پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1061 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 67|ئىنكاس: 0

بالىلارغا ئەنئەنىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا سەل قارىمايلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
96
قىزغىنلىق
1426 سەر
تىللا
482 دانە
تۆھپە
885 سەر
شۆھرەت
1085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 03:19:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا ئەنئەنىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا سەل قارىمايلى


كامال جامال

 ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روھىدا ئەنئەنە مەدەنىيىتى بولىدۇ. ئەنئەنە رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاندىن مەكەممەللەشكەن بولسا، يەنە تەرەققىياتقا ماس ھالدا بېيىپ ماڭىدۇ. ئەنئەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ئەنئەنە خاسلىقىمىزنى مەلۇم دائىرىدا سۇسلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇنداقتا مائارىپ ئەسىرى بولغان ھازىرقى پەن-تېخنىكا دەۋرىدە ئەنئەنە تەربىيەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتە ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ دەۋىر ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت ئورنىغا قاراش كېرەك. ئەنئەنىلىرىمىزدىكى ئىلمىيلىك، يېتەكچىلىك رولى، ھازىرقى زامان بالا تەربىيەسىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە تولۇق تۇيۇنغان بولۇپ، ئۇ بالا تەربىيەسىدە ئۇنىۋېرسال خاسلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە. 70-يىللارنى ئەسلەپ ئۆتسەم، تاماق ۋاقتىدا دادامدىن بەكلا ئېھتىيات قىلاتتىم. چۈنكى ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يېسەك ياكى قولىمىزنى يۇماي تاماققا كەلسەك دادامنىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەيتتى. ئانام بېشىمىزنى سىلاپ تۇرۇپ، تاماق يېيىش ئادەتلىرى توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئەمدى ئويلاپ باقسام، بىزدىكى غىزالىنىش ئادىتى ۋە جوزا قائىدە- يۇسۇنلىرى ھازىرقى دۇنيا يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ تاجىسى بولالايدىكەن. گەرچە ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىستېمالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بالىلىرىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى قوغلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش تامامەن توغرا، ئەمما بالىلارغا ئەنئەنە ئارقىلىق غىزالىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، بالىلاردا مىللەت روھىغا خاس خارەكتېر يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىندا قوشنىمىزنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى قولىدىكى بولكا ناننى يول ئۈستىگە ئۇۋىتىپ ئويناۋىتىپتىكەن، مەن ئۇنىڭغا: - ھەي ناننى ئىسراپ قىلسا، دەسسىسە يامان بولىدۇ دېسەم، ئۇ: –مەيلى دەپ جاۋاپ بەردى. ئەگەر ئاشۇ بالىغا ئەنئەنە تەربىيەسى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان بولسا، بەلكىم ئۇ ناننى ئۇۋىتىپ ئۇيناش ئەمەس، ناننىڭ ئۇۋىكى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولسا تىرىپ ئېلىۋەتكەن بولاتتى. تۇرمۇشىمىز قانچىلىك دەرىجىدە باياشايات بولسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىختىساتچان بولۇشىمىز كېرەك. بۇ ئەنئەنىمىزنىڭ تەربىيە نىشانى بولسا، بۇ يەنە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تۈپ يولى.

  تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشى بىلەن بالا تەربىيەسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر-يېزىلاردا بالىلار يەسلىلىرى ئومۇملاشتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، بالىلارنى ئەنئەنە تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش، بالىلاردىكى ئائىلە خارەكتېرىنى جەمئىيەت خارەكتېرىگە سىڭدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىلگىرى بالىلارغا ئەنئەنە تەربىيەسى ئاساس قىلىنىپ، ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇپ يېتەكلىنەتتى. شۇڭا بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەمگەكنى سۆيىدىغان، جاپادىن قاچمايدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئاتا-ئانا ۋە چوڭ-كىچىكلەر ئۇتتۇرىسىدا پەدىشەپنى ساقلايدىغان روھىي ھالەت يېتىلەتتى. ئەمدىلىكتە ئەنئەنە تەربىيەسىنىڭ سۇسلىشى بىلەن بالىلاردىكى جىسمانىي ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش روھى مۇھىمى مۇستەقىل ياشاش ئېڭى ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەنئەنە تەربىيەسى ئادىمىيلىكنىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئۇنى قۇرۇتىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كۆكلەپ باراقسان ئۆسسە، باشقىلارغا سايە بېرەلەيدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى شىنجاڭ تارماق تورى


كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 11:12, Processed in 0.097810 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش