- تىزىملاتقان
- 2011-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 5883
- نادىر
- 2
- تېما
- 253
- يازما
- 414
 
- يوقلىما
- 181
قىزغىنلىق- 1709 سەر
تىللا- 1252 دانە
تۆھپە- 789 سەر
شۆھرەت- 983 سەر
      
| شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئومومى ئەھۋالى-ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئومۇمىي ئەھۋالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان . ئۇنىڭ شەرقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. جەنۇبى ئاقسۇ ۋىلايىتى ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ، شىخەنزە شەھىرى بىلەن ،غەربى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال قازاقىستان بىلەن ، شىمال رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ،ئەتراپتىن قاراماي شەھىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ . ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى قارايدۇ ھەمدە غۇلجا شەھىرى ،كۈيتۈن شەھىرى ،غۇلجا ناھىيىسى ، قورغاس ناھىيىسى ، نىلقا ناھىيىسى ، كۈنەس ناھىيىسى ، توققۇزتارا ناھىيىسى ، تېكەس ناھىيىسى ، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى ۋە چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىۋاسىتە قارايدۇ . ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدە.2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 4مىليون 83مىڭ 300بولۇپ، ئوبلاسىتقا بىۋاسىتە قاراشلىق نوپۇس 2مىليون 517مىڭ 300، ئاساسلىقى قازاق ، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان . تەبىئىي بايلىقى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تاغلار بىلەن ئورالغان ، ئويمانلىقى كەڭ ، ئوتلاقلىرى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ، مۇنبەت دالا پايانسىز كەتكەن بولۇپ ، جەنۇبىي قىسمىدا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ ، شىمالىدا ئېگىز كەتكەن ئالتاي تېغى بار ، ئوبلاسىتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە ،شەھەرلەر تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان . سۇ بايلىقىدىن ئىلى دەرياسى ، قاش دەرياسى ، كۈنەس دەرياسى ، تېكەس دەرياسى قاتارلىقلار بار .ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، مىس ، ئاق چىرىمتال ، كالىي شىپاتى ، كۆمۈر قاتارلىقلار بار ، ئوبلاست تەۋەسىدە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كېنى–ئاشىلى مىس كېنى بار . ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز ، تاغ ئۆچكىسى ، قوڭۇر ئېيىق ، بۇغا ، بۆكەن ، سۇ بۇلغۇنى ، ئىلى قارا ھەسەل ھەرىسى قاتارلىقلار بار.ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن سوغىگۈل ، چۈچۈكبۇيا ، ئەنجۇدان ،چۇغلۇق ، سېرىقچاي قاتارلىقلار بار . ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتىدا پەرق بىر قەدەر زور بولۇپ ، ئىلى دەريا ۋادىسى مۆتىدىل بەلۋاغ سۇب قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا تەۋە ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 0.2~℃9.1 ، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 200~300، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1200~2300 ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 103~191 كۈن. ئىگىلىك ئىقتىسادى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭدىكى ئاشلىق ، ياغلىق دان ، گۆش ،شېكەر تەمىنات بازىسى . ئالتۇن،مىس ، نىكېل قاتارلىق رەڭلىك مېتاللار ۋە كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ھەمدە ياقۇت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. سانائىتى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، كان مەھسۇلاتلىرى خام ئەشيا قىلىنغان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، توقۇمىچىلىق ، كۆن–خۇرۇم ، سۈت مەھسۇلاتلىرى ، قەنت ئىشلەپچىقىرىش ،كۆمۈر ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ،چويۇن ئېرىتىش ، ئالتۇن ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، يېمەكلىك ، تاماكا قاتارلىق 50خىل قاتارلىق كەسىپ بار ، تۈرى تولۇق ھەم بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە ، شىخۇ پىۋىسى ، ‹‹سىفاڭ›› قەنتچىلىكى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار ۋە كارخانىلار شەكىللەنگەن .دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ،شال، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار . چارۋىچىلىقى ئوتلاق باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى ، ئىلى ئېتى ، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ۋە جۇڭگو مېرىنوس قويىنى يېتىشتۈرىدىغان ئاساسلىق بازا . قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى : ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېگرا بويىدا قورغاس ،دولات ، مۇزارت ، قاتارلىق دۆلەت1–دەرىجىلىك پورتتىن توققۇزى بولۇپ ، ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كىرىشتىكى تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ . دۆلەت يولى 218–لىنيىسى پۈتۈن ئوبلاست تەۋەلىكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت يولى 217–لىنيىسى ۋە ئۆلكە يولى 316–لىنيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . ئىلى ئوتلاقنى مۇھىم ئالاھىدىلىك قىلغان گۈزەل ساياھەت رايونى بولۇپ ، چاشى ، تاڭبالى ، نارات قاتارلىق جايلار ئوتلاق خەلقىنىڭ ئۆرپ–ئادىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان داڭلىق ساياھەت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ . مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شات قەدىمىي شەھىرى ، بوزدۆڭ ئۇسۇن قەدىمىي شەھىرى ، گېدېڭ ئابىدىسى ۋە ئوتلاق قىيا تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار . مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
|
|