پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1065 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 454|ئىنكاس: 8

مۇنداقمۇ قوزغىتىش ئۇسۇللىرى بار، دەھشەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
50
قىزغىنلىق
444 سەر
تىللا
394 دانە
تۆھپە
313 سەر
شۆھرەت
372 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 19:35:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ قوزغىتىش ئۇسۇللىرى بار

QQ截图20120128192959.jpg


مەن تور ئارىلاۋېتىپ مۇنداق بىرقانچە خىل ئاجايىپ كومپيۇتېر قوزغىتىش ئۇسۇللىرىنى بايقىدىم، تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

دىققەت: تۆۋەندە دېيىلگەن مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىئانا تاختىنىڭ تەڭشىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا كىرىدۇ، شۇڭا سەل قاراپراق مەشغۇلات قىلارسىز، ئەگەر ھەرقانداق مەسىلە كۆرۈلسە مەن بىردەك مەسئۇل ئەمەس، چۈنكى كومپيۇتېرىم خاتىرە كومپيۇتېربولغاچ تۆۋەندە دېيىلگەن ئىقتىدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سىناشقا پۇرسەت بولمىدى.

يەنە بىرى، ھەر خىل ماركىدىكى ئانا تاختىلارنڭ تەڭشىكى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ، شۇڭا مەشغۇلات قىلغاندا دىققەت قىلىڭ.

1.  ۋاقىت بەلگىلەپ قوزغىتىش

دېمەكچى، سىزۋاقىت بەلگىلەپ قويغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزىۋەتمىسىڭىز كېيىنكى قېتىم ۋاقىت توشقاندا ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ.

شەرتى: ئىشلەتكەن توك مەنبە ATX بولۇشى ، ئاندىن CMOSتەڭشىكىدە Resume By Alarmدېگەندەك تۈرى بولۇشى لازىم.

ئۇسۇلى: قوزغالغاندىن كېيىن CMOSتەڭشىكىگە كىرىپ باش تەڭشەكتىن Power Management setupتەڭشىكىگە كىرىمىز، ئاندىن Resume By Alarmنى Enable گە تەڭشەيمىز. بۇ ۋاقىتتا ئاستىدىكى  ۋە Alarm تۈرى يۇقىرى يورۇقلۇقتا كۆرسىتىلىدۇ،يەنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئاندىن يۆنىلىش كۇنۇپكىسى بىلەن (Date(of Month)Alarm نى ئادەتتە تاللىمايمىز، چۈنكىئۇنىڭ سۈكۈت قىممىتى 0 بولۇپ كۈندە ئاشۇ تەڭشەلگەن ۋاقىتتا دېگەننى بىلدۈرىدۇ.) Time(hh:mm:ss) تۈرىنى تاللاپ ئاندىن ۋاقىتتنى بېكىتىمىز. ھەرقايسى كىچىك تۈرلەرئارىسىدا Page up, Page downكۇنۇپكىسى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز. بۇ ۋاقىت BIOS ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. يەنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ۋاقتى. تەڭشەپ بولۇپ ئاندىن F10كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلايمىز، ئاندىن چكىنىپ چىقىپ قايتا قوزغىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

2.  پارول بىلەن قوزغىتىش

بۇ گەپنى بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز ھەرىكەتلىك فىلىملەردە كۆرگەن ھەقاچان. يەنى كومپيۇتېر توكقا ئۇلاقلىق ھالەتتە قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسماي تۇرۇپلا سىز بەلگىلىگەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىز دەرھال ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ. قانداق پەيزىمىكەن.

شەرتى: CMOSتەڭشىكىدە Set superviosor Password ياكى Set UserPassword تەڭشىكى بولۇشى لازىم.

ئاندىن توك مەنبىيى ATX، كۈتۈش ھالىتىدىكى توك  mA300 دىن كىچىك بولماسلىقى لازىم.

ئالدىنقىسى بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى پارول بولۇپ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسمىساقمۇ مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەن ھامان قوزغىلىدۇ.كېينكىسى ئابونت مەخپىي نومۇرى بولۇپ بۇ يەنە BIOSمەخپىي نومۇرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاۋال قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسىسىز،ئاندىن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزىسىز.

ئۇسۇلى: ئاۋال CMOSتەڭشىكىگە كىرىپ ئاندىن Integrated Peripheralsتۈرىگە كىرىمىز. ئاندىن  Power On Function  دېگەن تۈرنى    Password قا ئۆزگەرتىمىز. بۇچاغدا ئاستىدىكى KB Power OnPassword  دېگەن تۈرى تەڭشەشكە بولىدىغان  ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئاندىن يۆنىلىش كۇنۇپكىسى بىلەن ئاشۇ تۈرنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرىمىز. بۇ چاغدا پارول كىرگۈزۈشنى سورايدۇ،بېكىتىپ ئاندىن مۇقىملاشتۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتىكى پارولغا پەقەت 26 ھەرپ بەلگە ۋە 0-9غىچە سانلارنىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئاندىن F10نى بېسىپ ساقلاپ چېكىنىمىز. تامام.

