دۇنيا بويىچە ئەڭ نىپىز خاتىرە كومپىيۇتېر بارلىققا كەلدى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،خوڭجى(Acer) شىركىتى تۈنۈگۈن ئامىرىكا لاس-ۋىگاس شەھرىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان دۇنيا ئېستىمال ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى (CES)دە دۇنيا بويىچە ئەڭ نېپىز لاھىيلەنگەن خاتىرە كومپىيۇتېر Ultrabook Acer Aspire S5 نى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
Ultrabook Acer Aspire S5 نىڭ ئەڭ نېپىز قىسمىنىڭ قېلىنلىقى پەقەت 15مىللىمېتىر بولۇپ،13.3سۇڭلۇق ئىكران سەپلەنگەن، سىرتقى قېپى ماگىنىيلىق بىرىكمە مىتال ماتىرىيالدىن ئىشلەنگەن بولۇپ،ئېغىرلىقى 1.35كىلوگرام كىلىدىكەن.
بۇ خاتىرە كومپىيۇتېرغا خوڭجى شىركىتىنىڭ خاس تېخنىكىسى ھېسابلىنىدىغان تىز قوزغىتىش تېخنىكىسى (Instant On) قوللىنىلغان بولۇپ،ئۇيقۇ ھالىتىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇشقا پەقەت 1.5سىكۇنىت ۋاقىت كىتىدىكەن.بۇندىن باشقا،Acer Always Connect ئىقتىدارىدىن پايدىلانغاندا،كومپىيۇتېر ئۇخلاش ھالتىدە تۇرسىمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرغىلى بولىدىكەن.
Acer Aspire S5 گە HDMI سەپلەنگەن بولۇپ،USB 3.0 ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاشتىكى تىزلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20Gbps كە يىتەلەيدىغان Thunder Bolt ئېغىزى ئورنىتىلغان.ئۇنىڭغا يەنە ئىنتىل Core بىر تەرەپ قىلغۇچىسى،SSD لىق قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن بولۇپ،ئائىلە كىنوخانىسى ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن.خوڭجى شىركىتىنىڭ دىيىشىچە،بۇ كومپىيۇتېرغا ئىشلىتىلگەن باتارىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆمرىمۇ ئادەتتىكى باتارىيەلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كىلىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە،Ultrabook Acer Aspire S5 خاتىرە كومپىيۇتېرى مۇشۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە بازارغا سېلىنىدىكەن.
   |