- تىزىملاتقان
- 2011-6-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-5
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2455
- نادىر
- 17
- تېما
- 93
- يازما
- 137
 
- يوقلىما
- 11
قىزغىنلىق- 662 سەر
تىللا- 555 دانە
تۆھپە- 354 سەر
شۆھرەت- 43 سەر
  
| شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋاشىنگىتون 28-دېكابىر تېلېگراممىسى:ئامېرىكا ئارمىيىسى 28-دېكابىر ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى،ئىراننىڭ دېڭىزدىكى نېفىت توشۇش ‹‹ھاياتلىق يولى›› بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلغانلىقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بەش بۈرجەكلىك بىنا ۋە دېڭىز ئارمىىسىنىڭ بەشىنچى فىلوتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇقىرقىلارنى بىلدۇردى.يېقىنقى ئىككى كۈندە ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى لاشىما ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى سەييالى ئارقىمۇ-ئارقىدىن مۇنۇلارنى بىلدۇردى:ئەگەر غەرىپ داۋاملىق نېفىت ئىمبارگۇسىنى يۈرگۈزسە ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىپ ۋاقتى كەلگەندە بىر تېمىم نېفىتنىڭمۇ توشۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جورجى لېتىر 28-دېكابىر ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشىغا قارىتا جاۋاپ قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:ھورمۇز دېڭىز بوغۇزى ئىشلىرى رايۇنى بېخەتەر ۋە مۇقىم شۇنداقلا ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز بوغۇزى رايۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتلىق لېنىيىسى ھېسابلىنىدۇ.ھورمۇز بوغۇزىنى ئوتتۇرا يولدا ئۇزۇپ قويۇش ياكى ماي پاراخۇتلىرىغا ئاۋارىچىلىق توغدۇرۇشقا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. شۇ كۈنى يەنە بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بەشىنچى فىلوتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىمۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:ھورمۇز دېڭىز قولتۇقىدىكى تاۋارلارنىڭ يۆتكىلىشى شۇ جاي ۋە يەر شارىنىڭ گۈللىنىشىدە ئىنتايىن موھىم ،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇ خەتەرلىك ۋە قورقۇنۇشلۇق بولغان ھەرىكەتكە قايتۇرما زەربە بېرىپ،سۇ يولىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى. يەر شارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ماي پاراخۇتى مۇقەررەر ئۆتىدىغان ھورمۇز دېڭىز قولتۇقى بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالاككا قولتۇقى دېڭىزدا نېفىت توشۇشتىكى ھاياتلىق يولى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا،نۆۋەتتە يەر شارى بويىچە 4 پىرسەنتكە يېقىن نېفىت دەل مانا مۇشۇ ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توشۇلىدىكەن. 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ئىران ئارمىيىسى ھورمۇز دېڭىز بوغۇزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز ساھىلىدىن ھېندى ئوكياننىڭ شىمالىي قىسمىغىچە ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.ئىران ھەربىي تەرەپ مۇنداق دېدى:بۇ دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تۈنجى قېتىم بۇ كەڭرى دېڭىز ساھىلىدا ھەربىي مانىۋىرى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ،بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىراننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ،ئىراننىڭ خەلقئارا دېڭىز ساھەسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا،ھەربىي مانىۋىرنىڭ ۋاقتى 10 كۈن بولۇپ،جەمئىي تۆت باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.ئىران ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان،ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ماشىنىسى،قىلىدۇ،ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىىتېمىسى،قوغلىغۇچى پاراخۇت،سۇ ئاستى پاراخۇتىدا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان پاراخۇت،ئارقا سەپكە سەپلەپ بېرىلىدىغان پاراخۇت ۋە قىرغاقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئەي يېڭى تىپتىكى زامانىۋى قورال-ياراقلار مانىۋىردا ئىشلىتىلىدىكەن.
|
|