3.  تېزلەتمە كۇنۇپكا بىلەن قوزغىتىش بۇنىڭ ئۇسۇلى ئالدىدا دېگەن ئۇسۇل بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنى  Power On Function نىڭ ئاستىدىكى تاللاشنى Hot Key غا ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئاستىدىكى Hot Key Power On نى Ctrl+F1~Ctrl+F12  غىچە بولغان دائىرىدىكى تېزلەتمە كۇنۇپكىغا تەڭشەيمىز. ئاندىن ساقلاپ چېكىنسەك بولىدۇ.

بۇندىن باشقا يەنە خالىغان كۇنۇپكا بىلەن قوزغىتىش،مائوسنڭ ئوڭ، سول كۇنۇپكىلىرى بىلەن قوزغىتىش، تېلىفون ئۇرۇپ يىراقتىن قوزغىتىش قاتارلىق بىر مۇنچە ئۇسۇللار بار ئىكەن، لېكىن ئادەتتە ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمىگەندىن كېيىن ئۇنى يازمىدىم. قىززىقىدىغانلار بولسا سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
مەنبە: نۇرقۇت تورى، ئاۋاتار ئەپەندى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 20:45:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باقسام بولغىدەك .
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!

Rank: 2

قىزغىنلىق
43 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 22:42:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پارول بىلەن قوزغىتىشنى سناپ باققانتىم ،  كومپىيۇتىرىم ئىچىلمىدى ،مىمانى باسساممۇ قوزغالمىدى ،كومپىيۇتىرىمدا ھىچ قانداق ئىنكاس يوق .بىر ھەپتە بولدى كومپىيۇتىرىمنى ئاچالمىدىم، قانداق قىلسام كومپىيۇتىرىمنى  قوزغىتالايمەن ، ماڭا ياردەم قىلساڭلار ،قانداق قىلسام قوزغىتالايمەن ،كومپىيۇتىردا  ھىچ قانداق ئىنكاس يوق  ،ئەمدى كومپىيۇتىرىمنى ئشلىتەلمەمدىم ،توكنى ئۈزۇپ قايتا سىناپ باختىم  يانا ئوخشاش  مەن  نىم قىلىشىمنى بىلمىدىم  ماڭا ياردەم قىلساڭلار ، مۇشۇ ئىش تۇپەيلى نۇرغۇن  ئشلىرىم غا تەسىر يەتتى .ئەزىز تورداشلارنىڭ  ماڭا ياردەم قىلىشىنى ،سورايمەن .

Rank: 2

قىزغىنلىق
43 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 23:07:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئشلىتەلمىدىم   كومپىيۇتىرىم .قەتئى ئىچىلمىدى ، قانداق قىلسام ئىچىلىدۇ ،

Rank: 2

قىزغىنلىق
52 سەر
تىللا
58 دانە
تۆھپە
28 سەر
شۆھرەت
36 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 14:06:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز،خاتىرەكومپيۇتېرمۇ ياكى ئۇستەل كومپىيۇتېرمۇ؟

Rank: 2

قىزغىنلىق
43 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:55:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئۇستەل كومپىيۇتېرى  قەتئى ئامال قىلالمىدىم ،ياردم قىلساڭلار ،

Rank: 2

قىزغىنلىق
52 سەر
تىللا
58 دانە
تۆھپە
28 سەر
شۆھرەت
36 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 23:17:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز،راستىنلا ئۇستەل كومپىيۇتېرى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئۇنداقتا مۇنداق قىلىڭ.سىزئاساسى تاختىغاقارسىڭىز ،ئۇچتال يىڭنىىنى كۆرسىز ئۇنىڭ يىنىدا ،SMOSياكىBIOSدىگەن خەت بار.شۇئۇچ يىڭنىنىڭ 1ۋە2-پۇتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان سىم ئاتلاتقۇچ بار.شۇئۇچ يىڭنىنىڭ 1ۋە2-پۇتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان سىم ئاتلاتقۇچنى،2ۋە3-يۆتكەپ10سىكونتتىن كىيىن يەنە جايىغا سىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەربۇسىم ئاتلاتقۇچ  بولمىسا،سىزباتارىيەنى چىقىرۋىلىپ،ئاساسى تاختىدىكى باتارىيە سىلىش ئورنىدىكى ،مىنۇس-پىلۇس قۇتۇپلارنى ماسلاقىلىپ،ئاندىن باتارىيەنى قايتا ئورنىغاسىلىپ كومپىيۇتېرنى قوزغىتىڭ .مەسلە ھەل بولىدۇ.

Rank: 2

قىزغىنلىق
43 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 17:13:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت دوستۇم مەن  سىز دىگەندەك سىناپ باقاي  .

Rank: 2

قىزغىنلىق
43 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 16:24:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت دوستۇم مەن  سىز دىگەندەك قىلسام كومپىتۇتىرىم ئىچىلدى، سىزگە كۆپ رەخمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 22:23, Processed in 0.126794 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش