پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 2

ئىران ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
79
قىزغىنلىق
361 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
141 سەر
شۆھرەت
184 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 21:23:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

F201112051716261116700352.jpg




4-دېكابىر خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىران ھەربىي تەرەپ ئىراننىڭ شەرقىدىكى ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايوندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆرۈنمەس ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆچ ئالمىز، دېگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئۇرۇشنىڭ ئىچكى سىرىنى ئېچىپ بېرىپ، موشۇنداق بىر ئايروپىلاننىڭ يوقىتىش ئامېرىكىنى ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۆرۈنمەس رازۋېتكا ئايروپىلان نۆۋەتتە ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ قولىدا ئىكەن.
ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەسىمۇ ئىران ئېتىپ چۈشۈرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ش ئا ئە ت رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا خەۋپسىزلىككە ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرانلىقلار ئېتىپ چۈشۈرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ قورالسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى رايوننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە رازۋېتكا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئىكەن .
ش ئا ئە ت نىڭ باياناتىدا بۇ ئايروپىلاننىڭ تىپى ئاشكارلانمىغان.
ئىران Al-Alam ئەرەب تىلى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى سۈنئىي ھەمراھ قانىلىنىڭ ئىران ھەربىي تەرەپ قوماندانىنىڭ 4- دېكابىر كەچتە سۆزلىگەن سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىران ھەربىي تەرەپ «بىر نەچچە سائەت بۇرۇن « RQ-170 » بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن. ئىران فارس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىراننىڭ شەرقىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان.
ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى دۆلەت مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرى مۇخبىرى Marcus نىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئىراننىڭ ئېيتقىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا، بۇ ۋەقە بىزگە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەخپىي ئۇرۇشنىڭ ئىچكى سىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
Marcus نىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدىكى ‹‹ RQ-170 ›› بەلگىلىك رازۋېتكا ئايروپىلان بىر خىل كۆرۈنمەس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇپ، شەكلى ‹‹ B2 ›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئازراق ئوخشاپ كېتىدىكەن.
بۇ ئايروپىلان رادارغا چۈشمەيدىغان بولۇپ، مۇھىم، سەزگۈر ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

‹‹ RQ-170 ›› بەلگىلىك ئايروپىلان، 2007–يىلى تۇنجى قېتىم ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسمىنى پاكىستاننىڭ ئەببوتئابادتىكى بېن لادىنغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن.
نۆۋەتتە، ‹‹ RQ-170 ›› بەلگىلىك ئايروپىلان، نۇرغۇن يىراق مۇساپىلىك ئاخبارات توپلاش ھەرىكەتلىرىدە ‹‹ U2 ›› نىڭ ئورنىنى باسقان.

Marcus: ئامېرىكا بارلىق ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى توپلايدۇ. لېكىن موشۇنداق بىر ئايروپىلاننى يوقىتىپ قويۇش ۋاشىنگىتوننى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، دېدى .

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6053 سەر
تىللا
4161 دانە
تۆھپە
4147 سەر
شۆھرەت
4612 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 22:17:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېراننىڭ ھەربى تېخنىكىىسغا گەپ كەتمەيدىكەن جۇمۇ !نۇرغۇن بېسىم ئاستىدا يەنە شۇنداق تەرەققىي قىلىش ئاسان ئەمەس

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
231 سەر
تىللا
348 دانە
تۆھپە
176 سەر
شۆھرەت
177 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:59:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى خېلى بولىدىكەن جۇمۇ!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 07:47, Processed in 0.099868 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش