- تىزىملاتقان
- 2011-6-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-5
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2455
- نادىر
- 17
- تېما
- 93
- يازما
- 137
 
- يوقلىما
- 11
قىزغىنلىق- 662 سەر
تىللا- 555 دانە
تۆھپە- 354 سەر
شۆھرەت- 43 سەر
  
| ھۆسىن تۈزۇش تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن قىزلار ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى گۈزەل قىلۋاتىدۇ، كورىيىلىك قىز ۋۇياجىڭ ئۆزىنى ‹ ھۆسىن تۈزەشكە خۇمار› بولغان دېگەن. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلىشنى باشلىغان، ئۇنىڭ ئارزۇسى پەقەت تەققى-تۇرۇقى باربى قونچاققا ئوخشاش بولۇش ئىكەن.
‹ ھۆسىن تۈزەشكە خۇمار› بولغان قىز ۋۇياجىڭ ئەتىگەن تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلىغاندىن كېيىن يەنە ئۈزلۇكسىز 20 قېتىمدىن كۆپرەك ئوپراتسىيە قىلدۇرغان.
ئادەتتە كىشىلەر ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ، ئەمما ئۇ كۆپ قېتىم ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغاچقا، يۈزىنى تەبى بولمىغاندەك ھېس قىلغان. ۋۇياجىڭ يەنە ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنىڭ باربى قونچاققا ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسىنىڭ ھەققىنى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تۆلىگەنلىكىنى ئىيتقان.
ۋۇياجىڭ قوش قاپاق چىقارغان، بۇرۇننى ئىگىزلەتكەن، زىناق چىقارغان، ئىڭىكىنى قىردۇرغان، بەدىنىدىكى مايلارنى تارتقۇزغان....
ئۇ يەنە كەلگۈسىدە ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىيتقان .چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ھەم سىمىز ھەم سەت بولۇپ، دائىم ئوغۇل ساۋاقداشلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىدىكەن، ۋۇياجىڭ شۇنىڭ بىلەن چىرايلىق بولۇش نىيتىگە كىلىپ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن سىرت يەنە تىرىشىپ ئورۇقلىغان، ئۇ ئىككى يىل ئىچىدە يىگىرمە كىلوگرام ئورۇقلىغان.
ئۇ يەنە ‹ئىلگىرى مىنى زاڭلىق قىلغان ئوغۇللارنى پۇشايمان قىلدۇرۇمەن دېگەن›.
|
|