پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2376 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1185|ئىنكاس: 5

ئەھمەت نىجات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
97
قىزغىنلىق
593 سەر
تىللا
122 دانە
تۆھپە
360 سەر
شۆھرەت
449 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 20:22:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەھمەت نىجات


0110.jpg



ئەھمەدى نىجات 1956- يىلى 28- ئۆكتەبىر تېھراننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى گارماسار ناھىيىسىدە بىر تۆمۈرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. نىجاد ئائىلىسىدىكى يەتتە پەرزەنتنىڭ تۆتىنچىسى ئىدى. ئۇلار نىجاد بىر ياش ۋاقتىدا پۈتۈن ئائىلە بويىچە تېھرانغا كۆچۈپ كېلىدۇ، نىجاد بۇ شەھەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدا دۆلەت بويىچە 130- بولۇپ تېھران سانائەت پەنلىرى ئۇنۋىرستىتىنىڭ قۇرۇلۇش فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1986- يىلى ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ غوللۇق خادىملىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. 1989- يىلىغا كەلگەندە نىجاد بۇ مەكتەپنىڭ تەرەقىيات كومتىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1997- يىلى قاتناش ئەسلىھەلىرى خامچوت كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئوننەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرۇلۇش پەنلىرى بويىچە ئىلمىي ماقالە يېزىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
ئىراق بىلەن ئىران ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە نىجات ئىران ئىنقىلابى ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدۇ بۇ جەرياندا ئۇ سىياسىينىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەيدىنپەي چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەمدە سىياسىي ھاياتىنى شۇنىڭدىن باشلايدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇ كۇرد شەھىرىنىڭ باشلىقىغا مەسلىھەتچى بولىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى نىجات ئىراننىڭ غەربى جەنۇبىدىكى ئەبىدەبىر ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۆلكە باشلىقى بولۇپ باھالىنىدۇ. 2003- يىلى4- ئايدا ئۇ سايلام ئارقىلىق پايتەخت تېھران شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. 2005- يىلى 6- ئايدا ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى 8- ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. 2009- يىلى 6- ئايدا ئۇ %62.63 بېلەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئىران زۇڭتۇڭى بولىدۇ.
ئەخمىدى نىجاتنىڭ خىزمەت پرىنسىپى شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، ھەممىدە خەلقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاددىي-ساددىلىقنى تەكىتلەش ۋە خەلققە يېقىن تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تېھراننىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ سەرپ قىلغان ھەم مال باھاسىنىڭ مۇقۇملاشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇقرالار ئارىسىدا ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
نىجاتنى ئىران ئىسلام ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كاتتىۋېشى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ “ئىسلامچە كۆز قاراشنى ساقلاش” تا چىڭ تۇرغۇچىلاردىن بىرى، ئۇ بىرىنچى قېتىملىق سايلام مەزگىلىدە ئەگەر سايلامدا غەلىبە قازىنالىسا ئالدى بىلەن ئىسلام ۋە مىللىي ئەنئەنىنى قوغدايدىغان قانۇن ماددىلىرىنى تۈزۈپ چىقىش قاتارلىق پىلان لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ئىراننى ھازىرقى زاماندىكى تىپىك ئىسلام دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.
ئىقتىساد جەھەتتە نىجات ئىزچىل ھالدا بايلىق مەنبەسىنى ھۆكۈمەت كونترول قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ ھازىرقى شەخشىيلىشىش توغرىسىدىكى چۈشىنىشى يېتەرلىك ئەمەس، شەخسىيلىشىش ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى سېتىش ئەمەس. ئۇ يەنە دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىش كېرەك، دېموكراتىك جەمئىيەت دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يادروسى دەپ قارايدۇ.
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەممىگە ئوخشاش نەزەردە قاراشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممە دۆلەتلەر بىردەك ھېچقانداق ئالاھىدە ھوقۇق ياكى ئىمتىيازغا ئىگە دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدىغان ئەخمىدى نىجات ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئەمما ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىگە نىسبەتەن ئىران ئىزچىل دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولماقتا ھەم بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.
يادرو مەسىلىسىدە بولسا نىجات ئىران خەلقى يادرو تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە دېگەن تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە. نىجات كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئىراننىڭ يادرو قويۇلدۇرۇشى ھەرگىزمۇ يادرو قورالىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن دېدى ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
نىجاتنىڭ پۇقرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئاددىي ساددا تۇرمۇشى. كىچىك بوز ئىلگىرى ئۇنى “ساقىلىنى قىرمايدىغان، كاستۇم بۇرۇلكا كىيمەيدىغان” دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. نىجاتنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئىنتايىن ئاددىي ساددا، تۇرالغۇ جايى ئۈچ ئېغىزلىق ئادەتتىكى بىر ئۆي، ئۆي جاھازلىرىنىڭمۇ تاينى يوق. ھەيدەيدىغىنى بولسا 1977- يىلى فىرانسىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئادەتتىكى پىكاپ، بۇ پىكاپنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىمۇ يوق تېخى. ئۇ نىڭ ئىشخانىسىمۇ ئانچە ھەشەمەتلىك ئەمەس ئەسلىدە قىممەت باھالىق جاھازلار بىلەن زىننەتلەنگەن بۇ ئىشخانا نىجات ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاددىي_ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان. پولغا سېلىنغان پارس گىلىمى دۆلەت مۇزېيىغا تەقدىم قىلىنغان…

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8602 سەر
تىللا
4843 دانە
تۆھپە
5748 سەر
شۆھرەت
6415 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 20:30:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىمىشقىكى بۇكىشىكە قايىل بولماي تۇرالمايمەن!

Rank: 4

قىزغىنلىق
243 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
86 سەر
شۆھرەت
109 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 13:05:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇ ھەقىقەتەن ئاددىي-ساددىلىقنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان،ئىگىلمەس-سۇنماس كۈرەش قىلىش روھقا ئىگە ،دۆلەت رەھبىرى بولۇشقا مۇناسىپ،ئادەمنى قايىل قىلىدىغان كىشى.

Rank: 2

قىزغىنلىق
67 سەر
تىللا
33 دانە
تۆھپە
51 سەر
شۆھرەت
61 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 12:30:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشنىڭ دولەت باشقۇرۇشتىكى قارشى ھەققەت ئىسلام دۆلەتلىرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كىلىدىكەن
رايۇن ئىچىدىكى تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئى ...

Rank: 2

قىزغىنلىق
67 سەر
تىللا
33 دانە
تۆھپە
51 سەر
شۆھرەت
61 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 12:34:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىل ئابلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كارخانچىلرىرنىڭ باشلامچىسى،ئۇيغۇر كارخانچىلىرنىڭ ئۈلگىسى دىيشكە بۇلىدۇ.
رايۇن ئىچىدىكى تۇلۇقىسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئى ...

Rank: 1

قىزغىنلىق
9 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
4 سەر
شۆھرەت
3 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 15:03:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تپىلغۇسىز كىشى ئۇ دە  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

قۇربان ھېيىتلىق سوۋغا ئېلىۋېلىڭ!
بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-24 05:07, Processed in 0.146392 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش