پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 85 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 32|ئىنكاس: 0

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!!![ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
62
قىزغىنلىق
2763 سەر
تىللا
2819 دانە
تۆھپە
2106 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 09:14:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرتىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇرتىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليۇن بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇرتىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى ھەقداسى.




دىگەندەك ئۇيغۇر تىلى ئانا تىلىمىز. مەقسەتكە كەلسەم بىرقىسىم تورداشلىرىمىز تىما ئىنكاسلارنى يوللىغاندا ئىملا خاتالىقىغا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم. يېزىقىمىزنىڭ ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن. تىما ئىنكاسلىنى يوللىغاندا يېزىق ئىملاسىغا دىققەت قىلساق. ياكى تەھرىرلىگۈچتىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە بىر مىسال بىرىلدى.

ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتى




مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى بولۇپ، ئېلان شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا، كۆپ پۇل كېتىشتىن قورقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟ ئشقىلىپ ئۆز شىركىتىدىكى بىر خىزمەتچىگە ئېلان يېزىپ كوچا - كوچىلارغا چاپلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ . ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ. ئەمما بىر ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كېلىپ ئۆي سېتىۋالماپتۇ، شىركەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى بارئىكەن . ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل قورقۇتۇش تۇيغۇسى بېرىدىكەن . ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلىي ئورىگىنالنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار !



شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى. بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشى پوقتا. كۆرۈنىشى كۆركەم  ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان. ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ھەر بىر بىنادا كىچىك ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ، سىز قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ. پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ  ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ . كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت !
xx قۇرۇلۇش شىركىتى


مەنبە : « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2006 – يىلى 22- ماي سانىدىن


تۈرەندىكى ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە يېزىق دىتاللىرىنى يوللاپ قويدۇم:

توردا ئىملا تەكشۈرۈش:يولغۇن تور ئىملا تەكشۈرگۈچ

توردا ئىملا تەكشۈرۈش:تور ئىملاچىسى

كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:ئۇيغۇر ئېدىت دىتالىنى چۈشۈرۈش

كومپىيوتىردا ئىملا تەكشۈرۈش:يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى چۈشۈرۈش

بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-28 18:34, Processed in 0.234233 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش