پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2319 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 919|ئىنكاس: 14

رۇزى سايىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

007سالاھىيىتىنى دەلىللەش 

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
137
قىزغىنلىق
1071 سەر
تىللا
389 دانە
تۆھپە
701 سەر
شۆھرەت
838 سەر

مائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 22:17:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى سايىت

20111011190901660.jpg


شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە «چايخانا » (ھازىرقى خوتەن ناھيىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىردا ئوقۇغان .شۇنىڭدىن كىيىن ئوننەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئنىستىتوتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يىزلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە <<يېڭى قاشتېشى >>ژورنىلدا مۇھەررىر بولغان .
روزى سايىت 1973-يىلدىكى <<قەشقەر گېزتى >>دە ئېلان قىلىنغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى » ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپگە كىرگەن . ھازىرغىچە ھەرقايسى گىزىت -ژورناللاردا «چۈشنامە»قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى،1000پارچىدىن ئارتۇق شىئېرىۋە روبائىسى ،«بارات يازغان ھىكايە»قاتارلىق بىرقانچە بارچە ھىكايىسى «ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ شىئېرى يەشمىسى » «ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېريىتدىكى شەكىللەر توغرىسدا »قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلنىپ، جامائەت .ئارسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.«قاشتېشنىڭ رىۋايىتى »«بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن »، «مەرھابا » «ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش » «كۆڭۈلدىكى گەپلەر » «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار »«روبائىيلار » «تۇيۇقلار » «خىيادىن تۆرەلگەن خىياللار » «دېھقان كۈلكىسى » «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى » قاتارلىق داستانۋە شىئېرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى .روزى سايىتنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ » «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە » «بۇخوتەن مەن خوتەن قىزى »قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شىئېر،ھېكايىللىرى خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلنىدى ۋە دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .
شائېرنىڭ« دېھقان يىغلايدۇ » «چۈشنامە » «باللار پۇلغا زار چىرىكلەر بەدخەچ» «بارات يازغان ھېكايە » «يىپەك يۇرتىدا نورۇز »قاتارلىق داستان ،شىئېر ،ھېكايە ۋە تېلۋېزيە بەدئىي سەنئەت دىراممىللىرى ،«بۇ جاھان » «جاھان كەڭرى يول كەڭرى »ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ،ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شىئېرلىردىن تۈزۈلگەن «دېھقان بولماق تەس »ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .
خەلىق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى .مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەمئيتىنىڭ جوڭگو ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلىق شائىرى رۇزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقتۇش . شائېر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-7 22:20  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2593 سەر
تىللا
1157 دانە
تۆھپە
1274 سەر
شۆھرەت
1383 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 22:38:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم... رەھمەت سىزگە...

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
127 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
69 سەر
شۆھرەت
92 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 22:31:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى سايىتنىڭ‹‹ دېھقان بولماق تەس››دېگەن شېرى بەك ياخشى يېزىلغان.ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.

Rank: 2

قىزغىنلىق
60 سەر
تىللا
33 دانە
تۆھپە
47 سەر
شۆھرەت
57 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 12:48:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى سايت دىھقان شائىرى،ئۇ بۇدۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ،يازغان ئەسەرلىرى مەڭگۇ ئۆلمەيدۇ،
رايۇن ئىچىدىكى تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئى ...

Rank: 2

قىزغىنلىق
49 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
28 سەر
شۆھرەت
29 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 16:00:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائىرىمىزنى تۇنىمايدىغان ،شىئېرلىرىنى ئوقۇپ باقمىغان ھەم ياختۇرمايدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك...

Rank: 4

قىزغىنلىق
521 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
233 سەر
شۆھرەت
269 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 17:43:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىز مەرھۇم شائىرنى ئىنتايىن قەدىرلىگەچكە ئۇنىڭ قەبرىسىنىمۇ ناھايتى ياخشى قىلىپ سالدۇرۇپتۇ .
مەنمۇ كۈرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم .قەبرىسى گۈمبەز شەكىلدە بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن .
رەخمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
171 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
133 سەر
شۆھرەت
165 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 17:53:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق شائىرى رەھمەتلىك روزى سايىت ئاكا ئۆمرىنىڭ ئاخرىغىچە، خۇشچاقچاقلىقى ۋە يۇمۇرسىتىكىلىقى، ھازىرجاۋاب شائىرلىقىنى زادى قويمىغان كىشى ئىدى. بىر قېتىم ئۇنىڭ خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا نەرخ مەيداندا شېئىر توقۇپ ھەم ئوقۇپ، سەھنىگە چىقارىدا پەلەمپەيدىن، چۈشەشىدە شاشلىق قىلىپ سەھنە ئالدىدىن ھەييارلىق بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ زال ئىچىدىكى ھەممە كىشىنى قاتتىق كۈلدۈرۈۋەتكىنىنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن! مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!!!!
ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
121 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
63 سەر
شۆھرەت
76 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى سايت ئاكا ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن......سىز ئۆلمەس شىئىرلىرىڭىز بىلەن خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ھايات....تىما ئىگىسىگە رەھمەت.....

Rank: 1

قىزغىنلىق
284 سەر
تىللا
109 دانە
تۆھپە
163 سەر
شۆھرەت
235 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 19:13:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ah millitim-1副本.jpg
ah millitim-2副本.jpg
ئوت ماكانى

Rank: 1

قىزغىنلىق
284 سەر
تىللا
109 دانە
تۆھپە
163 سەر
شۆھرەت
235 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 19:14:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ah mining millitim -11副本.jpg
ah mining millitim -22副本.jpg
ئوت ماكانى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-14 11:43, Processed in 0.157328 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش