- تىزىملاتقان
- 2011-6-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-5
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2455
- نادىر
- 17
- تېما
- 93
- يازما
- 137
 
- يوقلىما
- 11
قىزغىنلىق- 662 سەر
تىللا- 555 دانە
تۆھپە- 354 سەر
شۆھرەت- 43 سەر
  
| ئادەم سۆڭەكلىرى يەردە تاغدەك دۆۋىلەنگەن، باش ئىسكىلىتلىرى تامغا ئېسىلغان، كۆز قارىچۇقلىرىدىكى قاپقاراڭغۇ ئۆڭگۈرلەر زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرگە تىكىلگەن مەنزىرە؛ ھالبۇكى بۇ قورقۇنچلۇق چۈش ئەمەس بەلكى رىئاللىق. پارىژدىكى يەر ئاستى گۆرۈستانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەرئاستى ئىسكىلىت ئامبىرى. 18-ئەسىردىكى نامراتلارنىڭ تازلىق ئۆلچىمىگە توشمايدىغان دەپنە قىلىش ئادەتلىرى ۋە مازارلىقلارنىڭ قىس بولىشى پۇقرالار ئارىسىدا كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ھۆكۈمەت ئۆلگۈچىنى چوڭ تىپتىكى يەرئاستى تونىل ئىچىگە كۆمۈشنى قارار قىلغان. بۇ جەسەتلەرنىڭ توختىماستىن تىزىملىتىلىشى، دۆۋىلىنىشى بىلەن ھۆكۈمەت يەر ئاستى مازارلىقىنىڭ بىر ساياھەت رايونى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسەتلىرى رەتلىك قىلىپ تىزىلىپ، كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرۈدىغان تام قىلىپ قويۇلدى. پارىژنىڭ يەر ئاستى مازارلىقى پارىژ يەر ئاستى قانىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارىژ يەر ئاستى مازارلىقى Catacombsيەر يۈزىدىن تەخمىنەن 20 مېتر چوڭقۇرلۇقتا، ھازىر تەخمىنىي ھېسابلاشلارچە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 كىلومېتر بولىشى مۇمكىن، ئاساسلىقى پارىژدىكى 4-، 5-، 15-رايونلارغا تارقالغان. ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇنقى يەر ئاستى تاشلىق مەيدانىدىكى تونىل، پارىژ بۈۋىمەريەم ئانا چېركاۋى، پارىژ شەھىرىدىكى تاش قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى پارىژنىڭ يەر ئاستىدىن قېزىۋىلىنغان تاش بىلەن ياسالغان. دۇنياغا داڭلىق پارىژ يەر ئاستى مازارلىقى ئەسلىدە بىر تاشلىۋېتىلگەن تاش مەيدانى بولۇپ، پۈتۈن يەر ئاستى مازارلىقىنىڭ كۆلىمى 11 مىڭ كۋادرات مېتر كېلىدۇ، 1994-يىلى پارىژ ھۆكۈمىتى 300 كىلومېترلىق يەر ئاستى قانىلىدىن تەخمىنەن بىر كىلومېترلىق دائىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ئېچىۋەتكەن، قاپقاراڭغۇ ھەم نەم يەر ئاستى قانىلىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2-3 مېتر، بىر تەرىپى تاش تام، بىر تەرىپى دۆۋىلەنگەن ئىسكىلىتلەر بولۇپ ئارلىقى پەقەت ئىككى مېتر ئەتراپىدىلا كېلىدۇ.

 |
|