولسىمۇ ماتىريال كۈرۈپ چۈشۈنۈپ قۇيۇڭ ..  شۇڭا ئىنىچكىلىك بىلەن تۇنۇشتۇرۇلمىدى …


12. مەشھۇر مۇددەرىس جامالىدىن قەشقىرى .
جامالىدىن قەشقىرى 10-ئەسىردە قارا خانىيلا نىڭ پايتەختى قەشقەردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر مۇددەرىس . ئۇيغۇر كلاسسك مائارىپىنىڭ يىتەكچىسى . ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن  «مەدرىسە ساجىيە » دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بۇيىچە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر جەرراھ (ۋىراچ)لار ، پەيلاسوپلار يىتىشىپ چىققان ، ھەتتا ئۇلاردىن بىرقىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تۇنۇلغان .

13. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ پىشۋاسى ئىمامىدىن قەشقىرى .

14. مەشھۇر ئوقۇتقۇچى  رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى .
رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى —–(؟-1083) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ، مۇتەپەككۇر ، تىببىي ئالىم . رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى قاراخانىيلار پايتەختى قەشقەردە تۇغۇلغان .
كىچىكىدىن تىرىشقان زىرەك بولغاچقا ئۆز زامانداشلىرى تەرىپىدىن «ئەللامە» (ھەممىنى بىلگۇچى ) دىگەن ئالىي ئىنۋانغا ئىرىشكەن . ئۇ تىبابەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ ئاقكىسەلنى بەدىيان ئەرقى بىلەن ، جىنسىي ئاجىزلىقنى مىھرىگىياھ بىلەن ، كۆز ئاجىزلىقىنى ئارپا بەدىيان بىلەن ، قاتارلىق ئىلمىي ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .

15. داڭلىق ئالىم ، مەشھۇر پېدالوگ تاتاتۇڭا .
تاتاتۇڭا (11-ئەسىر ) چىڭگىزخان ۋە چاغاتاي دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر پېدالوگ ، تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچىسى .  بۇ كىشى نەچچە خىل تىلنى بىلىدىغان بولۇپ بىلىمى كەڭ دائىرلىك بولغاچقا نايمان خان تەرىپىدىن ئوردا باش مەسلىھەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن . چىڭگىزخان ئىممپىريىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن چىڭگىزخان بۇ ئالىمنى ئوردىغا  تەكلىپ قىلىپ ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ، چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇل – قىزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان . چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئالىمدا ئۇقۇپ ساۋادىنى چىقارغان .

16. چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى مەخسۇتبەگ .
مەخسۇتبەگ —-  (12-13ئەسىرلەردە) چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ قايتىدىن گۈللەپ ياشنىشى ۋا تەرەققىي قىلشى ئۈچۈن زور توھپىلەرنى قوشقان  تالانتلىق مائارىپچى ، يېزا ئىگىلىك ئالىمى ۋە دۆلەت ئەربابى .
    ئۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇللۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق مىلادى 1260-يىلى كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان «مەدرىسەئىي ساجىيە» نىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەخسۇدىيە » ناملىق ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا «سائادەت» ناملىق داڭلىق كۈتۈپخانىنى تەسسىس قىلىغان .  «مەخسۇدىيە » ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇيدىغانلار كەشمىر ، لاھور ، خۇراسان ، بالاساغۇن ، قىپچاق دالالىرى، ئىلى ۋادىسى ، تارىم بويلىرى قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇغان .

17.  مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېدالوگ يۈسۈپ سەككاكى .
سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ  يۈسۈپ ئىمىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى —-(1160-1228)مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېدالوگ ۋە يازغۇچى .  سەككاكى ياش ۋاقىتىدىلا تىرىشچان بىلىمگە ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغان دىنىي ئىلىم ، تىل-ئەدەبىيات ، ماتىماتىكا ، جۇغراپىيە ، تارىخ، ئىلمىي نۇجۇم ، تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن . يەنە ئانا تىلىدىن باشقا ، ئەرەپ ، پارىس تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن . مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقدىدارىنى يىتىلدۈرۈپ «بايات»مۇقامىنى ئىجارد قىلىپ «9-ئۇستاز »دەپ شۆھرەت قازانغان .

18. چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى مىجىت .

19. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس سارابان .
سارابان يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس ۋە داڭلىق خەتتات . 1343-يىلى توغان تۆمۈر سارابانغا «جىننامىنى » يېزىپ چىقىشنى تەۋىسسىيە قىلغان ، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن ماتىريال توپلاش ئارقىلىق بىريېرىم يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ 135جىلدلىق «جىننامىنى » مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ پۈتتۈرگەن .

20.  كەسپىي تېخنىكا مائارىپنىڭ ئاساسچىسى تۆمۈر تۈبرۈك (لومېڭشەن) .

21. داڭلىق ئوقۇتقۇچى ، دوختۇر يەھيا .

22.  داڭلىق پېداگوگ جامالىدىن قارىشى .
جامالىدىن قارىشى  — (1230-؟) داڭلىق مۇددەرىس ، پېداگوگ ، مەشھۇر ئالىم ۋە تىلشۇناس . مەھمۇد قەشقىرى تىلشۇناسلىق ئىلمىدە باشلاپ بەرگەن ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەرەپ تىلى ، پارىس تىللىرى ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ شۇنىڭ نەتىجىسى سۈپپىتىدە «سوراھۇل لوغەت» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ چىققان . جامالىدىن قارىشى 1273-1274-يىللىرى «ساياھەت خاتىرسى » ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان . بۇ ئەسەر بىزگە ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ھەققىدە مول مەلۇمەتلارنى بىرىدۇ .

23. مائارىپچى شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى .  
مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى — (1366-1465) ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر مائارىپچىسى ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى ۋە ئەللامىسى . ئۇ دەسلەپتە ماۋرائۇنەھىر ، ئالتۇن ئوردا (سەمەرقەنىت)، قىرىم ، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلارنى كىزىپ ئاخىرى ھىراتقا بېرىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ جايدا ياشاپ ،99يېشىدا ھىراتتا ۋاپات بولغان . لۇتفى ئىككى خىل تىلدا (ئۇيغۇر ۋە پارىس تىلى ) شىئېر يازغان بولۇپ ، بىزگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان شىئېرلىرىلا يىتىپ كىلەلىگەن . بەزى مەنبەلەردە لۇتفىنىڭ 20دىن ئارتۇق يىرىك ئەسەرلىرى بارلىغى قەيت قىلىنغان . كىيىنكى تەتقىقات بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .

يەھيا —-  (13-14-ئەسىرلەردە) ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ، يۇئەن سولالىسى كەسپىي مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۆچمەس تۆھپلەرنى قوشقان داڭلىق ئوقۇتقۇچى ، مەشھۇر دوختۇر . «جۇگېڭلۇ» ناملىق تىببىي كىتاپتا يەھيانىڭ ئېچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىنغانلىقى سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى قورقۇنۇچلۇق ۋابا كىسىلىنى ساقايتقانلىقى  قەيت قىلىنغان . شۇ كىتاپنىڭ 22-تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان : رېن زىجاۋ دىگەن كىشى ئېيتىدۇ :« ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلىنىڭ بېشى قاتتىق ئاغىرىپ ، نالە – پەرياد قىلىۋىتىپتۇ . بىر ئۇيغۇر تىۋىپى كىلىپ ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ بىردانە قۇرتنى ئېلىۋەتتى . ھېلىقى قۇرت قاتتىق ، تاشتەك ئىدى . قۇرت بىرئاز ھەركەت قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈلۈپ قالدى ، بالىنىڭ بېشىمۇ دەرھال ساقايدى ». يۇقارقى پاكىتتىن شۇنى بىلىش كىرەككى بۇ ئۇيغۇر تىۋىپى يەھيا ياكى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرسى بولىشى مۇمكىن .

تۆمۈر تۈبرۈك —– 13-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپنىڭ ئاساسچىسى ، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى .

مىجىت —–12-13-ئەسىرلەردە ئۆتكەن  چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ،ئاتاقلىق دوختۇر .  چاغاتايخان تەرىپىدىن ئوردىغا تەكلىپ قىلىنىپ چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى بولغان . ئۇ ئالمىلىقتا سۇنۇق كىسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپىنى ئېچىپ ، داۋالاش ، دورا-دەرمان ياساش ئۇسۇلى ، شىپالىق دورىلارنى يىغىش ، ئوپراتسىيە قىلىش قاتارلىق كەسىپ ۋە مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈپ ئۆز دەۋرى ئۈچۈننۇرغۇنلىغان ۋىراچلارنى تەربىيلىگەن .  چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن .

ئىمامىدىن قەشقىرى —- (تەخمىنەن 11-ئەسىر ) ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ پىشۋاسى . بۈيۈك ئالىم ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئىلمىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى .

يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1016-1090) ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ ۋە قارا خانىيلا دۆلىتىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى . ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ، پەيلاسوپ ، مۇتەپەككۇر ، ئالىم ،شائىر . ئىلىم – پەن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن كۈرەشكۈچى قەيسەر جەڭچى .

سىنقۇسلى تۇتۇڭ(تەخمىنەن 10ئەسىردە ياشىغان )  ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ،داڭلىق تەرجىمان ،ئەدىب،يىتىشكەن تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچى .  سىنقۇسىلى تۇتۇڭ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشىبالىق (جىمسار) دا دۇنياغا كەلگەن .  سىنقۇسىلى تۇتۇڭ ئىنتايىن تىرىشچان ، زىھنى ئۆتكۈر بولغاچقا ئۆزئانا تىلىدىن باشقا يەنە تۇخارتىلى ، ئەنەتكەك-سانسىكىرت تىلى ، خەنزۇ تىلى ، تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا  ئىگەلىگەن .  سىنقۇسىلى تۇتۇڭ نىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئىجادىتي ئەمگىكى  خەلىقئارا تۈكىلوگلار تەرپىدىن «تۈركىي تىللا دىۋانى »،«قۇتادغۇبىلگ» بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدىغان «ئالتۇن يارۇق» (ئالتۇن رەڭلىك نۇر چېچىپ ، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر ) بىلەن «شۇنجۇۋاڭنىڭ تەرجىمھالى »،«ئابخادخارھاكوشاھ» قاتارلىق ئۈچ دانە تەرجىمە ئەسەردىن ئىبرەت .

مۇيۇنچۇر بۆكۈخان (تەخمىنەن8-ئەسىرلەردە ئۆتكەن ) ئۆزدەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەربابى، مانى دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇيغۇر خاقانى ، داڭلىق گىنرال . مۇيۇنچۇر بۆكۈخان (بەزى تارىخىي مەنبەلەردە ئىلىخان دەپمۇ ئېلىنغان  ) ئۇرخۇن ۋادىسىدا ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىلادىنىڭ 744-يىلى كۆك تۈرۈك خانىلىقىنى ئاغدۇرۇپ ،تۇنجى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان كۆل بىلگە قاغان نىڭ ئوغلى بولۇپ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن (747-يىلى) خاقان بولغان . مۇيۇنچۇر بۆكۈخان نەسەپ جەھەتتىن «توققۇز ئۇيغۇر »لارنىڭ «ئىچكى تۇققۇز ئۇيغۇر »لىرىغا تەئەللۇق بولغان ياغلا قار قەبىلىسىدىن كىلپ چىققان .  مۇيۇنچۇر بۆكۈخاننىڭ ئاساس سېلىشى بىلەن كىيىنچە شەرقىي ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇنلىغان مانى ئوقۇتقۇچىلىرى يتىشىپ چىقىپ ، ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەرگىچە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ۋە مانى دىنىنى تەرغىپ قىلىدۇ .

مەنبە: رىشتە تور خەۋەرلىرى مۇنبىرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 03:16  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6014 سەر
تىللا
4153 دانە
تۆھپە
4122 سەر
شۆھرەت
4583 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 13:02:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى شەخسىلەر ھەققىدە بىلىمىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

Rank: 2

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
21 سەر
شۆھرەت
27 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 18:55:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سزگە!بۇنداق بۇيۇكلىرىمز ھەققدە بىلمگە ئىگە بۇلۇش ھەم ئۇلارنىڭ ئىزىدن مىڭش بىزنىڭ بۇرىچمزدۇر.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 14:12, Processed in 0.116008 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش