تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3168 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • tursunjan تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلار بارتۇرۇپ نىمىشقا تىما تەستىقلانمايدۇ ؟

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئات بوش توپىدا ئاسان مۈدۈرۈپ كېتىدۇ، ئادەم شېرىن-شېكەر سۆزلەر ئىچىدە ئاسان يىقىلىپ چۈشىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇلنى خۇدا دەپ بىلگەن كىشى ئاقىۋەت چۈشىدە ئالۋاستىنى كۆرۈپ قارا باسىدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 23:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۈشمىنىڭ ناچار- يامان سۆزلىسە ،سەن ياخشى سۆزلە،سىنىڭ ھۆرمىتىڭگە نوقسان يەتمىسۇن.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايالنىڭ ئۇششاق نوقسانلىرىنى كەچۈرەلمىگەن ئەر،ئۇلارنىڭ بۆيۈك پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 17:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇغرا نىيەت ۋە ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيىلىنىشى لازىم.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 10:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىيتىڭ تۈز بولسا ئالقىش ياغىدۇ، نىيتىڭ پاك بولسا ئالقىش ياغار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    چاشقان ئۇۋىسىنىڭ يېنىدىلا مۈشۈكنى مازاق قىلالايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    بوران دەرەخنىڭ چۇڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا بېرىدىغان ئەڭ موھىم نەرسىسى پۇل ئەمەس، بەلكى  مېھرى-مۇھەببەت.

  • مەرزىيە ئۈلۈشكۈن 19:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى خوتۇننىڭ كۆڭلى ئوچۇق،ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ،ئۇنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،

  • ئوغلانبەگ ئۈلۈشكۈن 19:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىغ يارىسى ساقىيار،دىل يارىسى ساقايماس.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 10:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىيتى يامان گىپىدىن بىلىنەر .ئۇستا داپچى دېپىدىن بىلىنەر

  • ♣59_dum大_三_8 ئۈلۈشكۈن 00:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر ئۇرغۇچى بۇلمىساڭ بازغان ،    سەندەل بۇلۇپ ئاستىدا قالسەن ھامان....!

كۆرۈش: 1561|ئىنكاس: 14

سىزدە يەنە كۆز بارمۇ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

396

تېما

52

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
92
قىزغىنلىق
4740 سەر
تىللا
2076 دانە
تۆھپە
7154 سەر
شۆھرەت
3312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 16:45:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە يەنە كۆز بارمۇ؟

ئامان


بۇ شېئىرىمنى ‹‹ نۇرى›› نىڭ ‹‹قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟››دىگەن شېئىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يازدىم ۋە ئايرىم تېما قىلىپ يوللىدىم

كۆز دىگەن ھايۋاندىمۇ بار،ئىت،ئىشەك،مۈشۈكتىمۇ،
كۆز ھىساپلاپ يۈرگىدەكسىز ھەتتا تام تۆشۈكنىمۇ،
ئايرىيالماس بۇلۇپ قاپسىز، بىكېرەك–كېرەكنىمۇ،
ئۆچەككە كىرگەن پاقىدەك، ئەقلىڭىز ئۆچەكتىمۇ؟
ئىپپەتلىك دەپ سۆيۈپ يۈرۈڭ،تاز،قوتۇر ئىشەكنىمۇ!

نۇزۇك، گۈلەم ھەم رابىيە ساداقەتنىڭ قىبلىسى،
ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرىغا ئۈگىنىشنىڭ ئۈلگىسى،
قۇچاق ئېچىپ كەلمەكتە تېز،مەينەتچىلىك كۈلبىسى،
زورايمىسۇن دىيارىمدا جاھالەتنىڭ گۈمبىزى،
ئۇيغۇرۇمنىڭ قىممىتى ساختا خۇلۇق،بىزەكتىمۇ؟!

غەرىپلىشىش ئېقىمىدا بۇلغاندىمۇ ئەقلىڭىز؟
ئىزتىراپلىق ھەق سادانى ئاڭلالمىدى قەلبىڭىز،
ماختاشقىلا كۆنۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ئۇ قەلىمىڭىز،
ماختىنىشقا ئامراقكەنسىز، ئاكىيۇمۇ ئەسلىڭىز؟
شەمشات كەبى كۆرەركەنسىز،ئازغان ۋە تېرەكنىمۇ!

بىزدە باردۇر: شەرمى–ھايا،ساداقەتنى يار قىلغان،
نۇزۇك،گۈلەم روھىنى ئەجرى بىلەن خوش قىلغان!
يەنە باردۇر: مەنپەئەتكە ئىپپىتىنى سەر قىلغان،
ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرىنىڭ شۆھرىتىنى يەر قىلغان!
پەرق ئەتمەس بۇلۇپ قاپسىز،گۈل بىلەن تىزەكنىمۇ!

خوتۇنىڭىز بەرگەن يانفۇن قوينىڭىزدا سايرامدۇ؟
ئولتۇرۇشتىن قايتقاندا ئۇ،ئېغىز–بۇرنى ساغلامدۇ؟
تاتلىققىنا ئەركىلەپ شوخ، كۆڭلىڭىزنى ئالامدۇ؟
قانائەتتىن بى مەھەلدە خورىكىڭىز باشلامدۇ؟
روھىڭىزنىڭ يىلتىزى ئەخلەت–چاۋا،پۈچەكتىمۇ؟!

مىڭ ماختىساق تۈگىمەيدۇ،مىللىتىمنىڭ خىسلىتى،
ماختىغانغا تۈزۈتىلمەس، مىللىتىمنىڭ ئىللىتى،
مىللىتىمنى چىرمىۋالدى، ئۆسمىلەرنىڭ كۆپ خىلى،
ئۆتكۈر بۇلۇش كېرەكتىقۇ، ئوپىراتسىيە پىچىقى،
ئۇيغۇرۇمغا سۆيگۈ بار، سىزدىن بۆلەك يۈرەكتىمۇ!

مىللىتىمنىڭ ئىللىتىنى كۆرىدىغان كۆز بارمۇ؟!
تۈزۈتىشكە ئۆتكۈر پىكىر،مەسلىھەت ۋە سۆز بارمۇ؟!
ئاكىيۇنىڭ ئەۋلادىغا مۇنبەرلەردە  تۆر بارمۇ؟!
روھى پۈچەك،ھەزىلكەشنى كۆمىدىغان گۆر بارمۇ؟!
بىلىۋېلىڭ سايىڭىز بار،نەۋرەم ئېتقان چۆچەكتىمۇ!

كۆز دىگەن ھايۋاندىمۇ بار،ئىت،ئىشەك،مۈشۈكتىمۇ،
كۆز ھىساپلاپ يۈرگىدەكسىز ھەتتا تام تۆشۈكنىمۇ،
ئايرىيالماس بۇلۇپ قاپسىز، بىكېرەك–كېرەكنىمۇ،
ئۆچەككە كىرگەن پاقىدەك، ئەقلىڭىز ئۆچەكتىمۇ؟
ئىپپەتلىك دەپ سۆيۈپ يۈرۈڭ،تاز،قوتۇر ئىشەكنىمۇ!
ئۇيغۇرۇمنىڭ قىممىتى ساختا خۇلۇق،بىزەكتىمۇ؟!
شەمشات كەبى كۆرەركەنسىز،ئازغان ۋە تېرەكنىمۇ!
پەرق ئەتمەس بۇلۇپ قاپسىز،گۈل بىلەن تىزەكنىمۇ!
روھىڭىزنىڭ يىلتىزى ئەخلەت–چاۋا،پۈچەكتىمۇ؟!
ئۇيغۇرۇمغا سۆيگۈ بار، سىزدىن بۆلەك يۈرەكتىمۇ!
بىلىۋېلىڭ سايىڭىز بار،نەۋرەم ئېتقان چۆچەكتىمۇ!
تونۇۋېلىڭ ئۆزىڭىزنى، مۇنبەردىكى رۇجەكتىنمۇ!!!
       
مەنبە: ئىجادىيەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 03:20  

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
دىلئۇز + 5 + 3 + 5ياخشى تېما.
ئابلىمىت + 15 + 10 + 15ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
admin + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 25 تىللا + 18 تۆھپە + 25 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

549

تېما

87

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
7915 سەر
تىللا
7318 دانە
تۆھپە
4617 سەر
شۆھرەت
5075 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 19:00:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرى ئەپەندىمگە يەنە شىئېردىن بىرسى كەپتۇ مانا! قېنى نۇرى ئەپەندىمنىڭ جاۋابىنى كۈرۈپ  باقايلى!!
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

124

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2643 سەر
تىللا
1189 دانە
تۆھپە
1598 سەر
شۆھرەت
1355 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 19:05:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە قىزلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدا ئەرلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

0

تېما

47

دوست

2134

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
572 سەر
تىللا
84 دانە
تۆھپە
343 سەر
شۆھرەت
393 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 19:49:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 19:05
مېنىڭچە قىزلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدا ئەرلەرنىڭمۇ  ...

تۇغرا ئېيتسىز ،ئاللاھ ھەممىزگە ئىنساپ بەرسۇن

14

تېما

19

دوست

1032

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
349 سەر
تىللا
117 دانە
تۆھپە
78 سەر
شۆھرەت
129 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 20:21:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم  تىمىڭىزنى تۇلىمۇ ياقتۇردۇم... قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي

800

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8371 سەر
تىللا
5683 دانە
تۆھپە
5588 سەر
شۆھرەت
6182 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 10:10:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرى بۇرادەرنى ئوبدان بىلىمەن !ئۇنىڭ يازمىغىنى كەڭ قۇرساقلىقى ،،يول قويغىنى ،باشقىلار بىلەن تەڭ بولماي دىگنى بولمىسا ھازىرجاۋاپ شائىر ئۇ !مۇنبەردىكىلەر باشقىلارنى دەيدەيكە سېلىپ دىل ئاغرىقى پەيدا قىلمىساق! ئېتتىپاقلىق ھەممىدىن مۇھىم !ھەي نېمە دېسەم بۇلار !دىل ئاغرىقى يامان جۇمۈ!

124

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2643 سەر
تىللا
1189 دانە
تۆھپە
1598 سەر
شۆھرەت
1355 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 10:35:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
火山 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-30 10:10
مەن نۇرى بۇرادەرنى ئوبدان بىلىمەن !ئۇنىڭ يازمىغىنى كەڭ ...

توغرا ئېيتىسىز... ئىتتىپاقلىق ھەممىدىن مۇھىم...

396

تېما

52

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4740 سەر
تىللا
2076 دانە
تۆھپە
7154 سەر
شۆھرەت
3312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 12:01:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش مەرىپەت ۋە پەرىشتە
توغرا توغرا ئېيتىسىلەر. جەمىيەتنىڭ بۇزۇلىشى، ئەخلاقنىڭ پۈچەكلىشىپ قېلىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بۇلۇپمۇ ئەركەكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر.  قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى بولسا، ئەرلەر مىللەتنىڭ تۈۋرىكى.
قارغۇلارچە غەرپكە چۇقۇنۇش،قارغۇلارچە مەدەنىيەتكە ئىنتىلىشنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرى ئىچىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت›› بىزنىڭ  مىللى ئۆزلىكىمىزنى، مىللى خاسلىقىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. جەمىيەتكە نىسپەتەن بىر قەدەر ئويغاق ھىساپلىنىدىغان بىزدەك زىيالىلار، بۇلۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار  بۇنداق تەتۈر ئېقىمغا قارشى تۇرۇشتا بىر قەدەم ئالدىدا تۇرۇشىمىز كېرەكقۇ دەيمەن.
يوللىغان ئىنكاسىڭلارغا رەخمەت.

باھا سۆز

barqin ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭىز .  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 01:46
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

396

تېما

52

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4740 سەر
تىللا
2076 دانە
تۆھپە
7154 سەر
شۆھرەت
3312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 12:15:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇنتاغ ئەپەندىم،
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا ۋە ئىنكاسلار ئىلمىي بۇلۇشى كېرەك،  مانا بۇ ئەدەبى تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى.
ئۆتكەندە مەن يوللىغان ‹‹ بىزدە بۇنداق قىز بارمۇ ›› ناملىق شېئىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشنى كېيىنكى يوللانمىلىرىمدىن كۆرەرسىز.
توغرا ئېيتىسىز، ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق غەلىبە! بىز تورداشلار ئۈچۈنمۇ ھەم شۇنداق. مېنىڭ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش ئويۇم يوق ، مۈمكىن بولسا سىز نۇرى ئەپەندىنىڭ ‹‹ قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟›› ناملىق شېئىرىنىڭ 4- ۋە 5- كۇپلىتلىرىنىڭ ئالدىنقى مىسرالىرىنى  قايتا كۆرۈپ بېقىڭ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

549

تېما

87

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
7915 سەر
تىللا
7318 دانە
تۆھپە
4617 سەر
شۆھرەت
5075 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 16:16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەتنىڭ بۇزۇلىشى، ئەخلاقنىڭ پۈچەكلىشىپ

توغرا دەيسىلەر! قىزلارنىڭ بۇنداق بۇلۇپ قېلىشىدا ھەمىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەمىمىز بىر نىيەتتە بۇ ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنساق، چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ......
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-2-7 13:35, Processed in 0.242843 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش