پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1058 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 0

توشقاننىڭ ئۆلۈۋېلىشى (تەرجىمە ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
50
قىزغىنلىق
444 سەر
تىللا
394 دانە
تۆھپە
313 سەر
شۆھرەت
372 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:19:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توشقاننىڭ ئۆلۈۋېلىشى (تەرجىمە ھېكايە)



توشقان فوتنىڭ يېقىندا تەلىيى تازا ئوڭدىن كەلمىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق بىللە ياشىغان دوستلىرى ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى؛ ئۇ دائىم بېرىپ تاماقلىنىدىغان ئېتىزلىقنى خوجايىن قاشالاپ قويدى؛ تېخىمۇ يامان بولغىنى تۈلكە ئۇنىڭ بىر قولىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋالدى، ئەگەر تېز يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتمىگەن بولسا، تۈلكىنىڭ بىر ۋاق مىززىلىك تامىقى بولۇپ كەتكەن بولاتتى. فوت ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە بۇ دۇنيادىكى ھەسرەت، ئاچلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىيىتىگە كەلدى. ئەمما فوت بىر مەسىلە ئۈستىدە نۇرغۇن باش قاتۇردى، قانداق ئۆلىۋېلىش كېرەك؟
  فوت ئۆلىۋېلىش توغرىسىدا توختىماي ئىزلەندى، ئىنسانلارنىڭ ئۆلىۋېلىش ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل ئىكەن، نىمىشقا توشقانلارنىڭ بىرىمۇ يوق. بىر كۈنى ئۇ ئۆلىۋېلىشنىڭ تولىمۇ ئاددىي ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپتى، يەنى نەپەسنى بوغۇش، ھاۋا بولمىسا ھەممە تەبىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇ بۇ خىل ئۆلىۋېلىش ئۇسۇلىنى نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلدى، ھەر قېتىم ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇ پەقەتلا چىدىيالماي ئاغزىنى ئېچىۋالاتتى. ئەڭ ئاخىرىدا فوت نەپەسنى بوغۇش ئارقىلىق ئۆلىۋالغىلى بولمايدىكەن دىگەن يەكۈننى چىقاردى ۋە بۇ يەكۈنىنى بارلىق توشقانلارغا يەتكۈزدى، ھەتتا بىلىملىك ئۆچكىمۇ ئۇنىڭ بۇ يەكۈنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن  باشقا توشقانلار فوتنى ھۆرمەت بىلەن « ئالىم » دەپ چاقىرىشىدىغان بولدى.
كەينىدىنلا فوت يەنە بىر ئۆلۈۋېلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ ئورمانلىقتىكى نۇرغۇن مىۋىلەردە زەھەر بار، بۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدىلا كۆپرەك يەۋەتسەم زەھەرلىنىپ ئۆلمەيمەنمۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئورمانلىقتىن بىر دۆۋە مىۋە ئېلىپ كېلىپ، تاش بىلەن ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ھەممىنى يەۋەتتى،- دە ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. فوت ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئۆزىنىڭ تېخىچە ئۆلمىگەنلىكىنى، تېنىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدى. فوت بۇ قېتىمقى ئۆلىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق  بەزى مېۋىلەرنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى ۋە بۇ بايقاشنىمۇ دوستلىرىغا يەتكۈزدى. ناھايىتى تېزلا  ئۇ مىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يىگەندە بەدەننى ساغلام قىلىپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن كېسەلگە شىپا بولىدىغانلىقىمۇ  ئىسپاتلىنىپ چىقتى، فوتمۇ بۇرادەرلىرى ئارىسىدىكى « كەشپىياتچى » بولۇپ قالدى.
كېيىن فوت ئۆلىۋېلىشنىڭ يېڭىچە  ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. ئۇ ئىككى  كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ئالدىغا قاراپ كېتىۋەرسە، چوقۇم نۇرغۇن خەتەرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆلىۋىلىش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىدۇ دەپ قاراپ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ماڭە ماڭ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ماڭغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدى، بەزىدە كۆزىنى ئاچقۇسى كەلسىمۇ چىداپ ماڭدى. ئاخىرى ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزىنى ئېچىۋەتتى ۋە ئۆزىنىڭ مۇنبەت ئېتىزلىق ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. بۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئامراق تۇرۇپمۇ بار ئىدى، ئۇ خوشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي سەكرەپ كەتتى. فوت يولنى ئېسىدە تۇتىۋېلىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بارلىق توشقانلارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى، بارلىق توشقانلار ئۇ باشلىغان ئېتىزلىققا كېلىپ تەنتەنە قىلىشىپ كەتتى ۋە  فوتنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي « ئۇلۇغ ئېكىسپېدىتسىيىچى» دىيىشىپ كەتتى.
فوت بارلىق توشقانلارنىڭ ھەۋىسى ۋە ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدى، ئۇلار فوتنى توشقانلار ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلىماقچى بولۇشتى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ياشىنىپ قالغان توشقان خاك فوتتىن « سەن قانداق قىلىپ بۇنچە نەتىجىلەرگە قازىنالىدىڭ ؟ » دەپ سورىدى. فوت خىجىل بولغان ھالدا، ئاۋازىنى تولىمۇ پەس قىلىپ« چۈنكى مەن ئۆلىۋالماقچى بولغان» دەپ جاۋاپ بەردى. گەرچە ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك بوش چىققان بولسىمۇ، ئەمما خاك ھەممىنى ئاڭلاپ قالدى، بۇ جاۋاپ ئۇنىڭغا تولىمۇ تاساددىبىي تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما فوتنىڭ توشقانلار قەلبىدىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، داۋاملىق سوئال سورىمىدى. مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن خاك فوتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق سەزگۈرەشتىسىگە ھىسداشلىق قىلدى، ئاندىن « سەن يەنىلا ئۆلىۋېلىشنى ئويلاۋاتامسەن؟» دەپ سورىدى. فوت بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، « مېنىڭ ئۆلىۋېلىش باھانەم قالمىدى، ھازىر يېنىمدا جورام نىيا بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرمۇ توشقان مېنىڭ بىر قولۇقۇمنىڭ يوقلىغىدىن ئەجەپلەنمەيدۇ، يىمەكلىكتىنمۇ غەم قىلمايمەن. بۇندىن كېيىن ھەقىقىي  ئالىم، كەشپىياتچى، ئىكىسپېدىتسىيىچى بولۇشقا تىرىشىمەن» دەپ جاۋاپ بەردى.
خاك كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتىپ « سەن تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنسەن، ئۆلىۋېلىشتىن مول نەتىجىگە ئېرىشىپسەن. ئۆلىۋېلىش ئەخمىقانە قىلمىش، ئەمما تەلىيىڭگە سەن ھەممىگە  تاقابىل تۇرالايدىغان نەرسىنى ئىشلىتىپسەن» دىدى. فوت خاكنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي سورىدى« ئۇ قانداق نەرسە»، خاك كۈلۈپ تۇرۇپ« ئەقىل - پاراسەت » دەپ جاۋاپ بەردى.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-4 19:17, Processed in 0.106281 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش