پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1056 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 0

ئالىملار دېنازاۋۇرلارنى قايتا تېرىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
683 سەر
تىللا
324 دانە
تۆھپە
464 سەر
شۆھرەت
567 سەر

مائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:13:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملار دېنازاۋۇرلارنى قايتا تېرىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ


u=1930896718,4121723299&fm=0&gp=0.jpg


u=1940874904,1041750030&fm=0&gp=0.jpg


ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 29- دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى فانتازىيىلىك كىنو “يۇرا دەۋرى باغچىسى” گە تېخنىكىلىق مەسلىھەتچى بولغان بىر ئالىم قۇشلارنىڭ DNA سىدىن پايدىلىنىپ دېنازاۋۇرلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ، فانتازىيىلىك ھېكايىلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرماقچى بولىۋېتىپتۇ.

ئامرىكا مونتانا شىتات ئۈنۋېرسېتېتى قەدىمكى جانلىقلار ئىلمى پىرافىسورى، “يۇرا دوۋرى باغچىسى” گە تېخنىكىلىق مەسلىھەتچى بولغان جېك. خونا مۇنداق قارىغان: ھازىرقى زامان قۇشلىرىنىڭ DNA سىدە بىر خىل ئېرسىيەت خاتىرىسى بار بولۇپ، بۇ خاتىرە ئېچىلغان ھامان دېنازاۋۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغىلى بولىدىكەن.

گەرچە خونانىڭ نەزەرىيىسى، ئاڭلىماققا سەل زورمۇزور چېتىپ قويغانلىقتەك قىلىنسىمۇ، لېكىن باشقا ئالىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئېرسىيەتشوناش Sean Carroll مۇنداق دېدى:《قۇشلار بىلەن دېنازاۋۇرلارنىڭ گېن تۈزۈلىشى ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ. بىر توخۇ بىلەن بىر دېنازاۋۇرنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىكى سەۋەب، چۈنكى تەدرىجىي تەرەققى قىلىش جەريانىدا گېنلارنىڭ تاللىنىشىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدا.》

كانادا مەگېل ئۈنۋېرسېتېتىدىكى قەدىمكى جانلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان Hans Larsson يېقىندا بىر تەجرىبە ئېلىپ بارغان بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق 150 مىليون يىل ئىلگىرى دېنازاۋۇرلارنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقىنىڭ قانداق قىلىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ قۇشلارنىڭ قىسقا قۇيرۇقىغا تەرەققى قىلغانلىقىنى تەتقىق قىلدى. 2 كۈنلۈك بولغان توخۇ تۆرەلمىسىنى كۈزەتكەن چاغدا، ئۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغان بايقاشلارغا ئېرىشتى. ئۇ ئەسلىدە 4 دىن 8 پارچىغىچە ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنى كۆرەلەيمەن دەپ ئويلىغان، ئەمما 16 پارچە ئۇمۇرتقا سۆڭىنى بايقىغان بولۇپ، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنى ھاسىل قىلالايدىكەن. تۆرەلمىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، “قۇيرۇق” بارغانسىرى قىسقىرىغان، ئاخىرى چۆجىگە ئايلانغان چاغدا پەقەت 5 پارچىلا ئۇمۇرتقا سۆڭىكى قالغان.

Hans Larsson مۇنداق دېدى:《150 مىليون يىلدىن بۇيان بۇ خىل قۇيرۇق ئەزەلدىن قۇشلارنىڭ بەدىنىدە پەيدا بولۇپ باقمىغان، لېكىن ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ قۇشلارنىڭ تۆرەلمىسىدە چۇڭقۇر يۇشۇرۇنغان.》 ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى زامان قۇشلىرىنىڭ گېنىدا دېنازاۋۇرلارنىڭ گېنىنىڭ نۇسخىسى يۇشۇرۇنغان، ئالىملار بەلكىم يۈز يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دېنازاۋۇرلارنى قايتا تېرىلدۈرۈشى مۇمكىن.

خونا ھازىر ئۆزىنىڭ بىرىنچى دېنازاۋۇرنى قايتا تېرىلدۈرگەندىكى مەنزىرىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:《مەن ئىلگىرى توخۇدىن تەرەققى قىلىپ دېنازاۋۇغا ئايلانغان دېنازاۋۇر مەن نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭغان مەنزىرىلەرنى ئويلىغان. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئىنتايىن قالتىس بولغان بولاتتى. ھازىر ئۆزىمىزدىن باشقا بىزنىڭ دېنازاۋۇرلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچكىم يوق. 》

ھازىر خونا جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققى قىلىشنى ۋە قۇشلارنى چۈشىنىدىغان دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى ئىزدەۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەتقىقاتىنىڭ ياردەمچىسى قىلماقچى.

مەنبەسى :
        خەلق تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-4 16:41, Processed in 0.106803 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش