- تىزىملاتقان
- 2011-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-5
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 23061
- نادىر
- 47
- تېما
- 659
- يازما
- 2380
  
- يوقلىما
- 213
قىزغىنلىق- 6067 سەر
تىللا- 4161 دانە
تۆھپە- 4151 سەر
شۆھرەت- 4616 سەر

| بالىلار ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئون جۈملە سۆز 1. كالۋا، يارامسىز. 2. ھەقىقەتەن كارغا كەلمەس ئىكەنسەن. 3. مۇشۇنداق ئىشنىمۇ قىلامسەن؟ 4. ئاغزىڭنى يۇم! ھەي، نېمانداق گەپ ئاڭلىمايسەن؟ 5. بولمايدۇ دېگەنكىن، بولمايدۇ! 6. ئەمدى سەن بىلەن كارىم يوق، نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل! 7. ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇنداق قىلمىساڭ بولمامدۇ؟! 8. ئەگەر سەن ئىمتىھاندا 100 نومۇر ئالساڭ، مەن ساڭا دېڭىنىڭنى ئېلىپ بېرىمەن. 9. سەن بۇنداق ئىشنى قىلساڭ، مەن ئىنتايىن ئازابلىنىمەن. 10. يەنە خاتا ئىش قىلدىڭ، سەن ھەقىقەتەن ئەسكى بولۇپ كېتىپسەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان: بالىلارنىڭ ئىرادىسى ئاجىز، ئۇلار قوللاش ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەربىر جۈملە ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەمما، ھەربىر جۈملە قوپال سۆزلەردىن بالىلارنىڭ غۇرۇرى زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئاسانلا ئىنكار قىلىۋېتىش، ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىش ئىنتايىن خەتەرلىك. مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى |
|