- تىزىملاتقان
- 2011-6-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-3
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 1977
- نادىر
- 3
- تېما
- 55
- يازما
- 186
  
- يوقلىما
- 40
قىزغىنلىق- 463 سەر
تىللا- 531 دانە
تۆھپە- 319 سەر
شۆھرەت- 205 سەر
   
| چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،مىكروسوفىت نۆۋەتتە تىخى ئېلان قىلىنمىغان يىڭى كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 نىڭ ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن.
Windows 8دىكى ساقلاش بوشلۇقى دىگەن بۇ يىڭى ئىقتىدار فىزىكىلىق ساقلىغۇچى ئۈسكۈنىلەردىن تۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرسىتىدىكەن.بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى USB،SATAۋە SAS قاتارلىق قاتتىق دېسكىلاردىن پايدىلىنىپ قۇرۇلىدىغان بولۇپ،ساقلاش سېغىمىنى كىڭەيتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىكەن.
ئۇندىن باشقا،بوشلۇق دەپ ئاتالغان بۇ مەۋھۇم قاتتىق دېسكا ئەسلىدىكى 4TB لىق ساقلاش سېغىمىنى 10TB غا ئاشۇرالايدىكەن،بۇ يەردە يەنە بىر ئىلاستىكىلىق ساقلاش قەۋىتى بار بولۇپ،ئوخشىمىغان فىزىكىلىق ۋاستىچى ئۈسكىنىلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
مىكروسوفىت شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىگەن:
ئىشلەتكۈچىلەر پەقەت ئاددىيلا مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىنىڭ ساقلاش سېغىمىنى ئاشۇرالايدۇ،ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆججەت-ماتىرىيالارنى كۆپەيتىش قىېتىم سانىنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ،مەزكۇر ساقلاش بوشلۇقىمۇ ماس ھالدا چوڭىيىدۇ. مىكروسوفىت شىركىتى يەنە يىڭى قاتتىق دېسكىنى قانداق ئورنىتىش ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ،ئەگەر كىشىلەر يۇقاردا دىيىلگەن ساقلاش بوشلۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىق قۇرۇپ چىقالىسا،ئۇنى خۇددى ئادەتتىكى قاتتىق دېسكا ئىشلەتكەندەكلا ئىشلىتەلەيدىكەن.
بۇخىل ئىقتىدارنىڭ يەنە بىر پايدىلىق تەرىپى شۇ ئىكەنكى،فىزىكىلىق ساقلىغۇچى ئۈسكىنىلەر يەنى قاتتىق دېسكا قاتارلىقلاردا مەسىلە كۆرۈلگەندە،كىشىلەر قۇرۇپ چىققان بۇ مەۋھۇم ساقلاش بوشلۇقى ئاپتوماتىك ھالدا تەسىرگە ئۇچرىغان سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاسلاپ قويالايدىكەن.
|
|