پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 3

نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
94
قىزغىنلىق
1396 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
880 سەر
شۆھرەت
1076 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 18:43:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى



1.  نورۇز ئېشى ئېتىش  ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار ( 10 كىشىلىك )

قوي قوۋۇرغا گۆشى  1كلو ، قوي باڭزىسى 2 دانە ، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ،
بۇغداي 1كلو ، كۆكباش قوناق 200گرام ، نوقۇت 200 گرام ، گۈرۈچ 100 گرام ، كۆكپۇرچاق  100گرام ، ماش 100 گرام ، تېرىق 100گرام ، ئارپا 100گرام ، قىزىلپۇرچاق 100 گرام  .
   سۇ ماي  200 گرام ، قىزىلمۇچ  500 گرام، سەۋزە 1باش ، پىياز 1 باش ، پەمىدۇر 2 دانە ، ئاش كۆكى 100 گرام ، چانغۇر  500 گرام ، تۇرۇپ 200 گرام ، زەنجىۋىل 50 گرام ، سامساق 100 گرام ،
  تۇز يېتەرلىك ، ئاچچىقسۇ  100 گرام ، قېتىق 50 گرام ، ئاقمۇچ 20 گرام ، شېكەر  30 گرام

2. تەييارلاش  جەريانى :

1. سائەت بۇرۇن  بۇغداري ، پۇرچاقلار ، نوقۇت ، ئارپا ، تېرىق ، ماش قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى ئايرىم ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ .   كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.

2.   بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن  باڭزىلار سېلىنىپ  يېتەلىك سۇ  ( 10 كلو ) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ . ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ .

3. شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا   ، سەۋزە ، چامغۇر ، قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر ، تۇرۇپلار  كىچىك  چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ ،   سامساق ، پىياز ، زەنجىۋىللەر  چانىلىدۇ ، ئاشكۆكى  2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ .  لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ
4.   قازاندىكى شورپىغا  چىلانغان  بۇغداي قاتارلىقلار  ۋە گۈرۈچ ، چامغۇر ، سەۋزە ، تۇرۇپ قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ  كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن  پات - پات  ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك .  
5. يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا  توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن  ، پىياز ، سامساق  ، زەنجىۋىل ، تۇز قىزىلمۇچ ، تۇز ، شېكەر ، ئاقمۇچ ، ئاچچىقسۇ   ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ ، تەييار قىلىنىدۇ .
6. قازاندىكى  بۇغداي قاتارلىقلار  پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، قېتىقنى قۇيۇپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇ پ  ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما  ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .

  ئالاھىدىلىكى :    بۇ تۈركى ، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ  ،  بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تۇزلۇق ، تاتلىق ، ئاچچىق ، چۈچۈك ، مەززىلىك ، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق.

مەنبە:ئالمىزار تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-21 12:27  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 14:28:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇرتىمىزدا چوڭ داشقازانلاردا ئېتىلگەن نۇرۇز ئېشىنى ئىچىپ باققان . بەك تەملىك بولىدۇ. چوڭلارنىڭ دىيىشىچە نۇرۇز ئېشىنى ئىچكەن كىشىنىڭ چىشى ئاغرىمايدىكەن .
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1168 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 14:25:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرۇز ئېشى ئىچىپ باقمىغان. خۇرۇشلىرىدىن قارىسام بەك تەملىك ئوخشايدۇ، ئاللاھ خالىسا بۇيىل چۇقۇم ئىچىپ باقىمەن!!!!!!!!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1396 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
880 سەر
شۆھرەت
1076 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:25:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى مىرشاپ بېگىم، نورۇز ئېشىنىڭ قازىنىنى قەيەردە ئاسماقچى بۇلۇۋاتىسىز؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-21 12:28  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 14:13, Processed in 0.117202 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش