پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1058 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 855|ئىنكاس: 9

خاپا بولماي ئويغۇرچە گەپ قىلسىڭىز!!![ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
89
قىزغىنلىق
818 سەر
تىللا
595 دانە
تۆھپە
614 سەر
شۆھرەت
710 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 18:36:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خاپا بولماي ئويغۇرچە گەپ قىلسىڭىز!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


                                          ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ،  
                                         ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا.  
                                         يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!!
                                        بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا

تىلمىزدىكى سۈيئستىمال قىلىنغان سۆزلەر ھەم « خەن » لىشىشكە يۈزلىنىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدۇ!!  
مەن ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئىشلىتىمەن دىگەن كىشىنىڭ ئاغزىدىنمۇ يۈز پىرسەنتلىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ چىقمايدۇ .......   
بۇنى زادى نىمىگە باغلاپ تەھلىل قىلىش كېرەك ؟؟   
تارىخ ؟ تەرەققىيات ؟ ۋەزىيەت ؟ يا بولمىسا مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ؟ ;
بۇنىڭغا مۇكەممەل جاۋاب بىرىشكە ئامالسىزمەن.  
نۆۋەتتىكىسى بىزنىڭ تائاملىرىمىزدىكى ئاتالغۇ ، ۋە ئەسلى ئاتالغۇ !  
1.سۇ پولۇ ئەمەس،گۆشسىز پولۇ  .
2.جىيامەن ئەكىلىڭ ئەمەس،چۆپ ئەكىلىڭ دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.  
3.خوگو ئەمەس،داڭقان شورپىسى.  
4.داپەنجى ئەمەس،توخۇ قورۇمىسى(يۇمتال،ئېلكىتاب ،ئېلخەت ...دېگەندەك يېقىشلىق ئاتالغۇلىرىمىز چىقتى،مۇشۇنداق نام-نىشانسىز قالغان تاماقلىرىمىزغىمۇ مۇشۇنداق ئەپچىل ئسىملارنى ئويلاشساق بولاتتى.)
5.بەممىيەن ئەمەس!!!!!لەغمەن .
............................................................................................  
خاپا بولماي « ئۇيغۇرچە » گەپ قىلسىڭىز !!

ئائىلىدە....
يولدىشى : كېلەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ چوڭلارنى بىر يوقلاپ كىلەيلى !   
ئايالى : مەن بارالمايمەن .... كېلەر ھەپتە يەنە چۇچەي (كاماندوروپكا) گە چىقىمەن .
يولدىشى : چۇچەي ؟؟؟؟؟؟
ئايالى : كاماندوروپكىچۇ ؟
يولدىشى : ئەمسە ئەتىچۇ ؟   
ئايالى : مەن ئەتە جىبەر (نۆۋەتچى ) بۇلۇپ ئىشلەيمەن ...  
يولدىشى : نىمە ئۇ چۇچەي ، جىبەر دىگەن ؟ ؟؟ ؟ ؟ ؟؟ ؟ خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز
  
تېلفۇنخانىدا ....  
ئالىم : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !   
ئەخمەت : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !  
ئالىم : مەن گۈلنار بىلەن ئالاقىلىشالماي قالدىم ، ياردەم قىلسىڭىز ..  
ئەخمەت : ئۇنىڭ شوۋجى (يانفۇن)سى يوق ..
ئالىم : شوۋجى ؟؟؟؟؟
ئەخمەت : يان تىلفۇن دەيمەن ...  
ئالىم : ئەمىسە ئۆيىنىڭ نۇمىرىچۇ ؟؟
ئەخمەت : ياۋ سەن با . ...........
ئالىم : خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز!!!

تورخانىدا ...  
قەيسەر : ئاداش ! ئاۋۇ يەردە ئىككى جىزا (كومپيوتىر )باركەن.
قۇدرەت : ئىككى ئۇرۇن دە !
قەيسەر : ھە ئىككى ئۇرۇن .... مەن بېرىپ لىن شى كا (ۋاقىتلىق كارتا ) بېجىرىپ كىلەي ..
قۇدرەت : نىمۇ ئۇ لىن شى كا دىگەن   
قەيسەر : ۋاقىتلىق كارتىچۇ ؟
قۇدرەت : ھە !!!!!!
قەيسەر : ماۋۇ جىزى (كومپيوتىر) نىڭ شۇ بىياۋ (مائۇس) سى يوقكەن ..
قۇدرەت : ئاداش ، جېنىم ئاداش ! خاپا بولماي ئۇيغۇرچە گەپ قىلساڭ....
   
ئاشخانىدا ....  
خېىرىدار : ئاشخاناڭلاردا ئايرىمخانا بارمۇ ؟   
كۈتكۈچى : يازورما ؟!؟!  
خېرىدار : ئايرىمخانا دەپ ئىشلىتىڭ !
كۈتكۈچى : بار ، قېنى ئىچكىرگە مەرھەممەت !   
خېرىدار : بىزگە ئىككى تەخسە لەغمەن ئون زىخ كاۋاپ !
كۈتكۈچى : سەل تەخىر قىلىڭلار   
خېرىدار : بىزگە بىر چىنە ئاش سۈيى ، بىرتەخسە چۆپ ئەكىرىپ بەرسىڭىز  
كۈتكۈچى : ميەنتاڭ (ئاش سۈيى ) بىلەن جىيامەن (چۆپما ) ؟؟  
خېىرىدار : جېنىم ئۇكام ! خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز ....

يولدا  
A : كەچۈرۈڭ بۇ يەردە بىرەر خۇابا (تېلفۇنخانا ) بارمۇ ؟
B : تىلفۇنخانا دەمسىز ؟ ئالدىڭىزغا 100 مىتىر مېڭىڭ ..  
A: تىلفۇنغا پۇل چۇڭلى(قاچىلىغىلى ) قىلغىلى بولامدۇ ؟
B: پۇل چۇڭلى قىلغىلى بولمايدۇ ... پۇل قاچىلغىلى بۇلىدۇ ...
A: نىمە ؟
B: .................................... بۇندىن كىيىن خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز
  
ئىشخانىدا....
كاتىپ : خوجايىن بۈگۈن ماڭا چىڭ جىيا (رۇخسەت) بەرسىڭىز ...   
خوجايىن : پۈتۈن كۈنما ؟
كاتىپ : ياق ! بەنتىيەن (يېرىم كۈن ) ....
خوجايىن : نىمە ئىش قىلاتتىڭىز ؟  
كاتىپ : بىر دوستۇمنى سۇڭ لى (ئۇزۇتاتتىم ) قىلاتتىم  
خوجايىن : رۇخسەت بەرسەممۇ بىرەي .... بۇندىن كىيىن خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز
  
دەرسخانىدا ...
تايىر : ئاداش ! گاۋكاۋغا (ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا )بەك ئاز قالدى ، بۇلى (تۇلۇقلايدىغان)قىلىدىغان دەرسلىرىم بەك كۆپ مىنىڭ...   
تۇرسۇن : نىمۇ ئۇ بۇلى قىلىدىغان دىگەن ؟؟؟  
تايىر : تۇلۇقلايدىغان دەرسلىرىم دىمەكچى .
تۇرسۇن : قايسى پەندىن
تايىر : شۇ شۆ (ماتىماتىكا ) بىلەن خۇاشۆ (خېمىيە )   
تۇرسۇن : جىنىم مىن كاۋ خەن ئادىشىم ئۇيغۇرچە سۆزلىسەڭ قانداق ؟؟

دەرۋەقە تىلمىزغا سېڭىپ كىرىۋاتقان مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ساماندەك ....  
ئاغزىمىز قانداق سۆزلىسە شۇنداق كۈنىدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز .. ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىساق ..  
ئەگەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى يوق سۆز بولسا مەسلىھەت بىلەن ئاتالغۇسىنى تاپساق !

1. « ۋاڭبا » 网吧 = تورخانا
2. « شۇجى » 手机 = يانفۇن
3.« چاۋشى » 超市 = تاللا بازىرى
4. « دۈۋەن شىن » 短信 = قىسقا ئۇچۇر   
5. « گاۋداڭ » 高档 = ئىسل
6. « جىيامەن » 加面 = قۇشۇلما چۆپ  
7.« بەن چې » 班车 = نۆۋەتچى ماشىنا   
8. « خۇا فېي » 话费 = تىلفۇن ھەققى
9. « گاۋ كاۋ » 高考 = ئالى مەكتەپ ئىمتھانى  
10 . « نۇيۇ زەيكۇ » 牛仔裤 = پادىچى ئىشتان )
11. «شۇيۇ شەن » 秀鲜 = كۆركەم
12. « يىيجىيا » 依架 =كىيىم ئاسقۇچ
13.« بىڭجىلىن » 冰淇淋 = مۇز قايماق
14. « يېچاڭ » 夜场 = كىچىلىك مەيدان   
15 . « جىزە » 机子 = ماشىنا  
16.« سەي لېڭ » 彩铃 = رەڭلىك قۇڭغۇراق  
17 . « جىيى ۋۇ » 街舞 = كوچا ئۇسۇلى  
18. « جۇجى » 主机 = باش ئاپرات   
19 . « بۇكاۋ » 补考 = تۇلۇقلىما ئىمتىھان
20. « دا پەنجى » 大盘鸡 = چوڭ تەخسلىك تۇخۇ قۇرۇمىسى
21. « ما بۇ » 抹布 = سۈرتكۈچ
22. « شىن شى » 信息 = ئۇچۇر
23. « شۇبىياۋ » 鼠标 = چاشقىنەك
24. «چۇ كۇەن جى » 取款机 = پۇل ئېلىش ماشىنىسى
25. « خوگو » 火锅 = ساماۋەر شورپىسى  
26 . « گۇاڭ چاڭ » 广场 = خەلىق مەيدانى  
27. « شۆ فېي » 学费 = ئۇقۇش پۇلى
28. « جىاڭ جىن » 奖金
39. « لۈۋ شېيى » 旅鞋 =ساياھەت ئايىقى   
40. « خو چى جىيەن » 火车站 = پويىز ئىستانىسى  
41.« سەن تىڭ جى » 餐厅纸 = تاماق قەغىزى   
42. « دىيەن زى يوۋ جىيەن » 电子邮件 = ئىىلكتورۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى   
43. « جۇاڭ شىيۇ » 装修 = زىننەتلەش  
43 .« چۇزۇ » 出租 = تاكىسى
44. « سۇلىياۋ » 塑料 = خاشو  
45. « ئېر جى » 耳机 = نائۇشنىك
46. « پىجىيۇ » 啤酒 = پىۋا   
47. « شى مىيەن نەي » 洗面奶 = يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقى
مەنبە: چىمبۇلاق مۇنبىرى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
admin + 5 + 5ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 5 تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 20:23:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ئېيتىدۇ. ئۇيغۇرتىلى بۇزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. يۇقارقى تىمىڭىزدىن نۇرغۇن خەنزۇچە سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.رەھمەت ..
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!

Rank: 4

قىزغىنلىق
232 سەر
تىللا
63 دانە
تۆھپە
193 سەر
شۆھرەت
222 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 18:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىم دىسەك بۇلار .بەزدە تۇيمايلا ئارلاش گەپ قىلىپ قالمىز ،بۇ تىل ئۈگنىش بېسمىنىڭ نەتجىسمىدۇ ؟

Rank: 1

قىزغىنلىق
11 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
11 سەر
شۆھرەت
12 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 19:02:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئېغىز قېتىپ قۇياي:«取款机»---- پۇلدان

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
175 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
109 سەر
شۆھرەت
127 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 20:42:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز،  ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىغىنى ساقلىشىمىز  كېرەك.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
546 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
387 سەر
شۆھرەت
427 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 16:46:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت!
ئانىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك  بولسۇن!مىھرىبانلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلە

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1170 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
842 سەر
شۆھرەت
845 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 14:43:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئاۋۋال ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۈگىنەيلى!!!!!!!!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
109 سەر
تىللا
49 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاھەمكارداش

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 21:36:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇياخشى تىمىكەن،ئويلىسام مەندىمۇ بۇنداق ئارلاش سۆزلەپ قۇيىدىغان ئىش مەۋجۇت. خەنزۇچىغا چالا بولمىسا .
ئېختىمال بۇمېنىڭ ئانا تىلىمىزغا ئاجىز ئىكەنلىكىمنى بۈلدۈرەمدىكىن دەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   艾合买提江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-5 21:37  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
463 سەر
تىللا
531 دانە
تۆھپە
319 سەر
شۆھرەت
205 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 01:18:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلى-ئانا تىلىم!!!!!!
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1769 سەر
تىللا
1096 دانە
تۆھپە
899 سەر
شۆھرەت
965 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 14:09:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا دېگەن شۇمۇ ئەمدى... ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-4 19:10, Processed in 0.112631 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش