- تىزىملاتقان
- 2012-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4136
- نادىر
- 0
- تېما
- 51
- يازما
- 759
 
- يوقلىما
- 85
قىزغىنلىق- 1169 سەر
تىللا- 198 دانە
تۆھپە- 841 سەر
شۆھرەت- 844 سەر
| ھەربىرئادەم بىر كىتاپ ◉نەن خاڭ
ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى ھەر بىر ئادەم بىر كىتاب، ئاتا-ئانىىمىز بىزنىڭ نەشرىياتىمىز، تۇغۇلغان كۈنىمىز بىزنىڭ نەشر قىلىنغان كۈنىمىز، كىملىك گۇۋاھنامىمىز بىزنىڭ كىتاب نۇمۇرىمىز.بىز ھەممىمىز 10 ئايلىق بەت ياساش، تۈپلەشتىن ئىبارەت جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاندىن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىمىز. ھەر بىر ئادەم بىر كىتاب، ياشانغانلار تارىخىي كىتاب، ھەربىيلەر جەڭنامە،راھىبلار دىنىي كىتاب، كۆپ-كېزەكلەر مەجمۇئە، پېنسىيەگە چىققانلار ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان كىتاب، يېقىن دوست-بۇرادەرلەر پايدىلىنىش كىتابى، بەدىنىگە خەت ياكى گۈل چېكىۋالىدىغان رەڭدار نەقىشنى مودا بىلىدىغان ياش قىز-يىگىتلەر رەسىملىك كىتاب. ئەگەر سىز سېمىز، كېلەڭسىز بولسڭىز چوڭ فورماتلىق كىتاب، كېلىشكەن، چىرايلىق بولسىڭىز ئۇنداقتا يانچۇق كىتابى. يېشىمىزغا ھەر بىر ياش قوشۇلغاندا، بىزگە بىر بەت قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چالا قويماي بىر يىللىق سۆز-ھەرىكەت ۋە ئىش- پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى خاتىرلىنىدۇ.بوش قالغان قىستۇرما بەت بىزنىڭ بوۋاقلىق چېغىمىز. ئۆزىنىڭ نەچچە بەت بولۇشىنى ھېچقانداق ئادەم بىلمەيدۇ. كىتاب ئاستا-ئاستا ۋاراقلىنىپ، ئاخىرقى بەتكە كەلگەندە، ئاخىرقى خۇلاسە چىقىرىلىدۇ. بىز كىتابنى كۆرۈپ بولغانلارغا كىتاب كۆرۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەكمۇ-قانداق؟ ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، نۇغۇن كىشىلەر پەرداز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقاۋىسىىغا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ زىننەت نۇسخىلىرىنى خىلمۇ-خىل شەكىلدە يېڭىلاۋاتىدۇ. ئۇلار پىلاستىر، قاپلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە خىرە چۈمپەردىلەر تاقىماقتا.بىراق ئۇلار ھەقىقەتەن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى يېڭىلاشنى ئۇنتۇپ، ئەكسىچە گادايلىشىپ كېتىشىگە قارىماي، ئۈنۈمسىز، قاقاسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىر نامراتلىق بىلەن بايلىق ئوتتۇرىسىدا كەسكىن پەرق بولۇۋاتقان جەمئىيەت.نامرات پۇقرالار پەقەت سامان قەغەز، كېرەكسىز قەغەز، كارتون قەغەزنىلا ئىشلىتەلەيدۇ.مەنسەپدارلار ۋە سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئەرباپلار ئالتۇننى قەغەز ئورنىدا ئىشلىتىپ، يۇقىرى باھا قويۇلۇشىنى كۈتىدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئۇلار ئەزەلدىن كىتابنىڭ ھەقىقىي قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ باققان ئەمەس.پەقەت ئۇلار ئۆزلىرىگە ساتقىنلىق قىلىپ، باشقىلارغا پارا بېرىدۇ، ئۇنداق بولمىسا باھانىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەم تېخى ئاخىرلاشمىغان كىتاب. بۈگۈنكى كۈندىكى جۇش ئۇرۇپ باش كۆتۈرۈۋاتقان نام-شۆھرەتكە بېرىلىۋاتقان مۇخلىسلار ‹‹سول قول››ىدا قارىغۇلارچە كۆچۈرمىكەشلىك، ‹‹ئوڭ قول››ىدا ئوغرىلىق قىلىپ، باشقىلارنى قورال كىتاب ئورنىدا كۆرۈۋاتىدۇ. ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق قىلىپ يەڭ سودىسى ياكى پەردە ئارقىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ۋاستە تاللىماي مۇكاپات شەرەپ تاختىسىغا يامىشىۋاتىدۇ. بەزىدە تېخى ئۆلمەي تۇرۇپلا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالغان بۈيۈك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ. ماختاپ تەڭداشسىز بۈيۈك ئەسەر قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇزۇنغا بارماي كۇتۇپخانىدىن ئىبارەت بۇ قەبرىستانلىقتا ئۇلارنىڭ روھىغا ھېچقانداق ئورۇن بېرىلمەيدۇ، بېرىلگەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ. ھەر بىر ئادەم بىر كىتاب، بەلكىم ‹‹ئەسكى ئاقچا بارا-بارا ياخشى بولار›› دېگەندەك قورساقتا قابىلىيەت ۋە بىلىم بولسىلا، ئۈستىباشنى چاڭ-توزان بېسىپ كەتسىمۇ، سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز ئىزچىل بىرى كېلىپ ۋاراقلاپ باقمىسىمۇ ھامان يايمىدىكى ئېچىقلىق كىتاب. پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ سىزنى قەستلەپ كۆمۈپ تاشلىسىمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ باشتىن-ئاخىر بىر ساداقەتمەن ئوقۇرمىنىڭىز بار، ئۇ بولسىمۇ سىز ئۆزىڭىز. ھەر بىر ئادەم بىر كىتاب. يامان ئادەملەر چەكلەنگەن كىتاب، ياخشى ئادەملەر ھامان بازىرى ئىتتىك كىتاب بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ يۈرەك قېنىمىزنى سىياھ قىلىپ ئۆزىمىزنى ياخشى يېزىپ چىقساق، بىزنىڭ تىراژىمىزنىڭ ھەممىسىدە پەقەت بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىمىز بولىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەمنىڭ بارلىقى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان بىرلا نۇسخىلىق بىباھا كىتابتۇر. ‹‹ئوقۇرمەنلەر›› ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى تەرجىمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەنبە :تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
|
|