- تىزىملاتقان
- 2011-11-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 4656
- نادىر
- 3
- تېما
- 259
- يازما
- 501
  
- يوقلىما
- 94
قىزغىنلىق- 1393 سەر
تىللا- 477 دانە
تۆھپە- 877 سەر
شۆھرەت- 1073 سەر
       
| بىل گايتىس ھەققىدە
بىل گايتىس ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي ھەم داڭلىق ساخاۋەتچى. ئۇ 1955- يىلى 28- ئۆكتەبىردە سېئاتىل شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ۋىليام گايتىس سېئاتىل شەھىرىدە ئادۋوكاتلىق قىلاتتى. ئانىسى مارى گايتىس ئوقۇتقۇچى بولۇپ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى.
كىچىك گايتىس باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆل بويى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ 13 يېشىدا كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىغا قىزىقىپ قالغان. شۇ چاغدا ئۇ ساۋاقدىشى پائۇل ئېللىن دىن Basic تىلى ئۆگەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كومپيۇتېر سىستېمىسى تۈزۈشنى باشلىغان. شۇ چاغدا بۇ ئىككى بالا مەكتەپنىڭ PDP-10 تىپلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان 3000 دوللىرىنى خەجلىۋەتكەن، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇ خىل كومپيۇتېرنى ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەتكە بۇخىل كومپيۇتېرنىڭ سىستېما كەمچىلىكى بارلىقىنى ئىنكاس قىلغان. ھەمدە بۇ كەمچىلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئوڭشىيالايدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئۇلار بىلەن توختام تۈزگەن. بۇنىڭ ھەققىگە ئۇلار PDP-10 تىپلىق كومپيۇتېرغا ئېرىشكەن.
1973-يىلى بېل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بۇ جايدا ھازىرقى مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى ستىۋ بالمېر بىلەن تونۇشقان. ئۇلار ئوقۇۋاتقان چېغىدا بىرخىل MITSAltair تىپلىق كومپيۇتېرغا BASIC تىلى سىستېمىسى تۈزۈپ بەرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 1975-يىلى بۇ ئىككىيلەن ئۆزى تۈزگەن BASIC تىلى سىستېمىسىنى نەشىر ھوقۇقى بىلەن 180 مىڭ دوللارغا بۇ شىركەتكە سېتىپ بەرگەن. بۇ پۇل بىلەن ئۇلار كېيىنكى ئىشلىرىغا پۇختا ئاساس سېلىۋالغان.
1976-يىلى 11-ئاينىڭ 26- كۈنى گايتىس بىلەن ئېللىن مىكروسوفت ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان. بۇ چاغدا گايتىس 21 ياش، ئېللىن بولسا 23 ياشتا ئىدى. كېيىنكى يىلى گايتىس خارۋاردتىكى ئوقۇشىنى توختىتىپ قويۇپ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىغا كېلىدۇ ۋە مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەينى چاغدا MITS نىڭ باش ئىشتابىمۇ مۇشۇ جايدا ئىدى. گايتىس ئىشقا ناھايىتى بېرىلىپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ كاتىپى دائىم ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى پولدىلا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرەتتى. گايتىس قول ئاستىدىكىلەرگە ناھايىتى تەلەپچان ئىدى. ئۇ دائىم قول ئاستىدىكىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ قالاتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇ دائىملا «بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىش بولدى» دەيتتى.
1979-يىلغا كەلگەندە مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى بىر مىليون دوللارلىق كىرىم ياراتتى، ئۇزاق ئۆتمەي مىكروسوفت باش ئىشتابى ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى بېللىۋى شەھىرىگە يۆتكەلدى. 80- يىللار مىكروسوفتنىڭ ئەڭ تېز ئىلگىرىلىگەن ۋاقىتلىرى ئىدى. 1980-يىلىنىڭ بېشىدا گايتىس IBMشىركىتىنىڭ شەخسىي كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تۈزۈپ بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار 50 مىڭ دوللارغا بىر سىستېمىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا DOS دەپ ئىسىم قويۇپ بازارغا سالدى.
1983- يىلى 11- ئايدا windows دۇنياغا كەلدى. ئۇ MS-DOS تىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن ئىدى.
گايتىسنىڭ بايلىق يىلنامىسى (ئامېرىكا دوللىرى)
1986- يىلى 3 يۈز 15 مىليون.
1987- يىلى 1 مىليارد 2 يۈز ئەللىك مىليون.
1990- يىلى 2 مىليارد 5 يۈز مىليون.
1995- يىلى 14 مىليارد 8 يۈز مىليون.
1997- يىلى 39 مىليارد يۈز مىليون.
1999- يىلى 85 مىليارد.
2000- يىلى 63 مىليارد.
2008- يىلى 58 مىليارد.
ئۇ كۈنىگە 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىدۇ، بۇ سېكۇنتىغا 250 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ دېگەن گەپ. ئەگەر بېل گايتىسقا يولدا مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئۇچرىسا، ئۇ بۇ پۇلنى تېرىۋالىمەن دېسە ۋاقىت ئىسراپ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى يەردىكى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن تۆت سېكۇنت ۋاقىت يەتمەيدۇ. ئەمما بۇ تۆت سېكۇنت ۋاقىتتا بېل گايتىس ئاللىقاچان مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ بولغان بولىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىشى مايكىل جورداننىڭ يىللىق كىرىمى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئەگەر ئۇ بېل گايتىسقا يېتىشىۋېلىشنى ئويلىسا مۇشۇ سەۋىيە بىلەن يېمەي ئىچمەي 277 يىل تىرىشسا ئاندىن ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدۇ.
|
|