پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2375 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 872|ئىنكاس: 2

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
97
قىزغىنلىق
593 سەر
تىللا
122 دانە
تۆھپە
360 سەر
شۆھرەت
449 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 20:00:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تەرجىمىھالى

u=2416573989,2957341975&fm=0&gp=0.jpg



ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ، ھىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلى تاماشىنىللارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن . 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئىتىبارەن ئۇ ھەقىقى سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يىتۈلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارىلغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلىياسنىڭ رولىنى ئىلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا قازاقىستان ، ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىللارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئەرتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تومان ، ئۇچىراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كىچەلمەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزىڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى " قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلىق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ھازىرغىچە " سىرلىق تومان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ، " شىرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئىقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئىرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبدا ناخشا ئىيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بۇلۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئىرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دىرامما بايرىمى " دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلىقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى .
بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ " شادىمان دوسلار ، بۇ كىشىنى تونامسىز " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناھسىز جىنايەتكار ، كىيىنكى ئاتا " قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئىلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچۇرىشىش ، شىكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ " قاتارلىق ئىپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتتى يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بۇلۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بويان ناخشا ئىيتىش ، دىرامما - ئىپىزوتلاردا رول ئىىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاھ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى .

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى ، ئىغىر بېسىق مىجەز - خارەكتىرى ھەم مەمىميلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئىرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ھىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئىلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ھازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بۇلۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2719 سەر
تىللا
1176 دانە
تۆھپە
1298 سەر
شۆھرەت
1411 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 00:06:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە...

Rank: 4

قىزغىنلىق
258 سەر
تىللا
16 دانە
تۆھپە
210 سەر
شۆھرەت
247 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 00:51:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ئابدۇرىھىمدەك ناخشىچىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن بەك پەخىرلىنىمەن.
تامچە يىغىلسا كۆل تولۇر،دانچە يىغىلسا باداڭ تولۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

قۇربان ھېيىتلىق سوۋغا ئېلىۋېلىڭ!
بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-24 00:55, Processed in 0.204830 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش