پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 0

جايلارنىڭ ئومومى ئەھۋالى-قۇمۇل ۋىلايىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
181
قىزغىنلىق
1709 سەر
تىللا
1252 دانە
تۆھپە
789 سەر
شۆھرەت
983 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 01:56:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئومومى ئەھۋالى-قۇمۇل ۋىلايىتى
ئومۇمىي ئەھۋالى : قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ، شەرقىي گەنسۇ ئۆلكىسى ، جەنۇبى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ، غەربى تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ ، شىمالى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ . قۇمۇل ۋىلايىتىگە قۇمۇل شەھىرى ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە ئاراتۈرۈك ناھىيىسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قۇمۇل شەھىرىگە جايلاشقان . 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 524مىڭ 900بولۇپ ، ئاساسلىقى خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان .
      تەبىئىي بايلىقى: قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرىسى ئېگىز ، جەنۇب ، شىمالى پەس بولۇپ ، ئوتتۇرا قىسمى تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ، شىمالىي قىسمى ساي تۈزلەڭلىك ، جەنۇبىي قىسمى ئويمانلىق ، سۇ بايلىقىدىن تەڭرىتاغ قار–مۇزلىرىنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن 140دىن ئارتۇق دەريا ۋە يەر ئاستى سۈيى بار . بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر ، تۆمۈر ، نېفىت ، تەبىئىي گاز ، مانگان ، ۋانادىي ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس ، نىكېل ، تۇز ، گلاۋبېر تۇزى ، فۇلۋىك كىسلاتا ، تاش ماتېرىيالى قاتارلىق 76خىلى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە فۇلۋىك كىسلاتانىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ . گرانىت تاشلاردىن تەڭرىتاغ كۆكى ، يۇلتۇزلۇق قاتارلىق قىممەتلىك كۆك گرانىتلار دۆلىتىمىزدە پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ . ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، يىلپىز ،قوڭۇر ئېيىق ، قىزىل تۈلكە ، ئاق ئاغمىخان ، قارا تايغان بۇغا ،سۈلەيسۈن ،ئارقار، جەرەن قاتارلىقلار بار . ياۋايى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن زاراڭزا، چاچ سەي ،سوغىگۈل ، يالغان مېھرىگىياھ، ئەنجۇدان ، قانتېپەر ، پەربۇن ،يالپۇز، قورچاققول ،چاكاندا، تاغ لەيلىسى قاتارلىقلار بار .قۇمۇل ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىم رايون تىپىگە كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃5.2، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى121.00 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2124.7 مىللىمېتىر،يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 163كۈن.
      ئىگىلىك ئىقتىسادى:قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى كەڭ ،ماددىي ئەشيا بايلىقى مول، يېرى مۇنبەت بولۇپ ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي ، كۆممىقوناق ،پاختا ،قۇلماق، ئۈزۈم ، قوغۇن ،چىلان،قاتارلىقلار چىقىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم ،قوغۇن ۋە چىلان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر . سانائەت ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ،ئېنېرگىيە ، خىمىيە سانائىتى ۋە كانچىلىق كەسپى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان .ئاساسلىق تۈرلەردىن كۆمۈر ،ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ،توقۇمىچىلىق ،قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ،تاش ماتېرىيال ، ئالتۇن قېزىش ، نېئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى، چىرىندى كىسلاتا ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىقلار بار . سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن تۆمۈر رۇدىسى ، سېمونت ،گرانىت ،پاختا يىپ،كۆمۈر ،ئۈزۈم ھارىقى ،سۇيۇقلۇق سۈت، خام تۇز قاتارلىقلار بار .
      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: قۇمۇل ۋىلايىتى ‹‹شىنجاڭنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ››دېگەن نىمغا ئىگە بولۇپ ، لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈر يولى ، دۆلەت تاشيولنىڭ 312–لىنيىسى ۋىلايەت تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ، تاشيول ،تۆمۈر يولدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ‹‹قان تومۇر››شەرقتىن غەربكە قوش يۆلىنىشلىك تارقالغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن ،ئۆلكە يولىنىڭ 302–،303–لىنىيىلىرى قۇمۇلنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالدىكى ئاساسلىق تاشيوللارغا تۇتاشتۇرغان .تۆمۈرتام دۆلەت 1–دەرىجىلىك پورتى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيىگە ئېچىلغان مۇھىم سودا يولى . قۇمۇل ئىلگىرى قەدىمى ‹‹يىپەك يولى››نىڭ شىمالىي يېڭى يولىدىكى مۇھىم قانال بولۇپ ، ساياھەت بايلىقى مول، ھەيۋەتلىك قارلىق چوققىلىرى ،قويۇق ئورمانلىرى ، كەڭ يايلاقلىرى ،سىرلىق كۆللىرى بولۇپلا قالماستىن ،يەنە قەدىمىي شەھەر ،قەدىمىي قەبرە ، قىياتاش سىزمىلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلىرى ، نامى جۇڭگو  ۋە دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئاقتاش مەنزىرە رايونى ۋە سۈڭگۈچتام مەنزىرىسى، تارىخى ئۇزۇن تاشۋېلىق قىياتاش سىزمىلىرى ، لاپچۇق قەدىمىي شەھەر خارابىسى ۋە بەيياڭگۇ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى ، ئاجايىپ ئوخشىتىپ ياسالغان خىلمۇخىل قىياپەتتىكى كۇڭمىڭلۇ تەبىئىي غەلىتە تاشلىرى ، شەيتانكەرىش ۋە ئەتراپى يايلاق بىلەن ئورالغان ھەيۋەتلىك سار چوققا قاتارلىقلار بار.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ مەڭگۈ بىراۋنىڭ كۆلەڭگۈسى بۇلۇپ قالىسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 14:42, Processed in 0.098471 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش