- تىزىملاتقان
- 2011-11-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-5
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 4745
- نادىر
- 4
- تېما
- 261
- يازما
- 506
  
- يوقلىما
- 96
قىزغىنلىق- 1426 سەر
تىللا- 482 دانە
تۆھپە- 885 سەر
شۆھرەت- 1085 سەر
       
| بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم
تىل تەپەككۇرىنىڭ قورالى، ئەگەر تىل بولمايدىكەن، تەپەككۇرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا ئۇلارنىڭ مېڭە تەرەققىياتىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن باشقا يەنە تىل قابىلىيتىنىڭمۇ تەرەققىي قىلمىغانلىقى سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەقلى ئارقىدا قالغان بالىلارنىڭ ئەقلىنى تولۇقلاشتا ئۇلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭلار بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىدا نۇقسان بارلىقىنى بايقىغان ھامان ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تاۋۇشلارنى جاراڭلىق چىقىرىشىغا، تەلەپپۇزنى ئېنىق، سۆزنى توغرا قىلىشقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تۈرلۈك شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى توغرا ئىگىلىشىگە ھەمدە تۈرلۈك ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە ئاساسەن، ئۇلارغا مەزمۇنى ئاددىي ۋە قىسقا بولغان قىزىقارلىق ۋەقە ۋە ھېكايىلەرنى ئوبرازلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىش، بالىلار ياخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىش، ئەگەر مۇمكىن بولسا بالىلارغا سۆزلەپ ۋە ئېيتىپ بەرگەنلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قايتا سۆزلىتىش ۋە ئېيتقۇزۇش لازىم. ئەقلى ئارقىدا قالغان بالىلارغا داۋاملىق يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارغا تىل مەشىقى قىلدۇرغاندا ئۇلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
|
|