پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 0

توردىكى ئۇچۇرشىشتىن-دوسلۇققىچە،دوسلۇقتىن-مۇھاببەتكىچە...(بويتاقل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
0
قىزغىنلىق
644 سەر
تىللا
562 دانە
تۆھپە
345 سەر
شۆھرەت
35 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 23:19:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىكى ئۇچۇرشىشتىن-دوسلۇققىچە،دوسلۇقتىن-مۇھاببەتكىچە

  ئالاھىدە ئەسكەرتىش :   مەن بۇندىن بۇرۇن  بۇنداق  ئەسەرلەرنى  يىزىپ باقمىغان، شۇ مەكتەپتە  ماقالە ياز دەپ تاپشۇرۇق بەرسە ، بىر نىمىلەرنى  قىلىپ بىر بەتنى ئاران  توشقۇزاتتىم    توردا ئەدەبىياتچىلار خىلى كۆپ، باغلاشمىغان بولسا،  توغرا  چۇشنەسىلەر ،بۇ  ھەققىي بولغان ۋەقە ،
تور بىلەن ھەپىلەشكىنىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، ئىسىمدە 2001-يىلى 10-ئاينىڭ بايرىمىدا تورغا كىرىشكە باشلىغان ئىدىم ، ئۇ ۋاقىتتا سائىتى 3 كوي ئىدى،ھەي شۇۋاقىتتا يانچۇققا پۇل چۇشسىلام، تورخانىغا چاپاتتىم، چايخانىغا كىرىشتىن باشلاپتىكەنمەن ، باش ئەگىم توربىتىگە كىرەتتۇق ، باش ئەگىم تورنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك چايخانىسى خىلى قىززىتى ، كيىن ئۇمۇ يوقاپ كەتتى ، خەنزۇچە توربەت  شىيلۇ تورىغا كىرەتتۇق ، ئۇ چايخانىمۇ خىلى دەۋىر سۇرگەن ئىدى ،  كۇندۇزدە 400 دىن ئارتۇق ئادەم كىرەتتى ، ئۇيغۇرلارمۇ خىلى جىق كىرەتتى ، ئۇ ۋاقىتتا   80% تىن ئارتۇق ئادەم راس گەپ قىلاتتى ، ھازىر بۇنىڭ دەل ئەكىسى بولاتىدۇ ،شۇنداق چايخانغا كىرىپ يۇرۇپ نۇرغۇن ئادەم بىلەن تونۇشۇپ ، بەزىلىرى بىلەن دوس بولۇشۇپ ، بەزىلىرى بىلەن خىلى يىقىندوسلاردىن بولۇپ يۇرۇپتىمەن، بەزى قىزلار بىلەن خىلى بىر ۋاققىچە پاراڭلىشىپ ،كىيىن ئىزدەش مەيدىغانمۇ  بوپتۇق  ،   نىمىشقا  دەمسىز  ،   شۇ  بەزىدە ئۇلارنىڭ  كۆڭلىگىگە  مەن ياقماي ،  بەزى چاغدا ئۇلار ماڭا  ياقماي شۇ ، بەزىدە ئالدامچىلىق . ساختىلىق بىلەن  تولغان دوسلارنىڭ  نىمە  كىركى  بولسۇن دەيسىلە ، مەن  پەقەت يالغان گەپ قىلغانلار  بىلەن پەقەت  خوشام يوق ، مەيلى  ئۇ  قىز  بولسۇن  ياكى  ئوغۇل بولسۇن،  زادى  ئۇلار  ىبلەن  ئارلاشقىم كەلمەيدۇ ،    مەن مەخسۇس كۇرۇسنى پۇتتۇرۇپ 1يىلدىن كىيىن 2008-يىلى 10-ئايدا تولۇق كۇرۇستا ئوقۇش ئۇچۇن چوڭلار مائارىپ ئىمتاھانغا قاتناشتىم ، 2009-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ يەنە ئوقۇش  ھاياتىم باشلاندى، مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتىغا ئوقۇشقا كەلدىم ،يەنە بۇرۇنقى ئۆزە منىڭ  كومپىيوتىر كەسپىدە 2-يىل ئوقۇشقا كەلگەن ئىدىم  ، ئوقۇش باشلاپ  ئۆزەمنى  خىلى رەتكە  سىلۋالغاندىن كىيىن ،  يەنە  شۇ  كونا  كەسپىم تورغا چىقىشقا باشلىۋالدىم ، ئۇيغۇرچە  مۇنازىرە مۇنبەرلارنى ۋە  تورخانىغا كىرىپلام  كىيۇ كىيۇ نى ئىچىپ  قوياتتىم ، بىر باشتىن يىڭى  تېمىلارنى كۆرەتتىم ،  جاھاندا نىمىش بولاتىدۇ  ، نىمە  يىڭلىق بار  ، شۇ بىر-بىردىن ئاختۇرۇپ كۆرەتتىم ، ھەر كۇنى كىرگەندە 40-50 مىنۇت  شۇ  ئىشلار بىلەن ھەپىلشەتتىم، كىيۇ كىيۇ دىكى دوسلار  چىققان بولسا خەت يازاتتىم بولمىسا تور ئارلاپ يۇرەتتىم ..   خەنزۇچە  داڭلىق توربەتلەرنى ئاختۇرۇپ يىڭى خەۋەرلەر  بولسا كۆرەپ يۇرەتتىم  ، بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ كىيۇ كىيۇ دىن قىزلارنى ئىزدەيتىم ، ئاساسەن مەن بىلەن بىر شەھەرلىكلەر ئىزدەيتىم، ئۇلارنى قاتسىڭىز بەزىسى قىتىلدۇ بەزىسى قىتالمايدىكەن، شۇنداق بىر -ئىككىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قوياتتىم ،  بەزىدە  پاراڭلىشىىش 1-2 پارچە  خەت  بىلەن تۇگەيتى ، بەزىدە 1-2 سائەت پاراڭلىشىپ كىتەتتىم ،  ۋاقىت  مۇشۇ  تەرەققىدە  كىتىۋەردى ، ھەي  مۇشۇ  تور دىگەن ئاجايىپ نەرسە جىمۇ ، بەزىدە قىزلارنىڭ ئالدىغا  كىلىپ بىر ئىغىز گەپ قىلالمىغان ئادەم ، توردا ئاقسا  پاراڭلىشىپ قويمىز ،بەزى چاغدا  يۇرەكلىك بولىمەن دەپ ھاراق ئىچىپ قىزلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ گەپ قىلغانغا قارغاندا مۇشۇ ياخشىى جىمۇ ،  كۇنلەرمۇ  
مۇشۇ  تەرەققىدە ئۆتۇۋەردى ، كۇندە  دەرىستىن چۇشۇپ ، بىردەم- يىرىمدەم  تورغا چىقاتتىم ، بەزى چاغدا ئۆزەممۇ  خوش ، مۇشۇ تورغا ئۇگنىپ قالماي ، ئىچىش -چىكىشنى  ئۇگۇنۇپ قالغان بولسام ،  ھەپتىدە  1-2 كۇن مەس يۇرىدىكەنمەن، شۇنى ئويلىسام  مۇشۇ  تورغا  كونەپ قالغانلىقىمغىمۇ خۇشال بولاتتىم ،تورنىڭ مىھرىمۇ كۇچلۇقتە ، توردىن خاپۇلىقمۇ  ،خوشاللىقمۇ تىپىلىدۇ ، گەپ ئۆزىڭىزنىڭ نىيتىدە ،  شۇ تەرەققىدە  كۇنلەر ئۆتىۋەردى ، 6-ئاينىڭ باشلىردا  ھاۋامۇ  خىلى ئىسىپ  قالغان ئىدى ، بىركۇنى  ياتاقتىكىلەر بىلەن تورخانا ماڭدۇق ،   ھەممەيلەن بىررەتتە ئولتۇرغان ئىدۇق،  ئۇلار  شىياۋ ني تورنى  ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن ، مەنمۇ  ئىچىپ باقاي دەپ بۇرۇنقى تىزىملاتقان ئىسىم بىلەن ئاچقان ئىدىم ، لىكىن بۇرۇنقىسدا بۇرۇنقى  ماتىريال بويىچە  ئىدى ، بولدىلا  باشقىسنى  تىزىملىتاي دەپ ئويلاپ قايتا بىرنى تىزىملاتتىم ،  ھەم ئۇنى ئانچە مۇنچە بىزەپمۇ قويدۇم ،ئادەم  ئىزدەپ بىر –ئىككسنى قىتىپ قويدۇم ، بىردەم ئۇنى -بۇنى قىلپ بىردەم ئولتۇرۇپ چىكەتتۇق ، ئەتىسى يەنە تورخانغا   كىرىپ يەنە شۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ، شىياۋ نىي تورغا كىرىپ ئادەم ئىزدەشكە باشلىدىم ، ئاساسەن  ئۇرۇمچىدىكى ئالىي مەكتەپتىكى قىزلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ بويىچە ئىزدەشكە كىرىشتىم،  مۇشۇنداق قىلىپ، 100 يۇزدەك ئادەمنى  قىتىپ  بوپتىمەن، نىمانچە جىق دەمسىلە ، بۇلارنىڭ قانچىسى بىلەن پاراڭلاشقىنى بولىدۇ دەيسىلە  ، بەزىسىگە  خەت يازسىڭىز خەت يازغان بىلەن تولىسى خەت يازمايدۇ ، مەن خەت يىزىپ باقىمەن ، خەت  يازماي قالسا شۇ  چىقىرۋىتىدىغان گەپ ،مۇشۇ  تەرەققىدە  پاراڭلىشىپ  ھەپتە كىيىن ، يەنە 6-ئاينىڭ 15-كۇنى  چۇشتىن كيىن تورغا چىقىپ  
دوس ئىزلەپ خەت يىزىشقا كىرىشتىم  ، قارسام بۇگۇن خىلى ئادەم كىرىپتىكەن ، شۇ تەرققىدە پاراڭلىشىپ  يۇرۇپ ،  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدىكى  فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى 2006 –يىللىق مەلۇم بىرسىنىپتىكى  بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە شىياۋنىي توردا پارڭلاشتىم ، كىيىن ئۇنىڭدىن كىيۇ كىيۇ نۇمۇرنى سوردۇم ، ئۇمۇ دەپ بەردى  بىز شۇنىڭ بىلەن كىيۇ كىيۇ دا پاراڭلىشىقا  باشلىدۇق ، ئۇ سەل تەستە جاۋاپ قايتۇرۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭدىن نىمىگە شۇنچە ئالدىراش بوپ كەتتىڭىز ، ماقالە ئىزدەتقان ئىدىم ،  خالىسڭىز  مەن سىزگە  ياردەم قىلاي ، ئۇ  بولىدۇ  دەپ ماقالىنىڭ  تېمىسىنى يوللاپ بەردى ، مەن دەسلەپتە
ئۆزەمنىڭ ئىشنى قىلىپ ، توساتتىنلا بۇ  ئىش  ئىسىمغا كەپ قالدى ، مەن  ئۆزەم ياردەم قىلمەن دەپ، گەپ  قىلماي تۇرۋالسام ،
يالغانچى بوپ قالماي يەنە ، توردىن مۇناسىۋەتلىك ماقالىنى  ئىزدەشكە  كىرىشتىم ، 5-6 پارچە شۇنىڭغا  مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنىڭ
تور مەنزىلنى ئۇنىڭغا ئەۋەتتىم،رەھمەت سىزگە ، بىز  مۇشۇ تەرەققىدە  پاراڭلىشپ خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ئۇنىڭ نىمە كەسپىتە  
ئوقۇيدىغانلىنى سوردۇم ، تەپسىلى  دەپ بەردى ،سىزچۇ ، مەن كومپىيۇتىر كەسپىدە،  مەن  ئۇنىڭدىن  ئىسمىڭىز نىمە ئىسىم
تۇمارىس ، مەن سەل  ئىككىلنىپ قالدىم ، مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىسىم راسمۇ يا ، راسقۇ، بۇنداق ئىسىمنى  ئاڭلىمىغانما ، ئاڭلاشنىغۇ
ئاڭلىغان ، (ئەسكەرتىش :  ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىدىم ، شۇڭا  ئۇنىڭ  ئىسمىنى  تۇمارىس  دەپ ئاتاشنى  لايىق  
كۆردۇم ) ئۇ قىزنىڭ ئىسمى (تۇمارىس) ئىدى،  ئىكىمىز شۇنداق  ياخشى پاراڭلاشتۇق،  كىيىن ئۇ مەن قايتاي كىيىن  كۆرشەيلى ،
خوش ئەمسە ، لىكىن ئۇنىڭ قاچان تورغا چىقىدىغىننى بىلمەيتىم ،  ھەم  ئۇ قىزغا ئانچە قىزقىپ  كەتمىدىم ، بىردەم تور  ئارلاپ
تورخاندىن چىكەتتىم  ، مۇشۇ كۇندىن باشلاپ بىزنىڭ  پاراڭلىشىمىز  باشلانغان ئىدى ،
ئەتىسى سەيشەنبە چۇشتىن كىيىن دەرىستىن چۇشۇپ يەنە تورغا چىقتىم ، شۇ ئەمدى نىمىش قىلدۇ  دەيسىلەر يا قىز دوستۇم بولمىسا،  
يا دوسلار كۆپ بولمىسا ، مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان باللارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئامال يوق
يالغۇزسىرايدىغان گەپكەن ، بۇ مەكتەپكە چوڭلار مائارىپ بويىچە ئوقۇغىلى كەلگەن ، باللار  بىلەن تونۇشاي دىسەم ئۆزەمدىن
كىچىك ،قوش تىلدا ئوقۇغىلى كەلگەنلەر بىلەن تونۇشاي دىسەن ئۇلار چوڭ ، شۇ ياتاقتىكى باللار  بىلەن پارڭلىشىپ ئارلىشىپ
ئۆتىمىز ،ياتاقتىكى ھەممىسى چوڭلار مائارىپ بويىچە ئوقۇغىلى كەلگەنلەر ،مەندىن باشقىسنىڭ ھەممىسى مەخسۇس كۇرۇسنىڭ ،
مەندىن 2-3 ياش كىچىلەر،كۇندە شۇلار بىلەن چۆگلەپ دىگەندەك  كۇن ئۆتكۇز دىغان گەپ ، چۇشتىن كىيىن تورغا چىقىپ  مۇنبەر
كۆرەپ ناخشا ئاڭلاپ 1 سائەتتىن كىيىن چىكەتتىم ، لىكىن ئۇ كۇنى تۇمارىس تورغا چىقمىغان ئىدى ، ئۇ ۋاقىتلاردا چىقامدۇ –
چىقمامدۇ مەن ئۇچۇن ئانچە موھىم ھىسابلانمايتى ، 6-ئاينىڭ 17-كۇنى چارشەنبە ، چۇشتىن كىيىن دەرىس يوق بولغاچ چۇشتىن
كىيىن سەل ئۇخلىۋىلىپ يەنە  شۇ تورخانىغا چىقتىم ، يىڭى كىيۇ كىيۇنى ئاچسام تۇمارىس بار ئىكەن ،بىز بىردەم پارڭلاشتۇق ،ئۇ
تۇيۇقسىزلام باشقا كىيۇ كىيۇ ئارقىلىق مىنى گەپكە سالماڭ ھە ، ئۇ مىنىڭ باشقا نۇمۇرۇم بارلىقىنى قانداق بىلىپ قالغاندۇ ،(كىيىنچە
ئۇنىڭ دىيىشچە ، بۇ يىڭى كىيۇ كىيۇ نىڭ دەرىسجىسى ئاران 3 ئىكەن ، قانداقمۇ كومپىيوتىردا كەسپىدە ئوقۇغان ئادەم بۇنداق
تۆۋەن دەرىجىلىك كىيۇ كىيۇنى ئىشلىتىدۇ ، دەپ مەندىن ئاشۇنداق سوراپتىكەن ) مەن بۇرۇندىن ئىشلىتىۋاتقان كىيۇ كىيۇ
نۇمۇرۇمنى ئەۋەتتىم، ئۇمۇ قوشىۋالدى ،بىز شۇنداق ياخشى پاراڭلاشقان ئىدۇق،  مەن ئۇنىڭغا دوس بولساق  بولامدۇ ، ئۇ مەندىن
قىز-ئوغۇل دوس  بولالامدۇ ،مەن دوس بولالايدۇ ، (ئاشۇ ۋاقىتتا دوس بولالمايدۇ دىگەن بولسام ، بەلكىم كۆرشەلمىگەن بولاتتۇق)
بولىدۇ ئىكىمىز دوس بولايلى ئەمسە، رەھمەت سىزگە ، نىمگە رەھمەت ئىيتىسىز ، مەن بىلەن دوس بولغانلىقىڭىزغا ، ئەرزىمەيدۇ ،
كىينچە مەن تېمىنى قىز-ئوغۇل ئوتۇرسىدىكى ئىشلار توغۇرسىدا گەپكە بۇردۇم ،  مەن ئۇنىڭدىن ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ ، يوق ، بۇرۇن
بىرەرسى بىلەن ئارلاشقانمۇ ،ياق، مەن تۇرۇپ  ئويلاپ قالدىم  ،  ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققان ئادەم مۇشۇ ۋاققىچە بىرسى
بىلەن ئارلىشىپ باقمىدى دىسە كىم ئىشنە ، بولاپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ، ئۇنىڭدىن سىز بىرەرسىنى ياخشى كۆرەپ باققانمۇ،  ياق،  
سىز ماشىنا ئادەممۇ يا ، ئۇ كۇلۇپ كەتتى ،چوقۇم ھە دىيشىم كىرەكمۇ ،بىزشۇنداق خۇشال پاراڭلاشقان ئىدۇق ،كىيىن ئۇ مەن تاماق
يەپ كىرەپ دەپ چىقىپ كەتتى، مەن كەچتە  تورغا چىقامسىز دىسەم ، 7:30 دە تورغا چىقىمەن دەپ چىقىپ كەتتى ، مەن بىر دەم  
ئولتۇرۇپ چىكەتتىم ، كەچتە يەنە باللار بىلەن  تورخانىغا چىقتۇق ،قارسام  تۇمارىس تىخى تورغا چىقماپىكەن ،بىردەم ئاكسىيە
خەۋەرلىرنى كۆرۇپ ئولتۇردۇم ،بىر ۋاقىتتا ئۇچۇر كەلدى ، ئىچىپ قارسام  تۇمارىستىن كەلگەن خەتكەن ، بىز يەنە پاراڭغا چۇشۇپ  
كەتتۇق ، ئۇنىڭ  تىلفۇن نۇمۇرڭىز قانچە ، تىلفۇنىمنى ئوغىرغا بىرىپ قويدۇم ، تىلفۇن يوق ، مەن  ياتاقنىڭ نۇمۇرچۇ ، ياتاقنىڭ
نۇمۇرىمۇ يوق، شىنجاڭ  ئۇنۋىرسىتىدا  ياتاقنىڭ  تىلفۇن يوق  دىسە كىم ئىشنىدۇ ،( ئۇ  راس دىگەن ئىكەن) مەن كۆڭلەمدە بولدىلا
، دەپ بەرگىسى يوق ئوخشايدۇ دىدىم ، مەنمۇ  كىيىنچە سورمىدىم ، بۇگۇن بىز تونۇشقىلى ئۇچ كۇن  بولغان ئىدى ،  لىكىن راس
گەپنى قىلسام ئادەتتىكىچە  تونۇش  ھىسابلايتىم ، ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن ، لىكىن تۇمارىس بىلەن
پاراڭلاشسام خىلى  كۆڭلۇم ئىچىلىپ قالاتتى ، چۇنكى  مەن  ئەزەلدىن ئوچۇق  گەپ قىلىشقا ئامراق ئىدىم  ، ئاغزىمغا  كەلگەن
گەپنى  دەۋىرەتتىم  ،  بەلكىم مۇشۇ سەۋەب تۇپەيلى نۇرغۇن ئىشىم  ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان بولشى مۇمكىن ،   
   چارشەنبە  كۇنىمۇ  ئۆتتى،  لىكىن ئۇنى  يەنە  قانداق ۋاقىتتا ، قايسى كۇنى  ئۇچۇرتىتىشنى  بىلمەيتىم ، بۇ ئىشلارنى ئانچە
ئويلاپ  كەتمىگەن ئىكەنمەن  ،
كۇنلەرمۇ بىرسىنىڭ كەينىدىن بىرسى ئۆتىۋەردى ، 6-ئاينىڭ 20-كۇنى (شەنبە) كۇنى چۇشتىن تورغا چىقسام ئۇ توردا باركەن ، بىز
يەنە قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق ، بىز دەسلەپتە خەت يىزىشقان بولساق كىيىن بىر-بىرسىمىزنى كۆرەپ ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ
ئولتۇردۇق ، مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ ئىككىمىزمۇ خىلى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق ، بىز  چاخچاق قىلشىپ ، كۇلشۇپ، شۇنداق
كۆڭۇللۇك پاراڭلاشقان ئىدۇق،مەن كىيىن يەنە  تىلفۇن نۇمۇرنى سوردۇم،مەندە راسلام تىلفۇن يوق ، ھە  بوپتىلا توردا  بولسىمۇ
پاراڭلاشساقمۇ  ئوخشاشقۇ  دەپ ئويلىدىم ،بىز سائەت 9 غىچە پاراڭلىشىپتۇق  ،بۇ كۇنمۇ ئاشۇنداق پاراڭلىشىپ ئۆتتى ،
6-ئاينىڭ 22-كۇنى چۇشتىن كىيىن دەرىستىن چۇشۇپ تورغا چىقسام ،  تۇمارىسمۇ باركەن ، بىز ئەھۋال سورشۇپ يەنە پاراڭغا
چۇشۇپ كەتتۇق ، مەن تۇمارىس بىلەن دەسلەپتە خەت يىزشىپ پاراڭلاشقانغاندا مۇنداقلام پاراڭلاشقان ئىدىم  ،  چۇنكى
ئادەملەرگە ئىشەنمەس بولاپ قالغان ئىدىم ، چۇنكى ھازىرقى جەمىيەتتە قىز- ئوغۇللارنىڭ  بىر-بىرسىنى ئالدىغانلىقىنى  ئاڭلاپ  
كۆرەپ تۇراتتىم ، كىيىن چىرايىنى كۆرەپ تۇرۇپ پاراڭلاشقان چاغدا  ، سەل ئىشەنچ تۇيۇلدى ، ئۇنىڭ گەپلىردىن ھەم چىراينىڭ
ئۆزگىرشىدىن خىلى ياخشى قىزكەن دەپ ئويلىدىم ، بىز شۇنداق پاراڭلىشىپ كىتىپ بارغاندا ، ئۇ تۇيۇقسىز تىلفۇن نۇمۇرىمنى دەپ
بىرەيمۇ ،نۇمۇرنى ئەۋەتىڭە، ئۇ ئىيتىپ بەردى ، كۆڭلۇمدە ئەمدى توردا بولمىسىمۇ ئۇنى تاپالايمەن دەپ ئويلىدىم ، بىز يەنە
خوشلىشىپ قايتىشتۇق ، شۇنى كۇنى كەچتە ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازسام ، ئۇ قايتۇردى ، لىكىن سەل ئۇزاقتا ،نىمىشقا بۇنداق قىلدىغاندۇ
دەپ ئويلاپتىمەن ،( ئەسلىدە ئۇنىڭ تىلفۇننىڭ باسىدىغان كونۇپكىللىرى بۇزلىپ كىتىپكەن ئەمەسمۇ )  2-3 پارچە ئۇچۇر
يىزىشتۇق، ئەتىسى  سەيشەنبە كۇنى ، چۇشتىن كىيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتى يىنىغا كەلدىم، ئۇيەردە بۇرۇن مەن بىلەن بىللە
ئوقۇغان باللارنىڭ ئۆيى بار ئىدى ، مەن  بارغاندا باللار مەكتەپ ئىچىدىكەن ، مەن يىتىپ بارغاندىن كىيىن بىر ئاغىنەم بىردەم
پاراڭلاشقانغاندىن كىيىن  ئىشقا  كەتتى ، مەن بىلەن بىر ئاغىنەم قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشقانغاندىن كىيىن ،
ئاداش مۇشۇ مەكتەپلىك بىر قىز بىلەن توردا تونۇشۇپ قالغان، بىر ئۇچۇر يىزىپ باقاي ھە ،چىقىپ قالسا كۆرشەپ ماڭماڭدىم،
تۇمارىسقا ئۇچۇر يازدىم ، ئۇ سەل تەستە قايتۇردى ، مەن سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلاردا ، مەن كۇتۇپخاننىڭ ئالدىدا دەپ ئۇچۇر
كايتۇردۇم ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلمىدى،مەن تىخى ئۇ مەندىن ئەنسىرەپ ئۇچۇر يازمىغان چىغى دەپتىمەن ،  بىر دەم تۇرۇپ
ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى ، مەن تىلفۇننى ئالدىم ، ئۇ  ئەلىجانمۇ دىدى، مەن شۇ دىدىم ، نىمىشقىكىن قۇلقامغا ئۆزەمنىڭ  ئىسمى
چىرايلىق ئاڭلىنىپ كەتكەن ئىدى ، ( ئۇرۇمچىگە دەسلەپتە ئوقۇشقا كەلگەندىن باشلاپلام ، ئىسىمىڭ نىمە ؟ دىسە ، ئەلى دەپ
ئىيتاتتىم ،لىكىن ئىسمىم ئىلىجان دىمىگەن ئىدىم ، نىمىشقا  دىسەڭلە بەرىبىر  جان  دىگەن يەرنى تاشلىۋىتىدۇ ،  ئۇنىڭ ئوينىغا  
ئەل دەپلام كۆنگەن ئىدىم) تۇمارىس بىلەن ئەھۋال سوراشقانغاندىن كىيىن سىزنەدە دىدى ، مەن ئۇنۋىرسىتنىڭ يان ئىشىكى
تەرەپتە ئىكەنلىكىمنى ئىيتقان ئىدىم ، مەن سىزنى كۆرمىدىمغۇ دىدى ، مەن كۇتۇپخانا تەرەپكە ئۆتەي دىدىم  ،ئۇ بىر چاغدا مىنى
كۆرگەنلىكىنى ئىيتتى ، مەن ئۇنىڭ ينىغا  بىرىپ ئەھۋال سوراشتىم ، ئۇنىڭغا سەپ سىلىشقىمۇ ئۇلگۇرگەن ئىدىم ، خىلى بولدىغان
قىزكەن دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە  ، ئۇمۇ مىنى كۆزەتكەن چىغى دەپ ئويلايتىم ، بىز بىردەم پاراڭلاشقانغاندىن كىيىن ، مۇشۇ يەردە
تۇرامدۇق ،مەكتەپ ئىچىدە ئايلىنامدۇق يا ،سىرىتقا چىكتەمدۇق  ، ئۇ ماڭا  قاردى، مەن بولدىلا مەكتىپىڭىزدە يۇرسەك ، دوسلىرڭىز
كۆرۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى سۇ ئۇستى باغچىسنى ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلدىم،(چۇنكى ھازىر توردا تونۇشقان دوسلارغا ئىشەنمەك بەك
تەستە ، تۇمارىسنىڭ دوسلىرى ئۇچۇراپ قالسا ،كىيىنچە كىمۇ ئۇ دىسە ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشمۇ تەستە) ، شۇنداق قىلىپ بىز
باغچىغا قاراپ ماڭدۇق ، كىيىن گەپ ئارلىقىدا مەن دەسلەپتە كۆرەشكەندە ، پۇت- قولنىڭ  تىتىرەپ كەتكەنلىكىنى ئىيتقان ئىدى
،ئۇ سەل ئەندىشىدە بوپتىكەن ، لىكىن مەن ئۇنىڭغا ئانچە دىقەت قىلماپتىمەن ،مەن بۇرۇنمۇ  توردا بەزى قىزلار بىلەن تونۇشۇپ  
كۆرشەپ باققاچقا، ئانچە قورقۇنۇشمۇ  يوق ئىدى ، بىز شۇنداق قىلىپ ماڭغاچ پاراڭلىشىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتۇق ، مەن
ئاغىنەمنىڭ  يىندىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىغانلىقىمىنى ئىشارەت قىلدىم،بەزىدى قىزلارنى دەپ دوسلارنى
تاشلىۋىتىدىغان ئىشلارمۇ بولدىكەن ، بىز شۇنداق پاراڭلاشقاچ باغچىغا قاراپ ماڭدۇق ، ماڭغاچ كىتىۋىپ ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ
سەپ سالدىم ،  خىلى بولدىغان قىزكەنغۇ ، ياخشىراق چىقىشىپ قالساق ، ئارلىشىپ ئۆتمەيمەنمۇ  ، دەپ ئاشۇ  يامان  نىيەت بىلەن
ماڭدىم ،چۇنكى بىر قىز بىلەن قانچلىك ئارلىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ، بۇنى ئىنسان بىلىپ بولالمايدۇ ، ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان مودا
گەپ، مەن سىزنى مەڭگۇ ياخشى كۆرمەن،بۇنداق گەپكە پەقەت ئىشەنگىم كەلمەيدۇ ، چۇنكى ئادەم مەڭگۇ ياشىيالمايدۇ ،ئەتە
ئۆلمەيمەن دەپ ھىچكىم ئىيتالمايدۇ دە، بىز  باغچىغا كىرىپ سول تەرەپنى بويلاپ كۆل مەنزىرسىنى كۆرگەچ ماڭدۇق ،ئويۇنچۇق بار
يەرگە كەلگەندە ، بىردەم ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى ،  ئۇ ماڭا خىلى ئوچۇق چىراي بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، بىز مەكتەپكى ئىشلارنى
،ئۆزمىنىڭ ئىشلىرنى ، چاخچاقلىشپ ئولتۇرغان ئىدۇق ، كىيىن تۇمارىس مىنىڭ ئۆيدىكىلىرمىنى سوردى ، ئۆيدىكىلەرنىڭ
ئەھۋالىنى بىرقۇر دەپ بەردىم ، مەن دادسىنىڭ نىمىش قىلدىغانلىقىنى سوردۇم ، دادىسى  ھۆكۇمەت ئورۇندا ئىشلەيدىكەن ،مەن
ئانىڭىز  نىمىش  قىلىدۇ دىسەم ، ئۇ بىردەم تۇرۋىلىپ ئانىڭسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى ،  كەچۇرۇڭ
سورمىسام بوپتىكەن  ،دەرھاللام كاللامغا ئانىسى يوق ، ئانسىز چوڭ بولغان قىزنى مەن ئالدىسام ، مەن نىمىگە ئوخشاپ قالمەن ،
بۇنىڭ گۇنايى بەك چوڭ ، كىيىنچە ماڭا يىنىپ قالسچۇ ،بۇ جاھان ئۆتنە جاھاندە ،بايامقى يامان نىيتىمنى كاللامدىن چىقىرۋەتتىم ،
ھەم بۇقىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ، بولسا قولامدىن كىلىشچە ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم ،پەقەت قىز بىلەن دوس بولۇشنى
ئويلىدىم ، تېمىنى باشقا مەزمۇنغا ئۆزگەرتتىم، مەن ئۇنىڭغا بۇرۇن بىز قىز  بىلەن يۇرگەنلىكىمنى ، ھەم 1 يىلدىن كىيىن ئارلىپ
كەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بەردىم ، مەن شۇنىڭا ھەيرانتىم تۇمارىس شۇنداق گەپنى ئەستايىدىل ئاڭلايتى ، بىز كىچىك ۋاقىتتىكى  
ئىشلارنى توغۇرسىدا پاراڭلاشتۇق ، سائەتكە قارسام 5 بوپتۇ، دوستۇمنىڭ ساقلاپ قالغانلىقىنى ، بارمىسام بولمايدىغانلىقى ئىيتتىم ،
قايتىلى ئەمسە ، ئۇنى مەكتەپنىڭ  ئالدىغا  ئەكىلىپ  قويۇپ  ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىشىپ تۇرايلى ، تورغا چىقسىڭىز  خەت قالدۇرۇپ
قويۇڭ خوش ئەمسە ، ئۆيگە  كىرسەم  ئاغىنەم ئاچچىغلاپ  كەتتى ، ھوي  قىزلارنىڭ كۆرسەڭ بىزنى ئۇنتۇپ قالدىكەنسەن جىمۇ
دەپ  قايناپلاپ كەتتى ، خاپۇلىمىيا  ئاداش، شۇ كۆرشەپ بىر دەم پاراڭلىشىپ يىنىپ كىردىم شۇ ، ئۇ تۇمارىسنى كۆرگەن ئىدى ،  
ئاغىنەم  ئۇ قىز  خىلى  ئاقساكەنغۇ  ، مەن نەدىكىنى ، ياخشى قىزمىكەن دەپ سوردى ، ياخشى قىزكەن ،بىز ئۆزىمىزنىڭ پارڭىغا
چۇشۇپ كەتتۇق  ، كەچتە باللار بىلەن تاماق يەپ بولۇپ مەكتەپكە  قايىتتىم  ،كەچتە  تۇمارسىقا  تىلفۇن قىلدىم ، ئۇمۇ ياتاققا  
ھازىر  كىرگەنلىكىنى ئىيىتتى  ،  نەگە بارغان ، ياتاقتىكى باللار بىلەن  كونسۇل كوچىسىغا بىرىپ ئايلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىيتتى  
،بىردەم پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق،  ئۇ كۇنى خىلى بالدۇرلام ئۇخلىغان ئىدىم ، بىز ئەنە  شۇكۇندىن باشلاپ كۆرشەشكە باشلىغان
ئىدۇق ، بۇ كۆرشۇشنىڭ بۇنچىلا تىزلا تۇگەيدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن  ، ئادەم بۇنى بىلىشكە قادىر بولالمايدىكەن ،
  ئەتىسى 6-ئاينىڭ 23-كۇنى ،  چۇشتىن كىيىن يەنە دەرىستىن چۇشۇپ تورخانىغا كىردىم ، تورغا چىقسام تۇمارىس تورغا  
چىقماپتىكەن ، مەن ئۆزەمنىڭ ئىشنى قىلىپ ئولتۇردۇم  ، خەۋەر كۆرەپ بولۇپ يەنە شۇ توردىن باشقا قىزلارنى ئىزدەپ باقتىم ،تۇزۇك
ئادەم يوقتى، بۇرۇن قىتىۋالغان قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ يۇردۇم ،  بىر ۋاقىتتا  تۇمارىس تورغا چىقتى ، مەن  ئۇنىڭغا  خەت يازدىم ،
بىز بىر دەم پاراڭلاشتۇق  ، بىركەمدە سەل توختاڭ مەن باللارنىڭ يىنىغا بىرىپ كىلەي  ، ئۇ چاغدا كامىرا ئوچۇق ئىدى ، مەن قارسام
ئۇ بۇگۇن ئۇزۇن كۆڭلەك كىيۋاپتىكەن ، ئۇ كەلگەندە ھەي كىيمىڭىز يارشىپتۇ ھە دىسەم ، ئۇ خىجىل بولۇپ سىزقانداق كۆردىڭىز ،
مەن كامىرا ئوچۇق تۇرسا ، كىيىن مەن ئۇنىڭغا  بىزنىڭ مەكتەپكە كىلڭە ، ياق بارماي ، مەن كەلسىڭىز قىزىل تاغقا چىقىپ
ئايلىنىپ كىللى ،  ئۇ  سەل ئىكىللىنىپ قالدى ، بۇگۇن سىرىتتا بوران چىقىۋاتىدۇ ، ھەم يامغۇر  يىغىشى مۇمكىن دىدى ،  بۇگەن
بارمايچۇ  ، مەن كەلسىڭىز بولمامدۇ ، ئۇ ئاخىرى ماقۇل بولدى ،ئەمسە چاپىنىڭىزنى ئالغاچ چىقىڭ ، بولىدۇ چاتاق يوق دەپ  
تورخاندىن چىقتىم ،  تالاغا چىقسام بوران سەل چىقىۋاتاتتى ،  لىكىن يامغۇر ياغدىغاندەك ئەمەستى ، مەن ئۇدۇللام  بىرىۋىرەي دەپ
ئويلاپ ، تۇمارىسىنىڭ دىگەن گىپىنى ئويلاپ بىر چاپان قانچىلىكتى يا چوڭ بولمىسا ، ياتاققا  قاراپ ماڭدىم ،  مەن چاپاننى ئىلىپ
دىيىشكەن يەرگە ماڭدىم ، مەن بىرىپ 10-15 مىنۇت بولغاندا  ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى ،  تۇمارىس تىلفۇندا سىرىتتا يامغۇر
يىغىۋاتىدۇ ، قانداق قىلمىز كۆرشەمدۇق يا،، مەن  كىلۋىرڭە مەن كەپ بولدۇم ، ئۇمۇ  ئۇ ۋاقىتتا ماشىندا  ئىكەن ، كىيىن بىلسەم
ئۇمۇ تورخاندىن چىقىپ بولۇپ سەل ئىككىلنىپ قاپتىكەن ، تۇنۇگۇن كۆرەشەپ بۇگۇن يەنە كۆرشەمدىم ،يا كونا تونۇش بولمىسا، يا
بىر مەكتەپتە  بولمىسا ، توردا تونۇشقان ئادەمگە ئىشەنگىلى بولامۇ  دەپ ،سەل ئويلىنىپ  تۇرۇپ قاپتىكەن  ، مەن مۇ  ساراڭدەك ،
ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇگۇن كۆرشەپ يەنە بۇگۇن كۆرشەيلى دەپ تۇرۋاپتىمەن ، مەن ئۇنچىلا جىق ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم ،  ئۇنىڭ
بىلەن سىرداشقىم كىلەتتى ، كەيپىياتىممۇ خىلى كۆتۇرلۇپ قالاتتى، ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق سىرداش دوس تىپىشنى ئويلايتىم ،
شۇڭا جىق ئىشلارنى ئويلىمايلام كۆرشىلى دەپ تۇرۋالغان ئىدىم ، لىكىن مەن تۇمارىسنىڭ  قانداق  ئويلا  دىگەننى  ئويلاپ
باقماپتىمەن  ، مەن  بىكەتتە ساڭلاپ تۇردۇم ، ئۇ ۋاقىتتا  يامغۇر سەل چۇشۇشكە باشلىغان ئىدى ،  ئۇمۇ ئاخىرى كەلدى ، بىز ئەھۋال
سوراشقانغاندىن كىيىن ،كىيىمىڭىز يارشىپتۇ  ، ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك ئىدى ، مەن چاپاننى بىرەيمۇ  ، ئۇ بەرمەمتىڭىز دەپ
كۇلدى ، ئۇ  چاپاننى كەيدى ، گەرچە چاپىنىم ئانچە پۇزۇر بولمىسىمۇ خىلى ياراشقان ئىدى، ھازىرغىچە ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ،
چاپىنىمنى كەيگەن سىمايى  ھازىرغىچە ئىسىمدە ، تۇمارىس  بايام ئاچام تىلفۇن قىپتىكەن ،مەن تىلفۇن قايتۇرۋالاي ھە ،ئۇ
سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن ، يىنىمغا كەلدى ،بىز قىزل تاغقا  چىقىپ بولغىچە  خىلى كەچ بولدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى ئاپىرىپ قوياپ
كەلگىچە خىلى ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ، بولمىسا سىزنىڭ مەكتىپڭىز تەرەپكە بىرىپ ئاشۇ تەرەپتە ئايلىنايلى ، سىزلام بارسىڭىز
بولدىغان گەپ ئەسلىدە ، بىز  ئاپتۇۋۇزغا چىقتۇق  ، ماشىندا خىلى جىق ئادەم بار ئىدى ، ئورۇنمۇ  بىكار ئەمەسكەن ، بىز كەينى
تەرەپتە ئۆرە تۇردۇق  ، ئۇنىڭ چاپان كەيگەن چىرايىغا قاردىم ، ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى ، كۆڭلەمدە چاپىنىمنى
ياراتماسمىكى دەپ ئويلىغان ،لىكىن ئۇ ئۇنداق ھالى يوغان قىزلارغا ئوخشىمايتى ، ماشىنا جەنۇبىي باغچىغا كەلگەندە ماشىندىن
چۇشتۇق ،  لىكىن ئۇۋاقىتتا يامغۇر خىلى قاتتىق چۇشىۋاتاتتى ، تۇمارىس كۇنلىك ئىلۋالغان ئىكەن ، ئۇ كۇنلىكنى ئاچتى ، ماشىندىن
چۇشۇپ ئۇنىڭ قولدىكى كۇنلۇكنى ئىلىشنى ئويلىدىم ، لىكىن  كاللامغا ، ماڭا قىز بالا كۇنلىك تۇتۇپ بەرسە،يىندا ماڭسام  قانداق  
تەسىراتتا  بولدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئۇنىڭ قولدىكى كۇنلىكنى ئالمىدىم ، بۇرۇن بىر قىز بىلەن ئارلاشقان ۋاقىتتا بۇنداق ۋاقىتلار
بولمىغان ، يامغۇر ياغقان چاغلاردىمۇ بىز كۇنلۇك ئاستىدا مىڭىپ پاراڭلىشىپ باقمىغان ،  بۇ ماڭا تۇنجى قىتىم قىزلارنىڭ كۇنلىك
تۇتۇپ بىرشى ئىدى ،  بىز 10-15 قەدەم ماڭغاندىن كىيىن ئۇنىڭ  قولدىكى كۇنلۇكنى ئالدىم ، ھەم ئەكىلىڭ بولدى مەن تۇتاي ،
دىسەم ئۇمۇ كۇلۇپ تۇرۇپ بەردى ، بىز يەنە پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق ، بىز ئۇچتاش تەرەپتىكى يولدىن مىڭىپ سۇ ئۇستى باغچىسىغا
باردۇق ، مەن ئاشۇ يەردە ئايلىنايلى دىگەن ئىدىم ،يامغۇر ياغقان بولغاچ  يولدىمۇ ئادەم ئاز ئىدى ، باغچىنىڭ ئالدىغا كەلسەك
كىردىغان ئىشىكنى  توساپ قويۇپتىكەن ، مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنايلى دەپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق ، مەن ئۇچاغدا
ھىچنىمىنى ئويلىماپتىكەنمەن ،  خىلى قاراڭغۇ چۇشكەن ۋاقىت ئىدى ،  مەن تۇمارىسقا  باغچىغا كىرەيلە دىسەم ماقۇل دىگەن ،
لىكىن ھازىر ئويلىسام، كاللامغا  كەلدى دەپ دەۋىرىپتىمەن ، ئۇ بىر قىز تۇرسا ،بىز تونۇشقىلى تىخى ئۇزۇن بولمىغان  ۋاقىتتا مەن
ئۇنىڭغا  ئۇيەرگە بارايلى بۇيەرگە بارايلى دەپ ئىلىپ مىڭىۋىرىپتىكەنمەن،  ئۇ قىز نىمە ئويلايدۇ ، پەقەت ئويلىماپتىمەن
،ھەرقانداق قىزدا دەسلەپتە سەل ئەندىكىش بولىدۇ دە، ئۇمۇ  ماڭا  خىلى ئىشەنگەن چىغى، بولمىسا ماقۇل دىمەستى ،  
كۆڭلۇمدىمۇ  يامان نىيەت  بولمىغاندىن كىيىن ،  گەپنى ئوچۇق دەۋەرگەن ، يا ئۇقىزنىڭمۇ كۆڭلى  پەرىشان بولغىيمىتى ، مىڭىپ  
ئۇنۋىرسىتنىڭ ئىچىدىكى كۆلنىڭ  بويىغا كەلدۇق ، بۇيەرنى ئايلىنايلى دىدىم ، كۆل بوينى ئايلانغاچ پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ، ئۇ
مەندىن بۇرۇنقى قىز دوستۇمنىڭ ئىشنى سوردى  ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىيتىپ بەرگەچ كۆل بوينى ئايلاندۇق ، نىمىشقىكىن كۆڭلۇم
شۇنداق خاتىرجەم ، ھەم خۇشال ئىدىم ، كۇنلىكىنى بىر چاغدا ئۆزەم تەرەپكە  تارتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۇستىگە يامغۇر چۇشەتتى ، خەپ
دەپ كۇنلىكنىڭ تۇيگە كەلمەيتى ،( تۇيگە دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغان بولغىيتىڭلار بەلكىم .  ئۇ يىنىغا دىگەن گەپ ، قەشقەردە
شۇنداق گەپ قىلىپ كۆنەپ قاپتىكەنمەن ،  قىززىق يىرى  ئۇمۇ  بىلەمەيدىكەن ، پوسكام دا  ئۇنداق گەپلارنىمۇ قىلمايدىكەن
،مەن  كىيىنكى چاغدا ئاشۇنداق گەپنى قىلسام ئۇمۇ ،نىمە گەپ بۇ دىگەن ئىدى ) ھەي بۇياققا كىلڭە، ياق مۇشۇنداق  ماڭىمەن ،
مەن چاخچاق  قىلىپ  چاپىنىم يول بولاپ كىتىدۇ  ، ئۇ ئاچىغلاپ  چاپىنىڭىزنى مەندىن ئاياتامسىز ، خەپ جىمۇ ، مەن چاخچاق
قىلىپ قويدۇم ، بولدى خاپۇلىمىڭە ، كۇنلۇكنى ئۇنىڭغىمۇ تەڭ تۇتتۇم ، ئۇنىڭدىن سىز بىرسىنى ياخشى كۆرەپ باقمىغانمۇ  ،  ياق ،
سىز راستىنلا ماشىنا ئادەممۇ نىمە ، مىنىمۇ باشقىلار قوغلاشقان ،لىكىن ئۇلارغا كۆڭلۇم بولمىسا ئامال يوقتە ، بىز شۇنداق پاراڭلاشىپ
يۇرۇپ سائەتمۇ 9 بوپتىكەن ،مەن قايتاي ئەمسە ، بولىدۇ سىز مۇ بالدۇراق قايتىڭ ،سىزنى ياتقىڭىزنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قوياي ،ئۇ
ماڭغاچ گەپ ئارلىقىدا ،ماڭا تۇنجى قىتىم بىر ئوغۇل باللار بىلەن يامغۇردا بىللە مىڭىشى  ۋە كۇنلىك تۇتۇپ بىرشى  ،ئۇندامۇ
ئەمەستۇ ، كەينىدىن سانغاندىمۇ يا،ياق راس شۇنداق  ،بۇگۇن ئىكىلىمىز بەك خۇشال ئىدۇق ، مەن ئۇنى ياتىقىنىڭ ئالدىغا
ئاپىرىپ قويدۇم ،  ئۇ ماڭا كۇنلىكنى ئىلۋىلىڭ دىدى ،مەن ئۇنىڭغا  مەن ئەزەلدىن كۇنلىك تۇتۇپ ماڭمايدىغانلىقمىنى ئىيىتتىم
،تۇتۇڭ چاپاننى ،بولدى سىز كىيىپ كىركىتىڭ بولدى ،سىز توڭلاپ قالماڭ يەنە ،چاپاننى ئىلىپ مەكتەپ قارام ماڭدىم ، نمشىقىكىن
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆزمەننىڭ بىرنەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەكلەم ھىس قىلدىم ، بۇ مىنىڭ تۇمارىس بىلەن تونۇشقانغاندىن
بىرى تۇنجى ھىس قىلغان چىغىم ئىدى ،  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتنىڭ ئالدىدىكى بىكەتتە تۇرۇپ ماشىنا  ساقلىدىم ، يامغۇر يەنە
چۇشۇشكە باشلىغان ئىدى ، ماشىنمۇ كەلدى ، ياتاققا  كىرسەم باللار نەگە باردىڭ ، قىزلار بىلەن كۆرشەپ شۇ ، قىز بالا دىسە ئۆلۇپ
بەرمە يەنە دەپ چاخچاق قىلدى  ، ئۇنداقمۇ بولماس، دەپ كارۋىتىمغا چىقىپ ئۇلتۇرۇپ خىيالغا چۆمدۇم ،  مەن بۇگۇن شۇنداق
خۇشال ئىدىم ، تۇمارىسمۇ چوقۇم خۇشال بولدى دەپ ئويلايتىم ، شۇندىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىزمۇ تىىخمۇ قويۇقلىشىشقا باشلىدى  ،
ئۇنىڭ بىلەن بولۇشقان گەپلەرنى ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ،


6-ئاينىڭ 24-كۇنى يەنى چارشەنبە كۇنى ، چۇشتە تاماق يەپ بولۇپ ياتاققا كىرىپ باللار بىلەن پاراڭ سىلىپ ئولتۇردۇم، سائەت 1
بولغاندا خىلى بۇرۇن توردا تونۇشقان بىر قىز بارئىدى، شۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، بۇگۇن چۇشتىن كىيىن ۋاقتى بارئىكەن ، بىز
كۆرشەشكە پۇتۇشۇپ دىيىشكەن يەرگە باردىم ، ئۇيەرگە بىرىشتىن بۇرۇن تۇمارىسقا تىلفۇن قىلدىم ، بولمىسا كۆرەشكەن ۋاقىتتا
تىلفۇن قىپ قالسا نىمە دەرمەن دەپ ،تۇمارىس مەكتەپتىكەن ، چۇشتىن كىيىن ئاچىسنىڭ مەكتىپىگە باردىغانلىقىنى ئىيتتى ، ئەمسە
ياخشى ئويناپ كىلىڭ ، كەچتە ئىشىڭىز تۇگگەندە ماڭا تىلفۇن قىلارسىز ئەمسە دەپ خوشلاشتىم ،مەن ئۇيەرگە بىرىپ ھىلقى قىزنى
ساقلىدىم،  ئۇمۇ خىلى بىر ۋاقىتتا كەلدى، ئۇنىڭ رەسمىنى كۆرگەن ،لىكىن كامىرادا ئۇنى كۆرمىگەن،شۇڭا خىلى تەستە تىپىشتۇق ،
بىز پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ، بۇ  ئادەتتىكىدەك بىر قىز ئىدى ، ئوتتۇر بوي ، يىزائىگلىك ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇيتى ، بىز قىزىل تاغقا چىقتۇق ،
شۇيەردە ئۇيان بۇيان مىڭىپ يۇرۇپ ئايلاندۇق، بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەشكەنمۇ بولدۇق ، يەنە شۇ قىز-ئوغۇل ئوتتۇرسىىدىكى
ئىشلارنى ، ھەم مەكتەپتىكى ئىشلارنى سۆزلەشتۇق ، تەخمىنەن 1 سائەتتىن كىيىن ،ئۇ قىز كەچتە سىنىپتا يىغىن بارلىقىنى، بالدۇراق
قايتاي ، بولىدۇ قايتىلى ئەمسە دەپ بىكەت تەرەپكە ماڭدۇق ، بىز غەربىي كۆۋرۇك كە كەلسەك . ئۇيەردە ، يىزا ئىگلىك مەكتەپكە
باردىغان ماشىنا يوق ئىكەن ،  شۇڭا ئۇنى غەربىي كىچىك ئىشىك تەرەپكە (شىياۋ شىيمىن) ئاپىرىپ يولغا سىىپ قويماقچى بولدۇم ،
بىز پاراڭلىشىپ مىڭىۋاتقاندا تۇمارىستىن تىلفۇن كەلدى ، مەن ئۇنىڭ  تىلفۇننى ئالماي بىسىۋەتتىم، بىردەم تۇرۇپ يەنە ئۇردى
يەنە بىسىۋەتتىم ، ئىچىمدە ئاچچىغالايدىغان بولدى ئەمدى دەپ ئويلۇدۇم ، بىز بىكەتكە كىلىپ ماشىنا ساقلىدۇق ، ماشىنىمۇ
كەلدى، ئۇنى يولغا سىلىپ قويدۇم ،  بۇ ئۇ قىز بىلەن تۇنجى ھەم ئاخىرقى ئۇچۇرشىمىز ئىدى، چۇنكى ئۇ قىز  راس گەپ قىلغاندا ماڭا
يارمىدى ، بۇنداق دىگىنىم سەتكىن دىگىنىم ئەمەس ، خۇيپەيلى ياقمىدى ،شۇڭا تىلفۇن نۇمۇرنى چىقىرۋەتتىم ، ئەمدى بۇندى
كىيىن ئالاقىلاشمايدىغان بولۇپ قايىتتىم ، بەلكىم ئۇقىزغىمۇ  يارمىغان بولشۇم  مۇمكىن.بەزى چاغدا مۇشۇنداق بوپ قالدىغان
ئىش،  بۇ توردا قىزلار بىلەن تونۇشۇپ ئۇچۇرشىمنىڭ دەسلەپكىسى ئەمەس ، بۇندىن بۇرۇنمۇ  توردىكى قىزلار بىلەن كۆرەشكەن ،
بەزىسى بىلەن يىقىن دوس بولۇپ قالغان ، خىلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئالاقىلاشقان ،داۋاملىق ئالاقىلشاي دىسەك ئەمدى ئۇلارمۇ
كىيىن بىرسى بىلەن تىپىشپ توي قىلدىغان گەپ ، ئۇلارنى ئاۋار قىلماي دەپ ئويلايىتىم ، يەنە بەزىسى بىلەن كۆرشۇپ مۇھەببىتى
بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلارنى قايتا ئىزدىمەيتىم ،ھەم توردىكى پاراڭلىشىش نۇمۇرنى چىقىرۋىتەتتىم  ،يەنى بەزى قىزلار بىلەن
بۇگەنكىدەك بولۇپ تۇگەيتۇق ، ھەي  مۇشۇ تورنىڭ ئىشلىرىمۇ قىززىقتە ، ئۇقىزنى يولغا ساپ بولۇپ تۇمارسىقا تىلفۇن قىلدىم ،  ئۇ
ئاچىسنىڭ مەكتىپىگە بىرىپ بوپتۇ . (ئاچىسى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ شىمالى رايۇندا  ئوقۇيتى )، لىكىن ئاچىسنى 1 سائەتتەك
ساقلاپتۇ،ئاچىسى بىر يەرگە چىكتىپتىكەن ،  ئۇ بايام تىلفۇن قىلسام ئالمايسىزغۇ مەكتەپتە بىرەر قىز بىلەن كۆرشەتەمتىڭىز يا،دەخلى
قىلىپ قويمىغاندىمەن ، ياقەي  مۇئەللىمنىڭ قىشىدا ئىدىم شۇڭا ئالالمىغان دەپ يالغان ئىيتتىم ، يالغان گەپ قىلماڭ ، راس
شۇنداق دەپ تۇرۋالدىم ، ئۇمۇ ئاچىسنى تاپالماي جىلە بولاپ تۇرغان ئىكەن ، ئەمدى نىمىش قىلسىز دىدى، مەن تاماق يەپ
بولۇپ ياتاققا كىردىغانلىقىمنى ،كىيىن تورخانىغا كىردىغانلىقىنى ئىيتتىم ، ئۇ ئەمسە توردا كۆرشىلى ، بولىدۇ ئەمسە خوش ، مەن
مەكتەپ كىرىپ باللار بىلەن تاماق يەپ بولۇپ ياتاقتا بىردەم ئولتۇردۇق ، باللار  بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام تۇمارىس تىلفۇن
قىپتۇ ، نىمىش قىلۋاتسىز دىدى، مەن شۇ ياتاقتا ئولتۇرغان ،سىزچۇ نەدە ، مەن مىڭىپ كىتىۋاتىمەن  ،ماشىنا يوقمىكەن،باركەن
ماشىنىغا چىقىش خوش ياقمىدى، ئاچىڭىز بىلەن كۆرشەلمىدىڭىزمۇ ، ئۇ ئاچىسى بىلەن كۆرشەپتۇ ،لىكىن خاپۇلىشىپ قاپتىكەن ،
شۇڭا ئاچچىغىدا مەكتەپ مىڭىپ بارماقچى بوپتۇ ، مەن ئۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ، يول سەل خەتەرلىك ، يەنە كىلىپ بىر قىز تۇرسىڭىز
يولدا يالغۇز ماڭماڭ ، ماشىنىغا چىقىپ قايتىڭ دىسەم ئۇ پەقەت ئۇنمىدى ، ئەمسە سىز نەدە مەن يىنىڭىزغا باراي ، كەلمەڭ بولدى
، كەلسىڭىزمۇ مىنى تاپالمايسىز ، ئۇنىڭدىن سەل ئەنسىرەپ ، بارمەن دەپ چىڭ تۇرۋالدىم ، ئۇ پەقەت ئۇنمىدى ، ئەمسە ماشىنىغا
چىقىپ كىتىڭ بولامدۇ ، ئۇ ئاخىرى ماقۇل بولۇپ ماشىندا قايتىدىغان بولدى ، خوشلىشىپ تىلفۇننى قويۋەتتىم ، لىكىن ئۇنىڭدىن  
سەل ئەنسىرەپ قالدىم ، ياتاقتا بىردەم ئولتۇردۇق ، خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز كاللامغا تورخانغا چىقىش خىيالى
كىلىپ قالدى ،  لىكىن بولدىلا كىيىن چىقاي  دەپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، ئەسىلدە ئاشۇ ۋاقىتتا چىققان بولسام ،  مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى
بىكەتتە تۇمارىسنى ئۇچۇرتىپ قىلشىم مۇمكىن ئىكەن ،  ئۇماشىنىغا چىققاندا شوپۇر بۇ  ماشىنىڭ  ئاق قوۋۋۇق (نەنمىن)
توختايدىغانلىقىنى شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتى تەرەپكە بارمايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ ، لىكىن ئۇ  شۇنداق تۇرسىمۇ ماشىنىغا چىقىپتۇ ، ئۇ
مائارىپ ئىنىستىتوتى بىكتىدە چۇشۇپ ماشىنا ئالماشماقچى بولغان ئىكەن ، ئۇ بىكەتتى تۇرۇپ ماشىنا كەلسىمۇ چىقماپتۇ، 10
مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرۇپ ئاندىن ماشىنىغا چىققان ئىكەن ،ئاشۇ ۋاقىتتا ماڭا تىلفۇن قىلىشنى ئويلاپتىكەن ،لىكىن بولدىلا ئاۋار قىلماي
دەپ ئويلاپتۇ ،كىيىن ياتاقتىكى باللار  بىلەن تورخانىغا چىقتۇق ،  مەن تورغا چىقىپ مۇنبەرنى ئارلاپ يۇرسەم بىر ۋاقىتتا تۇمارىستىن
خەت كەلدى ، ئۇ مەندىن بالدۇر  تورغا چىقىپتىكەن ،  لىكىن ئۆزنى يوشۇرۇن قىلۋاپتىكەن ، خەتكە جاۋاپ قايتۇرۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن
ئاۋازلىق پاراڭلاشتىم ، ئۇنىڭ ئاۋازى بىرخىل چىقاتتى ، ئۇنىڭدىن نىمە بولدىڭىز  دىسەم ،ھىچنىمە ،  يىغلىدىڭىزمۇ دىسەم ، مىنى
يىغلىتاي دەمسىز  ، بۇنىڭغا نىمىش بولغاندۇ ، ماڭا نىمىشقا ئاچچىغلايدۇ ،بولدىلا پاراڭلاشماي دەپ ئۆچۇرۋەتمەكچى بولۇپ ،
دوستۇم بولغاندىن كىيىن كۆڭلىگە تەساللىي بىرشىم كىرەكتە ،  ئۇنىڭ كىيىن دىيىشچە ئۇمۇ ئاشۇ گەپنى دەپ بولۇپ مىنى قانداق
قىلدىغاندۇ دەپ ئويلاپتىكەن، ئۇنىڭ كۆڭلى يىرىمغۇ ، بولمىسا ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىلامدۇ دەپ ئويلاپ  ، گەپنى باشقا يەرگە
بۇردۇم ،  ئۇنىڭدىن ئۇنى –بۇنى سوراپ، كۇلدۇرۇپ يۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى خاپۇلىقنىڭ تۇككەنلىكىنى بىلۋالدىم ، كىيىن
شۇنداق چىرايلىق پاراڭلىشىپ ، بىر-بىرسىمىزگە چاخچاق قىلىپ يۇرۇپ شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق ، بىرۋاقىتتا ئۇ سائەت قانچە
بولدى ،سائەت 9بوپتۇ ، ئەمسە مەن قايتاي ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ،تۇمارىس توردىن چىقىپ كەتتى ، مەنمۇ بىردەم ناخشا ئاڭلاپ
مەنمۇ ياتاققا قايتىم ، ياتاققا كىرىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن ئۇردۇم ، نىمىش قىلۋاتسىز ،كارۋىتىمدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرەۋاتىمەن ، مەن
كەيپىياتىڭىز قانداق دەپ سورسام ، ياخشى بوپ قالدىم ،سىزگە رەھمەت ھە ، مەن نىمىگە رەھمەت ئىيتىسىز  ، سىز بىلەن
پاراڭلىشىپ كۆڭلۇم خىلى ئىچىلىپ قالدى ، ئەرزىمەيدىغۇ ، دوستىڭىز تۇرسام ياردەم قىلمىسام قانداق بولىدۇ ، ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزنى
ئۇنداق يىرىم قىلىپ يۇرمەڭ . ئاغرىپ قالماڭ يەنە ،  بولىدۇ مەن  ئويلىماي بولدى ئۇئىشلارنى ، ياخشى ئارام ئىلىڭ خوشلىشىپ
تىلفۇننى قويۋەتتىم ، ياتاقتىكى باللار بىلەن پاراڭ سىلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق ، بىر ۋاقىتتا خوشاللىغىمدا قانداق ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى
بىلمىدىم ،
ئەتىسى پەيشەنبە كۇنى ، ئەتىگەندە دەرىسكە چىكەتتىم ، چۇشتىن كىيىن 7-8- سائەتتە تەنتەربىيە دەرىس بار ئىدى ،  مەن
چۇشتىن كىيىن تۇمارىسقا تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ چۇشتىن كىيىن دەرىس يوقلىقىنى ئىيتتى ، مەن ئەمسە مەكتىپىڭىزگە بارمەن ئەمسە
،سىزگە دەرىس يوقما ، موھىم دەرىس يوق شۇ،بوپتۇ كىلىپ تىلفۇن قىلىڭ ، ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ، ئۇنىڭ مەكتىپىگە قاراپ ماڭدىم
، تۇمارىس ئۇۋاقىتتا جەنۇبى باغچا ئىچىدە ئىدى ، ئىمتاھام ۋاقتى ئاز قالغان چاغ بولغاچ ، كىتاغ كۆرۇۋاتاتتى ، ئاستا كەينى
تەرەپتىن يىقىنلاشتىم ، لىكىن ئۇنىڭ ئاشۇ بىرلىپ ئۇگنىش قىلۋاتقان ھالىتىنى بۇزغۇم كەلمىدى ،  ھەي كەلمىسەم بوپتىكەن
ئەسىلىدە، ئۆزەمگە دەرىس خوش ياقمىدى دەپ ، تۇمارسىنى ئاۋار قىلدىغان بولدۇمدە ، مەن بىردەم تۇرۋىتىپ يىنىغا باردىم ، ھەم
كىينىدىن كىلىپ كۆزنى ئىتىۋىلىپ مىنىڭ كىملىكىمنى سوراپ باقاي دەپ ئاستا يىقىنلاشتىم ، لىكىن ئاز قالغاند ئۇ ئەمەس بوپ قالسا
بىكا سەت تۇرمىسۇن دەپ ،ئۇنىڭ ئالدىدى تەرەپتىن ئۇنىڭ يىقىنلاشتىم،  قارسام راس شۇكەن ، ئۇنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ
قىلالمىغان ئىدىم ، ھەم 3-قىتىم كۆرشىمىز بولغاچ  بۇنداق چاقچاق قىلسام سەل ئاشۇر ۋەتكەن بولماي دەپ ئويلىىم ، كىلىپ سالام
سائەتتىن كىيىن ، بىز يەنە شۇ پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق ،نىمە پاراڭ دەمسىز ، شۇ ئۇنى –بۇنى دىيشىپ ، كۇلشىپ ،چاخچاق قىلشىپ
، بىر-بىرسىمىزنى تىرىكتۇرۇپ شۇنداق خۇشال ئۆتتۇق ، خۇددى بۇرۇن تونۇشىدىغان ئادەمدەكلام ، توۋا دەيمەن جىمۇ لىكىن ، بىز
شۇنداق تىزلام چىقىشىپ كەتكەن ئىدۇق ، مەن ئۇنىڭغا تاماق يەيلى يۇرۇڭ ، بۇيەردە ئولتۇرىۋەرمەيلى ، بىز ئاشخانىغا ماڭدۇق ،  
سىز مىھمان قىلىڭ ھە ، بولىدۇ چاتاق يوق  ،  بىز ئاشخانىغا كىردۇق ، ئاشۇ ئىش ھازىرغىچە كاللامدىن چىكەتمەيدۇ ، مەن مۇلازىمغا
تاماق بۇيرۇتتۇم ، تۇمارىس چاي قۇيۋاتاتتى ، لىكىن چەينەك ئاغىزىدىن چاي بەك ئاز چۇشۇۋاتاتتى ، مەن چەينەكنى ئىلىپ ئىچىگە
قارسام ئاغزىغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ئەمەس ، مەن قۇيساممۇ شۇنداق ئاز چۇشىۋاتىدۇ  ، مۇلازىمنى چاقىردىم ،ئەسلىدە
ئاغزىنى ئىچىپ قويۇپ چاي قۇيسا بولدىغان ئىشكەن ، ئىكىلىمىز ئۇنى ئويلىماپتۇق ، بىز تاماق چىققىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇردۇق ،
تاماقمۇ چىقتى ، مەن لەغمەن  بۇيرىتقان ئىدىم ، تۇمارىس سومەن بۇيرىتقان ئىدى ، مەن چوكنى ئىلىپ تاماق يەۋىتىپ ئۇنىڭغا
قاچىسىغا قارسام گوشى سەل ئازدەك كۆرۇندى ، ئۇنىڭغا گۆش سەپ بىرەيمۇ  ، تۇمارىس بولدى رەھمەت ،  مەن ھىچقانداق ئىشنى
ئويلىمايلام ، قاچامدىن گۆشنى ئىلىپ ئۇنىڭ قاچىسىغا سىلىپ بەردىم ، مەن ئۇۋاقىتتا ئۇنى پەقەت يىقىن دوستۇم دەپ ئويلاپلام
شۇنداق قىلغان ئىدىم ،  ئۇمۇ تاماق ئارلىقىدا ، مۇشۇ ۋاققىچەئۆيدىكىلەردىن باشقا بىرى  ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماپتىكەنمەن ،مەن
ئۇنىڭ قاچىسىغا گۆش سىلىپ بەرگەن تۇنجى ئادەم ئىكەنمەن ، ئۇ ئاساسەن ياتاقتىكى يىقىن دوسلىرى بىلەن تاماققا بىللە
چىقىدىغان ئىكەن ، ئوغۇللار  بىلەن 2-3 قاتا بىللە تاماققا چىقىپتىكەن ، بىز ئاشخاندىن چىقتۇق ، مەن مىھمان قىلدىغان بولغان
ئىدىمغۇ ،قويىڭە بىرىنجى قىتىم سىزنى چىقىمدار قىلغۇزسام قانداق بولىدۇ ، بىز پاراڭلىشىپ مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىپ يۇردۇق ،
سائەت 9دىن ئاشقاندا مەن ئۇنى ياتاق ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ مەكتەپكە قايتتىم ،ئۇنىڭ مەكتىپىدىن چىققاچ  كۆڭلەم بىر قىسىم
بولاپ قالدى ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرەسسەم شۇنداق خۇشال بولاتتىم ،
ئەتىسى جۇمە كۇنى چۇشتىن كىيىن  6-7-8- سائەتتە خەنزۇتىلى دەرىس بار ئىدى ، چۇشتە ياتاقتا ئولتۇرۇش خوش ياقماي يەنە
تورخانغا چىقتىم ، تورغا چىقىپ خەۋەلارنى  ، مۇنبەرلەردىكى يىڭى تېمىنى كۆردۇم ،  لىكىن تۇمارىس تورغا چىقمىغان ئىدى ، مەن
تۇمارىس بىلەن تونۇشۇپ، ياخشى دوسلاردىن بولۇپ قالغاندىن كىيىن،توردا باشقا قىزلارنى ئىزدىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ،
چۇنكى تۇمارسىتەك يىقىن دوستۇم تۇرسا يەنە كىمنى ئىزدەيتىم ، ھەم قىزىقماس بولۇپ قالغان ئىدىم ،كۆڭلەم يىرىم بولسا
تۇمارىسنى ئىزدەپ پاراڭلىشىپ كىلەتتىم ، ئۆزەممۇ خۇشال بولۇپ قالاتتىم، مەن  ئۇچۇر كۆرۇپ بولۇپ تورخاندىن چىكەتتىم ،
دەرىستىن چۇشۇپ بولۇپ يەنە تۇمارىسنىڭ قىشىغا  ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئايلىنىپ پاراڭلىشىتۇق ،بىز باغانسىرى يىقىن دوسلاردىن
بولۇپ كەتكەندۇق ، مان شەنبە كۇنىمۇ كەلدى ، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن قوپسام سائەت 9تىن ئىشىپتۇ ،  چۇشلۇك تاماق چىقىشقا
خىلى ۋاقىت باركەن ، كىريۇيغىلى چىقىپ كەتتىم ، كىيىم ئازبولغاچ بىردەمدە يۇيۇپبولۇپ ياتاققا كىردىم، كىيىن ياتاقتىكى باللار
بىلەن تاماققا چىقتۇق ، تاماقتىن كىيىن تورخانىغا كىردىم يەن شۇ مۇنبەر كۆردۇم ، يىڭى ئۇچۇر ئىزدەيتىم ، تۇمارىس بىلەن تونۇشۇپ
ياخشى قىپتىكەنمەن ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىشقا بەك ئامراقتىم ، ئىش بولمىسىلام ئۇنىڭ قىشىغا بارغىم كىلەتتى، لىكىن ئۇنى
مەندىن زىركىدۇ دىمەيتىم ، ئۇمۇ ماڭا ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلاتتى ، مەن پەقەت ئۇنى يىقىن دوستۇم دەپ ھىساپلايتىم ،مەن
تورخاندىن چىقىپ  ئۇنىڭغا دۇككاندىن تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ تىلفۇننى ئىلىپ كىمۇ ، ئىسمىمنى دىمەيلام  مەن دىدىم ، ئۇ ئابلىمىتمۇ
دەيدۇ ، ھە مەن شۇ دەپ كۇلسەم ، ئۇ ئەلجانمۇ سىز ،ئاۋازىڭىز بەك ئوخشىشىپ كىتىدكەن  ، ئۇمۇ بىرياقاتدىشىنىڭ تونۇشى ئىدى ،
ئۇنىڭغا چۇشتىن كىيىن نىمىش قىلسىز  ، مەن ئۇگنىش قىلمەن دىدى  ، مەن قىشىڭىزغا باراي دىگەن ، يەنە كىلەمسىز  ، بارسام
بولمامدۇ ، كۇندە كىلىۋىرەمسىز ، ئويلاپ باقسام ئۇدا ئىككى كۇن بوپتۇ كۇندى كۆرشەتقىنى،  دەرىس ئۇگنىۋەرسەم كاللامغا  
چۇشمەيدىكەن ،  شۇڭا سىز بىلەن كۆرشەي دىگەن ،ماقۇل ئەمسە كىلىڭ ،لىكىن سائەت 4تىن كىيىن كىلىڭ ، شۇ چاققىچە دەرىس
ئۇگنىۋالاي ، ئەمسە بولىدۇ شۇ ۋاقىتتا كۆرشىلى ،بولىدۇ سىزمۇ دەرىس ئۇگنۇڭ ھە ، بولىدۇ خوش ئەمسە ، ياتاققا كىرىپ كىتاب
كۆردۇم ، دۇشەنبىدىن باشلاپ ئىمتاھام بار ئىدى، مەن ئادەتتە بىرنەرسە كۆرسەم 1سائەت بىسىپ ئولتۇرۇپ كۆرەلەيمەن ، ئشىپ
كەتسە كاللام چىچىلىپ كىتەتتى ، سائەت 4 بولغاندا مەن تۇمارىسقا تىلفۇن قىلدىم، نەدە سىز ،تۇنۇگۇن كۆرۇشكەن يەردە ، مەن
ماڭدىم ئەمسە ، بولىدۇ كەلگەندە كۆرشىلى ، مەن باغچا ئىچىگە  كىردىم ، ئۇنى ئىزدەپ تاپتىم ،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  پاراڭلاشتۇق
، قارسام خاتىرە دەپتىرى تۇرۇپتۇ ، كۆرەپ باقسام بولامدۇ ، كۆرەۋىرىڭ ، ئىچىپ قارسام بەزى يىرىدە ئۇيغۇرچە خەت ، بەزىى يىردە
خەنزۇچە خەت تۇراتتى ، قانداق دەپتەر بۇ، كونسىپىك شۇ ،دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇننى خاتىرە قالدۇردىكەن ،ئۇنىڭىدىن سىز
مۇشۇنداق بويتاق ئۆتەمسىز ،  ھازىچە بۇ ئىشلارنى ئويلاشمايمەن ، كىيىنچە بىرگەپ بولا، ئاللام ئوقۇش تۇگسۇن ، ماشىنا ئادەممۇ
نىمە سىز ،  مەن دىگەن ماشىنا ئادەم ، سىزدەك ئالۋاستىنى كىم يارتىدۇ ، سەت تۇرسىڭىز ، شۇنى دەيمەن ماڭا كىم ئامراقتى ، ۋاي
ئالۋاستى ، قارسام چىرايى بىر قىسىم بوپ قالغاندەك ، ھەي چاخچاق قىلدىم ، بىلىمەن ، سىز نىمىشقا بىرەر قىز بىلەن يۇرمەيسىز ، سىز
بىلسىزغۇ ، مەن ھازىر ئۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم ، ھەم كۆڭلۇم خالىمايدۇ ، كۆڭۇل ئىشىغا چاخچاق قىلغىلى
بولمايدۇ ، ئالدىراپ بىرسى بىلەن يۇرگۇم يوق ، ئاللام ئوقۇشۇم پۇتسۇن ئاندىن بىر گەپ بولمامدۇ ،  قىرىپ كەتمەڭ ئەمدى ، ئۇلۇغ
ئاللانىڭ پۇتكۇنى بارغۇ ، رىسقىمىزغا پۇتۇلگىننى كۆرمەمدۇق ، ۋاقىتمۇ خىلى بىريەرگە بىرىپ قالغان ئىدى ، يۇرۇڭ كىتەيلى ، مەن
ئۇنى ياتاق ئالدىغا ئاپىرىپ قوياپ ماڭاي دەپ ئۇنىڭ مەكتىپىگە كىردىم ،  ياتاق ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ مەكتەپكە قايتتىم ،
نىمىشقىكىن كۆڭلۇم بىرقىسىم ئىدى ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ماڭساملام كۆزىم ئارقىدا قالاتتى ، تۇمارس بىلەن شۇنداق پاراڭلاشقۇم ،
مۇڭداشقىم بار ئىدى ،
ئەتىسى يەكشەنبە كۇنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرەشكىلى كەلدىم ،بىز يەنە باغچىدا ئولتۇرۇپ  پاراڭلاشتۇق ، بىز نىڭ گىپىمىزمۇ
تۇگمەيتى، ھىلى بۇ گەپنى قىلشىساق ھىلى باشقا تېمىدا پاراڭلىشاتتۇق ، شۇنداق خۇشال ئىدۇق ، ياتاقتىكى باللار مەن توغۇرلۇق
بىرنەرسە دىدىمۇ ، توردا تونۇشقان بولغاندىن كىيىن سەل ئىھتىيات قىل ، بەك ئىشنىپ كەتمە ، توردا ئالدامچىلار كۆپ دەيدۇ ، سىز
قانداق قارايسىز دىسەم ، مەن سىزنى ئۇنداق قارمايمەن ، سىز ئۇنداق ئادەمگە ئوخشىمىسىڭىز ،ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ،
سىز بىلەن باشقا ئۇسۇلدا تونۇشساممۇ بوپتىكەن ، بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى ، بۇنىڭغا ئامال يوق ، بىز دەسلەپكى تونۇشقان
چاغلىرمىز ئۇستىدە پاراڭلاشتۇق ، تۇمارىس ماڭا ، شىياۋ نىي تورنى ئاچسام ئۇچۇر تۇردىكەن ، قارسام سىز دوس بولايلى دەپ ئۇچۇر
ئەۋەتىپسىز ، ئۇنىڭغا بىر دوستۇمنى تەۋسىيەسى بار ئىكەن ، مەن شۇنىڭ بىلەن دوستۇم تونۇشىكەنغۇ ،قاتمىسام دوستۇم خاپۇلاپ
كەتمىسۇن دەپ سىزنى قاتقانتىم، كىيىن كىيۇ كىيۇ دا پاراڭلاشقان چاغدا ئەگەر سىز كەسپىم كومپىيوتىر دىمىگەن بولسىڭىز ،مەن سىز
بىلەن دوس بولماسلىقىم مۇمكىنتى ، نىمىشقا ئەمدى ، مەن قىلالمىغان ئىشلىرىمنى سىزدىن سوراپ بىلۋالمامدىم ، شۇڭا سىز  
كەسپىڭىز رەھمەت ئىيتىڭ ،ھەنىم بولسا كەسپىم شۇنداق بوپ قاپتىكەن ،بولمىسا سىزدەك يىقىن دوستىن قۇرۇق قالدىكەنمەن ،
ئەمسە نىمىشقا دوس بولۇشقا  ماقۇل بولاپ قالدىڭز دىسەم ، مەن ئەينى چاغدا سىزدىن ، قىز –ئوغۇل ئوتتۇرسىدا دوس مەۋجۇت
بولامدۇ دەپ سورغانتىمغۇ  ، ئاشۇ سۇئالغا  قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرەلمىگەن بولسىڭىز بۇگەنكىدەك پاراڭلىشىپ ئولتۇرمىغان
بولاتتۇق ،بۇگۇنمۇ  ئاشۇنداق قىزغىن پاراڭلاشقان ئىدۇق ، كەچتە ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم، سائەت 11 دىن ئاشقان
ۋاقىت ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن سائەت 2 گىچە سۆزلىشىپتىمەن ، 3 سائەت پاراڭلاشتۇق ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ گىپىمىز پەقەت
تۇگمەيتى ، پاراڭلىشىپ ھەر قاتا  59 مىنۇت بولغاندا تىلفۇن ئۇزلۇپ كىتەتتى، تۇمارىس بىلەن پاراڭلىشىپ ئاخىردا ، ھەي بىز 3
سائەت پاراڭلىشىپتۇق ، زادى نىمە ئىشلارنى دىيىشتۇق ، مەنمۇ بىلمىدىم ، ئۆزەممۇ ئويلاپ باقسام نىمە دىگەنلىكىم ئىسىمدە يوق
ئىدى ، ھەي قىزىق ئىشتە بۇ ، بولىدۇ ئەمسە ياخشى ئارام ئىلىڭ ، ياخشى چۇش كۆرۇڭ ،
دۇشەنبە كۇنى ئىمتامام باشلاندى  ، چۇشتىن كىيىن ئىمتاھاممۇ تۇگدى ، تۇمارىسقا تىلفۇن قىلدىم ،
نەدە سىز ، مەكتەپتە ، نىمىش قىلىپ ، شۇ ماتىريال كۆرەپ ، بۇگەن كۆرشەمدۇق ، مىنىڭ ئەتە ئمتاھامىم بارتى ، تەييارلىق پۇتمىدىما
، پۇتىشىغۇ پۇتتى ، ئەمسە بولدىكەنغۇ ، مەن بارمەن جىمۇ ئەمسە، بولىدۇ كەلگەندە تىلفۇن قىلىڭ، مەن ئۇنىڭ بىلەن مەكتپىگە
بىرىپ  كۆرەشتىم ، ئۇ  گەپ ئارلىقىدا بىز ئىمتاھام تۇككىچە كۆرشەيمىلى دىدى، مەنمۇ بولىدۇ ، بىز قول بىرىپ باغلاشقان ئىدۇق ، بىز
شۇنداق قىلىپ 5 كۇن كۆرەشمەسلىككە پۇتۇشتۇق ، مەن ئۇنىڭغا ۋەدە بىرىپ ياتاققا قايتتىم ،(كىيىن مەن بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالماي
، ئۇنى يەنە ئىزدەپ باردىم ، مەن ۋەدىگە ئىتبارسىز قاراپتىمەن ، شۇندىن كىيىن تۇمارىس ماڭا ، ئەمدى سىزگە ۋەدە
بەرگۇزمەيمەن،ۋەدىنى مەن  قەستەن بۇزمىغان ئىدىم ) ، نىمىشقا مۇشۇنداق خىيالغا كىلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم، بەلكىم
ئىمتاھامنى ياخشى بىرىش ئۇچۇندۇ ،لىكىن تىلفۇندا كۆرشەۋىردىغان بولغان ئىدۇق ،  ئەتىسى سەيشەنبە كۇنى مىنىڭ ئىمتاھامىم
يوق ئىدى ،  مەن دەرىس تەييارلاپ يۇردۇم، لىكىن تۇمارىس بىلەن كۆرەشمەيدىغانلىقىمنى ئويلىسام كۆڭلۇم بىرخىل تۇراتتى ،
كەچتەئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، قانداقراق بەردىڭىز ،ياخشى ، نىمىش قىلۋاتسىز ، ياتاقتا شۇ كىتاب كۆرەپ ، تۇمارىس ئەتە بۇ نۇمۇر
توختاپ قىلشى مۇمكىن ، ئەمسە ئىكىمىز قانداق ئالاقا قىلشىمىز ، مەن يىڭى نۇمۇر ئالغاندا سىزگە دەپ بىرەي ، ئەمسە يىڭى نۇمۇر
ئالغان چاغدا ، سىز تورغا چىقىپ خەت قالدۇرۇپ قوياڭ ھە ، بولىدۇ ئەمسە ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ خوش ئەمسە، مەن خوشلىشىپ
ياتاقتا كىتاب كۆرۇپ ئولتۇردۇم، ئەتىسى ئەتىگەندە ئىمتاھام بارئىدى ، ئەتىسى چۇشتىن كىيىن 1 سائەت ئەتىراپىدا تورغا چىقتىم ،
كونەپ قالغان خۇيدە ، لىكىن مەن بۇرۇنقىدوك قىزلارنى ئىزدىمەيتىم ،  ئاكسىيە خەۋەرلەرنى ئىزدەپ كۆرەتتىم ، گەرچە تۇزۇك
چۇشنىش بولمىسىمۇ قىزقاتتىم ،مەن تۇمارىسنىڭ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرىغا خەت قالدۇرۇپ قويدۇم ، خەتنىڭ مەزمۇنى : سىز بىركۇن
كۆرەشمەي زادى نىمىش قىلماقچى،مەندىن خاپۇلاپ قالدىڭىزمۇ ،يا باشقا بىر ئوغۇل باللار بىلەن ئۇچراشماقچىمىتىڭىز ،خەپ جىمۇ
سىزنى، دىگەندەك بىرمۇنچە خەتنى يىزىپ،  تورخاندىن چىقىپ ياتاققا قايتتىم ، شۇكۇنى تورىدىن بىر يىڭى ناخشىنى ئاڭلاپ
قالغانتىم ، بۇ  ئابدۇغىنى ئابلىكىمنىڭ (خەتلىرىمنى تاشلىۋەتمىگىن ) دىگەن ناخشى ئىدى، مەن دەسلەپتە ئاڭلاپ ياقتۇرۇپ قالغان
ئىدىم ،شۇ ئاڭلىغانچە 5-6 قىتىم ئاڭلىدىم ، بۇ ناخشىنى ئاڭلىغانسىرى كۆڭلۇك شۇنداق يىرىم بولاتتى ،خۇددى تۇمارىستىن
ئايرىلىپ قالغاندەكلام ، لىكىن بىز كۆرەشمەسلىككە ۋەدە قىلغان ،ئامال يوق ۋەدىنى بۇزۇشنى خالىمىدىم ، بۇگۇن ئەتىگەندىن
ھازىرغىچە تۇمارىس بىلەن تىلفۇن قىلىشمىغان ئىدۇق ،ياتاقتىكى بىرسىنىڭ نۇمۇرنى بىلەتتى ، لىكىم مەن سايراتمىسام تىلفۇن
قىلمايتى ، مەن تىلفۇن قىلاي دىسەم ئۇنىڭ ئاخشامقى گىپى بويىچە تىلفۇن قىلمىدىم ، سائەت 9بولغاندا تۇيۇقسىز كاللامغا ئۇنىڭغا
تىلفۇن قىلىپ باقاي دەپ باللاردىن  تىلفۇننى ئىلىپ سايراتسام ئۇلاندى، ئۇنىڭ تىلفۇنى توختاپ قالماپتىكەن، ئۆزەمنىڭ تىلفۇنى
توختاپ قالغىنى ئۇزۇن بولغان ئىدى ، ھەم ئاچاي دىسەم تەتىل ئاز قالغاندا ئىچىپ نىمە قلارمەن دەپ ئاچمىغان ئىدىم ، مەن
تۇمارىسنىڭ تىلفۇننى يەنە بىر سايراتتىم ، ئۇ بىر دەمدىن كىيىن قايتۇردى ، قانداق ئەھۋال بارمۇ يا سىز ، مەن بارغۇ ،   مەن تىخى
بىر كۇن كۆرەشمەي نەگە كەتتىكىن دەپتىمەن ، مۇڭگۇز چىقتىمۇ بىركۇن كۆرەشمەي ، شۇنداق  چىقتى ، مەن كۆرەپ باقايمۇ ،ياق
كۆرسەتمەيمەن ، مەن ئۇنىڭغا تورغا چىقان مۇشۇنداق خەت قالدۇرۇپ قويغانلىقىمنى ئىيتتىم ، ئەمسە مەن ئەتە تورغا چىقىپ قاراپ
باقاي ، نىمە خەتلەرنى يىزىپ كەتتىڭىز ماڭا ،  تورغا چىقسىڭز مەيلى لىكىن ئۇزۇن ئولتۇرماڭ بولامدۇ ،  بولىدۇ، خىتىڭىزگە جاۋاپ
قايتۇرۇپ بولۇپلام  چىكتىمەن  ، بىز خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، ئىكىمىز پاراڭلاشساق گىپىمىز تۇگمەيدۇ ،بۇ تىلفۇن باشقا بىرسىنىڭ
ئىدى،شۇڭا بالدۇراق خوشلۇشۇنى ئىيتتىم ، ئۇمۇش قۇشۇلدى ، مەن ئەتىسى چۇشتىن كىيىن تورغا چىقتىم ، تۇمارىس كىيۇ كىيۇ غا  
خەت قالدۇرۇپ قوياپتىكەن ،  ئۇ ماڭا ،  سىز نىمىنداق گەپلەرنى يىزىپ كەتتىڭىز ،مەن بىريەرگە قىچىپ كەتمىسەم يا ،سىز بىلەن
يىقىنلىشىۋەرسەم ،كىينچە سىز باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرەپ قالسىڭىز ، سىزنى ئاۋارە قىلماي دەپ شۇڭا سىزنى ئىزدىمىگەن ئىدىم،
مەن خەتلەرنى ئوقۇپ كۆڭلۇم بىر قىسىم بولاپ قالغانتى ،  ھەم تورخاندىن چىقىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، سىزنەدە ، مەن
مەكتەپتە ، ھەي نىمىنداق خەتنى يازدىڭىز مەن پەقەت چۇشنەلمىدىم ، شۇ راس گەپ قىلدىمغۇ ، مەن  يىنىڭزغا بارايمىكى دىگەن ،
خىتىڭىزنى ئوقۇپ كۆڭلۇم بىر قىسىم بولاپ قالدى شۇ ، بوپتۇ كىلىڭ ، سىزنى ساقلايمەن ئەمسە ،مەن ۋەدە  قىلىپ تۇرۇپ ۋەدەمنى
مۇشۇنداق بۇزغان ئىدىم ، مەن پەقەت شۇ ۋەدىگە سەل قاراپتىمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ گەپ ئارسىدا ، سىزگە ئەمدى ۋەدە بەرگۇز
مەيمەن ، شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەدىسىز بولاپ قالغان ئىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ، خىلى كۆڭلەم ئىچىلىپ
قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ سەل يىرىم ئىكەن ، ئۇمۇ ياخشى بولاپ قالغانلىقىنى ئىيتتى ،بىز شۇنداق خۇشال پارڭلاشقان ئىدۇق،  
مەن ئۇنى مەكتەپنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قايتتىم ، ئۇنىڭغا ياتقىمدىكى ئاغىنەمنىڭ تىلفۇنى توختاپ قاپتۇ ، شۇڭا  سىز يىڭى نۇمۇر
ئالسىڭىز تورغا چىقىپ قالدۇرۇپ قويۇڭ ،تورغا چىققاندا  ئىككىلى كىيۇ كىيۇ  نۇمۇرغا نۇمۇرنى يىزىپ قويۇڭ  ، نىمىشقا ئىكىلىسىگە
يىزىپ قويمەن ، تاساددبىي  كومپۇتىر قىتىپ قالسا  خىتىڭىزنى ئوقۇيالماي قالماي  ، ئاشۇنداق ئىش بولدىغاندەكلام سوراپتىكەنمەن
، ئەتىسى چۇشتە تورغا چىقتىم ، كىيۇ كىيۇ نى ئاچتىم ، تۇمارىس تىلفۇن نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قوياپتىكەن ، نۇمۇرنى ئوقۇپ بولغىچە  
،كومپىيوتىر قىتىۋىلىپ ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى ، مەن باشقا كومپىيوتىرغا ئالماشسام ئۇ قالدۇرغان خەتنى كۆرەلمەسلىكىم
مۇمكىن ئىدى ، تۇمارىس باشقا كىيۇ كىيۇ نۇمۇرغا يازماي قالسا شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىزدەش تەسكە توختاپ قالاتتى ،  شۇڭا بىر
ئامالنى قىلىپ ئاران ئوڭشۇدۇم ، ئۇنىڭىڭ بىلەن يەنە تىلفۇندا كۆرشەپ تۇردۇم ،مانا ئىمتاھاممۇ تۇگدى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن
بۇگۇن  كۆرشەپ ئەتىسى ئۆيگە قايىتماقچى بولدۇم، بىز دىيىشكەن جايدا كۆرشتۇق ، ئۇ كىيىنرەك كەتسىڭىز بولمامدۇ ، سىز بولمىسڭىز
سەل زىركىپ قالدىكەنمەن ،ئۇنىڭ دىيىشچە مەندىن باشقا ئوغۇل باللار بىلەن بۇنچىلا يىقىن دوس بولۇپ باقماپتىكەن ، بۇنداقمۇ
جىق كۆرەش مەپتىكەن ،مەنمۇ مۇشۇ ۋاققىچە بىرقىز بىلەن بۇنداق يىقىن دوس بولمىغان ئىدىم ،ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم
،تۇمارىس بىللە بولسام شۇنداق خۇشال بولاتتىم ، ھەممە گىپىمنى ئوچۇق دەۋىرەتتىم ،تۇمارىس مەندىمۇ ئامال يوق ، مەكتەپتىن
بالدۇر مىڭىشنى ئىيتتى ، شۇڭا ئەتە ماڭمىسام بولمايدۇ دىدىم ، سىزنىڭ كىتىشىڭىزنى ئويلىسام مىنىڭ كۆڭلۇم يىرىم بولدىكەن
،مۇشۇ گەپنى ماڭا 2 قاتا ئىيتقان ئىدى ، مىنىڭمۇ كۆڭلۇممۇ يىرىم ئىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا مىنىڭ كۆڭلۇممۇ شۇنداق يىرىم دەپ
ئىيتاي دىگەن ، لىكىن ئۇنى دورىغاندەك بولماي دەپ ئۇنىڭغا دىيەلمىگەنتىم، مىنىڭمۇ بۇنداق تىز كەتكىم يوق ، سىزنى تاشلاپ
قويۇپ ماڭغىم يوق ، شۇ ۋاقىتتا ئىكىلىمىزنىڭ كۆڭلى يىرىم ئىدى ، مەن ئۇنى ياتقىغا ئاپىرىپ قايىتماقچى بولدۇم ، بىز پاراڭلىشىپ
مىڭىۋاتاتتۇق ، ئۇ  گەپ ئارلىغىدا، ھەي سىزنى مۇھەببىتىم قىلۋالايمۇ دىدى، چاخچاق قىلمىڭە ، سىزدەك ئالۋاستى بىلەنمۇ دەپ
چاخچاق قىلغان ئىدىم ، تۇمارىس ئۇ ۋاقىتتا چاخچاق قىلدىمۇ بىلەلمىدىم ،  لىكىن زادى ئويلىماپتىمەن ، بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى
قىتىم پاراڭلاشقان بولۇپ قىلشىمىزنى ، شۇنداق قىلىپ مەن بالدۇرلام ئۆيگە قايتتىم ،  مەن ئۆيگە بىرىپ ئەتىسى ئۇنىڭغا تىلفۇن
ئۇردۇم ، كىيىن ئۇمۇ ئۆيگە قايتتى ، ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە تىلفۇندا كۆرشەپ تۇردۇق ، لىكىن 7-ئاينىڭ 15-كۇنى ئۇنىڭ بىلەن
تىلفۇندا پاراڭلاشتىم ، ئۇمۇ ماڭا بۇندىن كىيىن بۇنداق جىق تىلفۇن قىلالمايمەن ، يوقاپ كىتىمەن دەپ ، شۇپىتى يوقاپ كەتكەن
ئىدى ، مەن تىخى ئۇنى چاخچاق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمما راستىنلام شۇ پىتى يوقاپ كەتكەن ئىدى، ئۆزەڭ تىلفۇن قىلساڭ
بولمامدۇ دىيشىڭلا مۇمكىن ، ئۇ ماڭا ئۆزنىڭ نۇمۇر ئالمىغانلىقىنى ئىيىتقان، ئۆينىڭ تىلفۇننى بۇرۇنلام توختىتىپ قوياپتىكەن ،
شۇڭامەندە باشقا ئامال يوق ، ئۇپەقەت ماڭا تىلفۇن قىلسىلام ئاندىن كۆرەشەلايتىم، شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى بىركۇننى مۇشۇنداق
سىغىنىش بىلەن كۇتتۇم ،ئەتىسمۇ تىلفۇن قىلمدى، 2-كۇنىمۇ مۇشۇنداق ئۆتتى ، مەن 3-كۇنى چوقۇم تىلفۇن قىلىدۇ دەپ ئويلىدىم ،
لىكىن ئويام خاتا چىققان ئىدى ، مانا 3 كۇن كۇتۇش بىلەن ئۆتتى ، ئەمدى سەل ئەندىشە قىلدىم ، كۇندە قىلدىغان ئىشىم
ئاساسەن ئەتىگەندە تۇرۇپ تىلفۇننى ئىچىۋىتىش ، كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش ئىدى، تور يوق كۇنلەر شۇنداق زىركىشلىك
ئىدى، توردىن كىنو كۆرەپ يۇرۇپ خىلى كۇنلەرنى ئۆتكەزدىم ، لىكىن تۇمارىسنى سىغىنىش ئوتى بارغانسىرى كۇچۇيىشكە باشلىدى ،
مەن نۇرغۇن قىتىم ئۆزەمدىن سوردۇم ، مەن تۇمارىسنى راستىنلام ياخشى كۆرەپ قالغاندىمەنمۇ ، بۇ بىر يالغۇز سىراشتىن بولغان
ئىشمىدۇ يا،  مانداقلام قىزقىشمىدۇ ، كۇنلەر مۇشۇنداق ئۆتۇۋەردى، لىكىن تۇمارىستىن تىلفۇن كەلمىگەن ئىدى ، مانا بۇگەن ساق 10
كۇن بولدى ، بۇ كۇنلەر مەن شۇنداق تەستە ئۆتكۇزگەن ئىدىم ، تۇمارسىنى توختىماي ئويلاپ يۇرۇدۇم ، كەچتە ئۇخلىغاندىن باشقا
ۋاقىتنىڭ ھەممىسىتە ئۇنى سىغىنىپ ،ئۇنىڭ تىلفۇننى كۇتۇپ ئولتۇردۇم ، بەزىدە تىلفۇنۇم يىنىمدا تۇرسىمۇ ، تىلفۇن كەلگەن بولسا
ئاڭلىماي قالغاندىمەنمۇ دەپ ، تىلفۇنغا نەچچە قىتىم قاراپ باقاتتىم ، ئۆيدىكىلەر چاقىرىپ قالسا يىنىغا چىقىپ كىلىپ ،يەنە
تىلفۇننى ئىلىپ تەكشۇرۇپ باقاتتىم ، لىكىن پەقەت تىلفۇن كەلمىگەن ئىدى ،تۇمارىسنى ئۇنچىلا سىغىنارمەن دەپ ئويلىمىغان
ئىدىم، مانا ئەمدى راستىنلام تۇمارىسنى ياخشى كۆرەپ قالغانلىقىمنى سەزدىم، بۇ كۇنلەرنى ئۆتكۇزۇش ماڭا شۇنداق تەس كەلدى ،
مەن ھەتتا بىريەرگە كىتىپ مۇشۇ كۇنلەرنى ئۆتكۇزۇش خىيالىغا كىلىپ قالغان ئىدىم ،9-ئاي كەلگەندە بىراقلام ئوقۇشقا ماڭاي دەپ
ئويلاپمۇ يۇرگەن ئىدىم ، لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم ، كۇندە تورغا چىقىپ خەنزۇچە بەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرەتتىم ، ئاندىن كىنو
كۆرەتتىم ، ئۇيغۇر كىنو توردىكى ، ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كىنولارنى تورغا يوللاپتىكەن،ئۇلارنى ھەممىسنى كۆرەپ بوپتىمەن ،  10 كۇن
ئالاقىلشالمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم ، ئۇنى ئاغرىپ قالغانمىدۇ دەپ ئويلايتىم ، كىسلى ئېغىرمىدۇ ، ماڭا
تىلفۇن قىلالمىغىدەك ئاشۇنداق ئىغىرمىدۇ ، مەن تۇمارىسنىڭ بۇنداق قىلشىغا ئىشەنمەيتىم ، ماڭا ھەرقانچە بولسىمۇ تىلفۇن قىلىدۇ
دەپ ئويلايتىم ، چوقۇم بىر ئىش بولغاندۇ دەپ ئويلۇدۇم ، مانا 14كۇنمۇ بولدى ، يەنىلام ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق ،  ئەمدى خىيالىم
باشقا خىيالنى قىلدىغان بولۇپ قالدى ،ئۇنى ھەتتا ئۆلۇپ كەتكەن بولسىچۇ ، لىكىن ئۆزەمنىڭ بۇخىيالدىن قورۇقتۇم ، ئۇلۇغ
ئاللادىن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى،تىنىچ ئامانلىقىنى تىلىدىم ، ئەمدى قاتتىق ئەنسىرەشكە چۇشتۇم ، ئۇنى ئويلىساملام كۆڭلۇم يىرىم
بولاتتى ، يۇركۇمگە بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولاتتى ، شۇ ئەندىشە بىلەن كۇن ئۆتكۇزدۇم ،
8-ئاينىڭ 1-كۇنى ، تۇمارىس بىلەن ئالاقىلاشمىغىنى دەل 15 كۇن بولغان ئىدى ، مەن چۇشتىن كىيىن بازارغا بىرنەرسە ئالغىلى
كىرگەن ئىدىم ، لىكىن مەن ماشىندىكى ۋاقىتتا ئۇماڭا تىلفۇن قىپتكەن ، مەن بىرۋاقىتتا تىلفۇنىمغا قارسام نۇمۇر تۇردۇ ، تىلفۇن
ئۇرغىلى 15 مىنۇت بوپتۇ ، مەن تىلفۇن قايتۇردۇم ، ئاچىسى ئالغان ئىدى، بىرەيلەن تىلفۇن قىپتىكەن  شۇڭا قايتۇرۇپ باققان ، ھە
تۇمارىس بايام تىلفۇن قىلغان ئىدى ، ھازىر يوقمۇ ، ياق سىرىتقا چىكەتتكەن ، ئاۋار قىپتىمەن سىلنى ، دەپ تىلفۇننى قويۋەتتىم ،
كۆڭلۇم شۇنداق خۇشال بولغان ئىدى ، ھەنىم بولسا ھاياتكەن ، گەرچە شۇكۇنى كۆرشەلمىگەن بولساممۇ ، لىكىن كۆڭلۇم شۇنداق
خۇشال ئىدى ،  ھەي ... مۇشۇ  كۇنلەرنى  ئۆتكەزمەك بەك تەس ئىدى ،ھەر كۇنى   كۇندە تىلفۇنغا نەچچە قىتىم قارايتىم ، كەچتە
ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۇمارىسنىڭ ئامانلىقىنى ، ياخشى چۇش كۆرشىنى ، ئىشلرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى تىلەيتىم ، سەھەردىن
ئورنۇمدىن تۇرغاندىمۇ ، تۇمارسىنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇراتتىم ،تۇمارىس نىمىش قىلۋاتقاندۇ ، مىنىمۇ سىغىنامدىغاندۇ ، مىنىمۇ
ئويلامدىغاندۇ ،دەپ ئويلايتىم ، بۇنداق ھىس-تۇيغۇنى پەقەت بىرسىگە ئاشىق بولغان ، ھەم بىرسىنى ھەقىيقىي ياخشى كۆرگەن
ئادەملەرنى بۇنى ھىس قىلالايدۇ ، بىر كىشنى ياخشى كۆرمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، تەتىلدە پەقەت  سىغىنىش ، كۇتۇش
،ئەسلەش ، بىلەنلەم كۇن ئۆتكەزگەن ئىدىم ، كۇنلەر يەنە شۇنداق ، سىغىنىش ،ئويلاش بىلەن ئۆتۇۋەردى ،مانا بىز ئالاقىلاشمىغىنى
25 كۇن بولدى ، مەن ئەمدى ئۇنى ماڭا تىلفۇن قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لىكىن ئۇنىغا شۇنداق ئامراقتىم ، ئۇنى سىغىنىشىم
تىخىمۇ كۇچەيدى،
8-ئاينىڭ 13-كۇنى ، ئۆزەمنىڭ ئۆيدە ئىدىم ، تۇيۇقسىز تىلفۇن سايراپ توختاپ قالدى ، بۇنى چوقۇم تۇمارىس قىلغان دەپ ،ئۇ
نۇمۇرغا تىلفۇن قايتۇردۇم ، لىكىن تىلفۇن ئۇلانمىدى، مەن قايتا –قايتا ئۇردۇم ، لىكىن يەنىلەم ئۇلانمىدى دەپ ئاۋاز چىقتى ، ئاپلا
نىمىشتۇ ، نىمىشقا ئۇلانمايدۇ ، بىردەم تۇرۇپ يەنە ئاشۇ نۇمۇردىن تىلفۇن كەلدى ، مەن تىلفۇننى قولامغا ئالدىم ، ئەلىجانمۇ ،
قانداقراق تۇردىڭىز ، كۆڭلۇم ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى ،تۇمارىسنىڭ ئاۋازى ، ئۇ ئۆزنىڭ تۇنۇگۇن قەشقەرگە بىر ئىش
ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى  ئىيتتى ،  نىمىشقا تىلفۇن قىلمىدىڭىز ، تىلفۇنىڭز توختاپ قاپتىكەنغۇ ، (راس 10-چىسلا تىلفۇنۇم توختاپ
قالغانلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم . لىكىن ئەتىسى كاللامغا تىلفۇننى ئىچىۋىتىش خىيالى كەلگەن ئىدى ، مەن بولدىلا ماڭا كىم تىلفۇن
قىلاتتى ، تىلفۇننى ئىىچپ نىمە قىلاي دەپ ، ئاچمىغان ئىدىم ،)ئاپلام تىلفۇننى ئىچىۋەتسەمچۇ ،دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە ، نىمىش
قىلۋاتسىز تەتىلدە ، شۇ ئۆينىڭ ئىشغا ياردەملىشىپ ، مەن بازارغا كەلگەن ، شۇ تىلفۇن قىلىپ باققان ئدىم ، مەن ئۆيگە ماڭاي
خوش ئەمسە ، بىز مانا مۇشۇنداق قىسقىغىنە ۋاقىت پاراڭلاڭلاشتۇق ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم ،
تۇرۇپلام قالدىم ، شۇنچە كۇن كۆرەشمەي مۇشۇنداق ئازلام ۋاقىت پاراڭلاشقىنغا ئۆزەم ھەيران ئىدىم،  مەن يەنە ئۇ نۇمۇرغا تىلفۇن
قىلدىم ، لىكىن بايامقىدەك تىلفۇن ئۇلانمىدى دەپ ئاۋاز چىقتى ، قايتا –قايتا ئۇردۇم ، يەنىلام ئوخشاش، بىر تەرەپتىن خۇشال
بولسام ، بىر تەرەپتىن ئازابلىناتتىم ، زادى تۇمارىسقا نىمە بولغاندۇ ، مەندىن  خاپۇلاپ قالغانمىدۇ ، ئاشۇنداق سۇئاللارنى
ئۆزەمدىن سورايتىم، كەچتە بىرۋاقىتتا تىلفۇن قىلىپ باقاي دەپ ئۇرسام ئۇلاندى، تۇمارس تىلفۇن ئالغان ئىدى ، قىسقا ۋاقىت
پارڭلىشىپ مەن ئالدىراش دەپ تىلفۇننى قويۋەتتى ،بىردەم تۇرۇپ يەنە تىلفۇن قىلدىم ، سىز زادى نىمە بولدىڭىز ، مەندىن خاپۇلاپ
قالدىڭىزمۇ ، ياق ئۇنداق ئەمەس، سىز ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمايىتڭىزغۇ ، ماڭا غەلىتە تۇيۇلۋاتىدۇ ، مەن سىزگە تەتىلدىن بۇرۇن
دىگەنغۇ ، تەتىلدە ئۆزگىرىپ قىلشىم مۇمكىن دەپ ، مىنىڭ ئىسىمدە ، لىكىن سىز غەلىتە بولۇپ قاپسىز ، مەن ھىچنىمە بولمىدۇم ، بۇ
ئاچامنىڭ تىلفۇنى بۇندىن كىيىن تىلفۇن ئۇرماڭ ، خوش ئەمسە دەپ تىلفۇننى قويۋەتتى ، بىز مانا مۇشۇنچىلىكلام پاراڭلاشقان
ئىدۇق ، كىينچە مەن يا خاپۇلاشنى، يا ئاچچىغلىنىشنى بىلەلمىدىم، كىيىنچە يەنە تىلفۇن قىلاي دىگەن ، ۋەدەمدە تۇرمىسام
خاپۇلاپ قىلشىدىن قورۇقتۇم ،شۇ كۇنى قاچان ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، كۆڭلۇم شۇنداق يىرىم ، ئۇنى بەك سىغىنىپ كىتىپ بارتىم ،
ئۇنىڭ  بىلەن شۇنداق پاراڭلاشقۇم ، چاخچاق قىلشقۇم بارئىدى ، كۇنلەر شۇنداق ئۆتۇۋەردى ، ئەمدى مەن بارغانسىرى باشقا
خيالنى قىلدىغان بولۋالدىم ،  تۇمارىسنى باشقا بىرسى بىلەن ئارلىشىۋالغان بولسا كىرەك دەپ ئويلايتىم ، ئەگەر ئۇنداق بولسا ،
مەن ھەر قانچە ئۇنى ياخشى كۆرگەن بىلەن بىكار ئىدى ،( كۆزدىن يىراق ، كۆڭۇلدىن يىراق ) دەپ ، بەلكىم ئۇ باشقا بىرسىنى
ياقتۇرۇپ قالغان بولسا ، ئەمدى پەقەت پۇرسەت يوق ،تەتىل كىلىپ ھەممە ئىشنى بۇزغان ئىدى ، ئاشۇ ۋاقىتتا كۆڭلۇمنى  ئازراق
بولسىمۇ ئىپادىلەپ قويغان بولسام مۇشۇ كۇنمۇ بولماستى، لىكىن بىز تەتىلدىن بۇرۇن پەقەت 15 كۇنلەم كۆرشەپ يۇرگەن ئىدۇق ، بۇ
كۇننىغۇ ئاز كۇن دىگىلى بولمايتى ، لىكىن بىر قىزنى ياخشى كۆرمەن دەپ ، كۆڭۇل ئىپادىلەشكە سەل بالدۇرلۇق قىلاتتى ، لىكىن
بىزگە ، تونۇشقانلىقىمىزغا خىلى ئۇزۇن بولغاندەك، بىز بۇرۇندىنلام تونۇشىدىغاندەك ، ئاشۇنداق ھىس قىلاتتۇق ، مانا تەتىل ئاز
قالغان سىرى ، مۇشۇنداق خىيالنى قىلدىغان بولۋالدىم ، كۇنلەرنى يەنىلام شۇ توردا كىنو كۆرەش،ناخشا ئاڭلاش ، سىغىنىش ،
ئويلاش ئىچىدە ئۆتكۇزدۇم ،  تەتىلدە ئابدۇغىنى ئابلىكىمنىڭ(خەتلىرىمنى تاشلىۋەتمىگىن) دىگەن ناخشىنى قانچە قىتىم ئاڭلىغنىمنى
بىلمەيمەن ، كۆڭلۇم يىرىم بولغان چاغدا ئاشۇ بىر ناخشىنى قايتا-قايتا ئاڭلاۋىرەتتىم ، كىيىنچە تۇمارىستىن بىر قىتىممۇ تىلفۇن كىلىپ
باقمىدى ، تەتىل ئىچدە ئۇنى شۇنداق ئويلىغان ، سىغىنغان بولساممۇ ،تەتىل جەرياندا، ئۇنىڭ چىراينى ئىسىمگە ئالالمىغان ئىدىم
،ئۇنى چۇشۇمگە كرىسىكىن دەپ شۇنچە ئارزۇ قىلاتتىم ، پەقەت 2 قاتالام چۇشەپتىمەن ،

ئاخىر بۇ تەتىلمۇ توشتى  ، مەن مەكتەپىمگە كەلدىم ، تۇمارىسمۇ يەنە 5-6 كۇندىن كىيىن كىلەتتى  ، مەن ئاشۇ  5 كۇننى شۇنداق
تەستە توشقازدىم ،بۇجەرياندا مەكتەپ كۇتۇپخانىسدا تورغا چىقتىم ، كۇندىزى كىتاب ئوقۇدۇم، مەن ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇمايتىم،
كىتاب ئوقۇش بىلەن خوشۇم يوق ئەمەس، لىكىن كىتاب ئوقۇسام ئاشۇ مەزمۇننىڭ ئىچىگە كىرىپلام كىتەتتىم ، بىرەر كىتابنىڭ بىشنى
ئوقۇپ قالساملام ئاخىرنى چىقارمىسام كۆڭلۇم بىرقىسىم بولاپ قالاتتى ،شۇڭا ئادەتتە تارىخى كىتابتىن باشقا كىتابلارنى ئانچە ئوقۇپ
كەتمەيتىم ،  ئۇنى شۇنداق سىغىنغان ئىدىم ، بەك كۆرگۇم كەلگەن ئىدى ، كىيىنچە نىمىش بولىدۇ ، مەن ھىچنىمىدىن بىخەۋەرسىز
ئىدىم ،

بۇگۇن9-ئاينىڭ 14 –كۇنى ئىدى ،بۇگۇن چۇشتىن كىيىن دەرىس ۋاقتىدا ئۆزچىلام كاللامغا ئۇنىڭ قىشىغا بىرىش نىيتى كەپ
قالدى ،مەن دەرىستىن چۇشۇپلام  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتتىغا ئۇنى ئىزدەشكە باردىم ، مەن مەكتەپ ئالدىغا كەپ بولۇپ ، لىكىن
نىمىشقىكىن قەدىمىم ئاستىلاشقا باشلىغان ئىدى، ئۇ ماڭا تەتىلدىن بۇرۇن 15-چىسلا مەكتەپكە يىغىدۇ دىگەن ئىدى ، مەن
مەكتەپ ئىچىگە كىردىم ،  ئۇنىڭ ياتقىنىڭ ئالدىغا ئالدىرماي باراي دەپ ، ئۇنىڭ سىنىپى تەرەپنى ئايلىنىپ ماڭدىم ، كۆل بوينى
بويلاپ ئاستا مىڭىۋاتاتتىم ، ئۇنى بۇگۇن كىلىپ قالسا ئۇچۇرتالماي قالماي دەپ، ئاشۇنداق ئاستا ماڭغان ئىدىم ، ياتقىنىڭ ئالدىغا
كەلدىم، بىر قىزغا ئۇنى چاقىرىپ قويسىڭىز ،ئۇنىڭ چىقىشنى ساقلىدىم، شۇ ۋاقىتتا يۇزۇم بەك قىززىپ كەتكەن ئىدى ، يۇركۇم
ئادەتتىكىدىن سەل تىز سوقۇۋاتاتتى ، ئۇمۇ چىقتى ، سەل جىددىيلەشتىم ، چۇنكى بىز كۆرۇشمىگىنى 70 كۇن بولغان ئىدى ، مۇشۇ
كۇنلەرنى ئۆتكۇزۇش ماڭا شۇنداق ئاسان بولدىمۇ ، شۇنچە كۇتۇش،شۇنچە سىغىنىش بىلەن كۇن ئۆتكۇزگەن ئىدىم ، ئۇمۇ مىنى
كۆردى ، ئۇ مىنى كۆرۇپ يەرگە بىر قارۋىتىپ ،ئاندىن بىشنى كۆتۇرۇپ كۇلۇپ كۆرەشتى ، بىز سالاملاشتۇق ، تۇرۇپلام قالغان ئىدىم ،
قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشى ئۆزىڭىزچۇ ، خۇداغا شۇكرى ، قاچان كەلگەن ئىككى كۇن بۇرۇن ، سىڭلىم بىلەن بىللە كەلگەن ئىدىم ،
( سىڭلىسى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتاھامنى بەرگەن ئىدى ، ئۇنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇن بالدۇر كەلگەنكەن ) بالدۇر كىلىپ
مىنى ئىزدىمەپسىز ھە، قانداق ئىزدەيمەن ، مەكتىپىمنى بىلسىزغۇ ،شۇ ۋاقىت چىقمىدى ، مەن ياتاققا كىرىپ كىتەي ،قىلدىغان ئىش
بار ئىدى ، مەن تۇرۇپلام قالدىم ، مۇشۇنداقلام كىرىپ كىتەمسىز ، بىزگە يىغىن بار ئىدى ، مەن كىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن
كۆرشەپ قالسام ، مەكتەپنىڭ ئىچىنى بولسىمۇ ئايلىنىپ پاراڭلىشامىز دەپتىكەنمەن ، لىكىن بۇنداق بولمىدى ، ئەمسە تىلفۇن
نۇمۇرىڭىزنى دەپ بىرىڭ ، مەن بۇندىن كىيىن تىلفۇن تۇتمايمەن ، ئەمسە باللارنىڭ بولسىمۇ دەپ بەرسىڭىز مەن سىزگە تىلفۇن
قىلاي، باللارنىڭ نۇمۇرى مۇقۇم ئەمەس تىخى ، بولدىلا دەپ بەرگىسى يوق ئوخشايدۇ  زورلىماي بولدى ، مەن ئۆزەمنىڭكىنى دەپ
بەردىم ، بولىدۇ ئەمسە ياخشى ئاراڭ ئىلىڭ ، تىلفۇن نۇمۇرۇم قانچە دەپ سوردۇم ، ئۇ توغرا ئىيتىپ بەردى ، ئەمسە تىلفۇن قىلىڭ
ھە ، بولىدۇ خوش ئەمسە دەپ كىرىپ كەتتى ، بىرسى بىشىمغا سوغۇق سۇ قويغاندەكلام بولۇپ قالدىم ، مەن نىمىلەرنى خىيالنى
قىلىپ كەلگەن ھە ، چىرايىنى كۆرۇشكەشۇنچە تەقەززا بولغان ئادەم ئىدىمغۇ ، ئەمدى بۇ نىمىش بولۇپ كەتتى بۇ ، مەن شۇلارنى
ئويلاپ ئۇنىڭ مەكتىپىدىن قايىتتىم ،بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ ، پۇتۇمنى سۆرەپ ماڭغاندەكلام ماڭدىم ، پەقەت بىرلام سۇئال زادىن
تۇمارىسقا نىمە بولغاندۇ ،تۇمارىس بىلەن كۆرەشتىممۇ يا باشقا ئادەم بىلەنمۇ ،تەتىلدىن بۇرۇنقى تۇمارىس ئەمسقۇ ئۇ ، مەن نىمىش
قىلىپ قويغاندىمەن ، شۇلارنىلام ئويلايتىم ، شۇنچە ئازاب ئىچىدە مەكتەپكە قايتتىم ،  ياتاققا قايتىپ كەلدىم ، ياتاقتىكى باللارنىڭ
گىپى ماڭا پەقەت خوش ياقمايتى ، چاخچاق قىلسا تىللاپ ئولتۇردۇم ، تاماق يىيىشكىمۇ خوش ياقمىدى،  دەرىزنىڭ سىرتىغا قاراپ
تۇردۇم، كوڭلۇم شۇنچە بىئارام ، ماڭا ھىچ ئىش خوش ياقماس بولاپ قالدى ،كەچتە كارۋىتىمغا بالدۇرلام چىقىۋالغان ئىدىم ،
چىراغمۇ ئۆچەپ ھەممىسى ئۇخلىغاندا، مەن تىخى ئويغاق ئىدىم،  قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمىدىم ، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن
تۇرسام ،كەيپىياتىم شۇنداق تۆۋەن ئىدى ، شۇ كۇنى تۇمارىس تىلفۇن قىلىدۇ دەپ ، ئۇنىڭ تىلفۇننى ساقلاپ ئولتۇردۇم ، لىكىن ئۇ
بۇگۇن تىلفۇن قىلمىدى ،  تەتىلدىن بۇرۇنقى بىر ئىش شۇنداق ئىسىمدە ، بىركۇنى بىز شۇنداق خۇشال قايتقان ئىدىم ، مەن ئەتىسى
شەنبە كۇنى ئىدى ،مەن كىيىنرەك ئورنۇمدىن تۇرغان ئىدىم ، چۇشلۇك تاماقنى يەپ بولۇپ تورخانغا كىردىم ، تۇمارىسقا بىراقلا
كەچتە تىلفۇن قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لىكىن تورخاندىن چىقىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ شۇچاغدا ئاچچىغلاپ كەتكەن
ئىدى ، نىمىشقا ماڭا تىلفۇن قىلمايسىز ،  مەن دوستىڭىزنىڭ تىلفۇنغا نەچچە قىتىم تىلفۇن قىلدىم ، ئىتىك دەپلەم چىقتى ، كىيىن
تىلفۇننى توختاپ كەتتى دەپ چىقىۋالدى ، مەن ئۇنىڭدىن كەچۇرۇم سوردۇم ، كەچتە كۆرەشكەن چاغدا ماڭا  كۆرسەتتى ، 36 قاتا  
تىلفۇن قىپتكەن ، مەن ئىچىمدە نىمىشقا بالدۇراق تىلفۇن قىلمىغان بولغۇيتۇم ، بۇدا ئۇنداق قىلماي دەپ ئويلىغان ئىدىم ،
مانا بىركۇنمۇ ئۆتتى ، تىلفۇنمۇ كەلمىدى ،  9-ئاينىڭ 16-كۇنى چۇشتىن كىيىن يەنە ئۇنىڭغا مەكتىپىگە يەنە باردىم ، مەن
ياتقىنىڭ ئالدىغا بىرىپ بىرەيلەنگە تولاتقۇزدۇم ،ئۇ ۋاقىتتا سائەت ئىككىگە ئاز قالغان ئىدى ، لىكىن بىر سائەتكىچە ھىچكىم
چىقمىدى ، يا تولاپ قويغان ئادەم چىقىپ يوقكەنمۇ دەپ قويمىدى ،ياتاقتا يوق ئوخشايدۇ سائەت تۆتتىن كىيىن كىلەي دەپ
ئويلاپ، ئۇنىڭ مەكتەپىنى ئايلىنىشقا باشلىدىم ، بەزى چاغدا ۋاقىتنى ئۆتكۇزمەك بەك تەس ئىكەن ، بەزى ۋاقىتتا ۋاقىت شۇنداق
تىز ئۆتەپ كەتكەندەك تۇيۇلدىكەن ، مەن ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن كۆرەشكەن چاغدا ۋاقىت شۇنداق تىز ئۆتكەندەك ھىس قىلاتتىم
،سائەت تۆتتە يەنە ئۇنىڭ ياتقىنىڭ ئالدىغا يەنە كەلدىم ، بىر قىزغا تولاپ قويسىڭىز بوپتىكەن، شۇپىتى ھىچكىم چىقمىدى ، يىرىم
سائەتتىن كىيىن يەنە بىر قىزغا تولاتقۇزدۇم ،يەنە ھىچكىم چىقمىدى، كىيىن  بىر قىز ماڭا قاراپ كىتىپ قالدى،  قايتىپ كىلىپ ، سىز
تۇمارىسنى ئىزدىگەنما ، شۇنداق ، ئۇ يوقما ،  ئۇ كىتاپخانغا كىرىپ كەتكەن ، ياتاققا كىرمەيدۇ ، كەچتە بىراقلام كىرەمىكىن ،
قانچىدە ياتاققا چىردۇ ، سەككىزدىن كىيىن ،رەھمەت سىزگە ، سىزنى ئاۋار قىپتىمەن، ئەسىلدە تۇمارىس داۋاملىق گىپىنى قىلدىغان
يىقىن دوستى شۇ ئىكەن ، مەن ئۇنى تونۇمىغاندىن كىيىن تۇزۇك پارڭلاش ماپتىمەن ، مەن مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم ، سائەت
ئالتىگە ئازقالغاندا ئۇ تىلفۇن قىلدى ، بىرەر جىددىي ئىش بىلەن كەلگەنما، ياق شۇ كۆرشەپ كىلەي دەپ كەلگەن ، سىزنىڭ ئىشڭىز
بولمىغان بىلەن مىنىڭ ئىشىم جىق ، مەن ياردەم قىلاي ئەمسە ، بولدى رەھمەت ، دەڭە قولامدىن كەلسىلام قىلىشىپ بىرەي دىدىم ،
دوسلۇق دىگەننىڭ چىكى بولىدۇ ھە، ئەزەلدىن ماڭا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمغان ئىدى ، تۇرۇپلام قالدىمدە، خوش
مىنىڭ ئىشىم بار ، تىلفۇننى ئاشۇنداقلام قويۋەتتى ، نىمىش بولاپ كەتتى زادى، ئۇزاق ئويلاپ يەنە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشمەكچە
بولۇپ مەكتەپكە كەلدىم ،  مىنىڭ ياخشى كۆردىغانلىقىمنى بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ماڭا ئاچچىغلىغان چىغى دەپ
ئويلاپتىمەن ، ياتاقنىڭ ئالدىغا بىرىپ چاقىرتىپ يەنە كۆرەشتىم ، ئۇنى چىقماسمىكى دىگەن ئىدىم ، سىزگە نىمە بولدى ، تەتىلدە
زادى نىمىش بولدى ، بۆلەكلام ئادەم بولاپ قاپسىز ، ماڭا تەتىلدە بىر ئىش بولمىدى ، سىزنى ئەڭ يىقن دوستۇم دەپ قارايمەن ،
سىزنى سىڭلىم دەكلام كۆرمەن ، زادى  نىمىگە خاپۇلاپ قالدىڭىز ،زادى نىمە ئىشنى خاتا قىلدىم، تەتىلدە شۇنداق جىق ئىشلارنى
كۆرەپ كەتتىم ، بەزى ئادەم ئۇزۇن مەزگىلدە ئۆزگەرسە ، بەزى ئادەم بىردەمدىلام ئۆزگىردىكەن ، ئىچىمدە چوقۇم تەتىلدە بىر ئىش
تەسىر قىپتۇ ، بولمىسا بۇنداق بولماس ئىدى دەپ ئويلۇدۇم ، بۇندىن كىيىن مىنى بۇيەرگە ئىزدەپ كەلمەڭ ، بۇرۇنقىدەك ئىكىمىز
داۋاملىق كۆرشەپ تۇرالمايمىز ،مىنى ئىزدىمەڭ ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنتۇپ كىتىڭ ، مەن ئۇنىڭغا 10-ئاينىڭ 7-كۇنى سىزنىڭ
تۇغۇلغان كۇنىڭىز ، ئاشۇ ۋاقىتتا بولسىمۇ بىرۋاق تاماق يىسەك بولامدۇ ، مەن دوسلىرىم بىلەن ئۆتكۇزمەن، سىڭلىمنىڭ يىنىغا
بارىمەن ، ۋاقىت يوق، تاماق يىيىشكە ئۇنچىلا جىق ۋاقىت كەتمەيدىغۇ ، پەقەت بىر سائەت ۋاقىت كىتەر ،شۇنداق بولسىمۇ ۋاقتىم
چىقمايدۇ ، بولدىلا كۆزەمدىن يوقال دەۋاتسا يەنە بۇيەردە نىمە بار ، شۇڭا مەن ئامالسىز قايىتماقچى بولدۇم ، ئۇنىڭغا مىڭىش
ئالدىدا ، مەن سىزنى ئەڭ يىقىن دوستۇم دەپ قارايمەن ، قانداق ئىش بولسا دەڭ ، قولامدىن كىلىشچە ياردەم قىلمەن ، ئۆزىڭىزنى
ئاسىراڭ ، دەپ مەكتەپكە قايتتىپ كەلدىم ، كارۋاتتا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆمدۇم ، ئەمدى بۇ نىمىش بولۇپ كەتتى ،بىز تەتىلدىن
بۇرۇن شۇنداق يىقىن دوس ئىدۇققۇ ، ئۇ تەتىلدە ئۆزگىرەپ قىلشىم مۇمكىن دىگەن ، لىكىن بۇنچىلا بوپ كىتىشنى زادىلام ئويلاپ
باقماپتىكەنمەن ،تۇمارىس تەتىلدە بىرەرسىنى ياخشى كۆرەپ قالغانمىدۇ ، ئىككى ئاي ۋاقىتنى ئاز دىگىلى بولمايدۇ دە ،ۋاقىت
ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ ، ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشىدا چوقۇم سەۋەب بار ، ئۇ راستىنلام بىرسىنى ياخشى كۆرەپ قالغان بولسا،
مەن ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلىپ نىمە قىلمەن ، مەن ئۇنى چىن يۇركىمدىن ياخشى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ بەختىنى تىلشىم
كىرەكتە، تۇمارىس خۇشال بولسىلام ، مەن خۇشال بولمەنغۇ ، بولدى ئەمدى تۇمارىسنى ئۇنتۇپ كىتەي ، ئۇنى ئىزدىمەي ، ئۇلۇغ
ئاللادىن ئۇنىڭ بەختىنى تىلەي دىگەن قارارغا كەلدىم ، دەل شۇ ۋاقىتتا يۇزۇمگە ئىسسىق بىر نەرسە ئاقتى ، ئۆمۇرىمدە تۇنجى
قىتىم  بىر قىزنى دەپ كۆزەمدىن ياش چىقىشى ئىدى ، مەن يىغلىمىدىم ، لىكىن كۆزۇمدىن ياش چىققان ئىدى ، مەن شۇ ۋاقىتتا
شۇنداق ئازابلانغا ئىدىم ، ئۆزەمنىڭ چىن يۇركۇمدىن سۆيگەن قىزنى ئۇنتۇپ كىتەي دىگەن قارارغا كەلگەن ئىدىم ، بىر قىزنى
ھەقىيقى ياخشى كۆرۇش شۇنچە ئاسانما ، ئۆزنىڭ ياخشى كۆرگەن قىزنى ئۇنتۇش شۇنچە ئاسانمۇ ، بۇ بەك تەس ئىش ، بۇگۇنمۇ
قاچان ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئەتىسى كىيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن ، ئارىيەت ئالغان كىتابنى بۇگۇن ئوقۇپ بولۇشنى قارار
قىلغان ئىدىم ، كىتابنى ئوقۇۋىتىپ كۆزۇم بىر جۇملە سۆزگە چۇشتى ، (ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆزنىڭ قولىدا) بۇنى ئوقۇپ
توختاپلام قالدىم ، ھەم قايتا تۇمارىسنىڭ ئىشىنى ئويلۇدۇم ، مەن تىخى تۇمارىس ئۇچۇن ھىچ ئىش قىل ماپتىمەنغۇ ، مەن خۇددى
(ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۇش )دەپ ئولتۇرسام ، تۇمارىس مىنىڭ ئالدىمغا كىلەمۇ ، مەن ئۇنىڭ ئۇچۇن نىمىشلارنى قىلالىدىم ،
قانچىلىك تىرىشتىم ، مۇشۇنداقلام بولدى قىلامدىم ، بۇنداق قىلسام مىنى تازىمۇ يارماس نىمىكىن دەپ ئويلىمامدۇ ، مەن زادى
مۇشۇ ئىشىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرمەن ،بۇ قازاندىمۇ قايناپ باقمايمەنمۇ  دىگەن نىيەتتە ئۇنىڭغا خەت يىزىشنى پىلانلىدىم ، چۇنكى
ئۇنىڭ بىلەن پەقەت كۆرشەش پۇرسىتى كەلمىدى ، بىر قىتىم بولسىمۇ تۇزۇكرەك پاراڭلاشقان بولساق ،زادى نىمىش بولغانلىقىنى
بىلەلەيتىم ، خەتنى ئۈچ كۇن ئىچىدە يىزىپ بولدۇم ، خەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ، بۇرۇنقى ياخشى ئۆتكەن كۇنلەرنى ئەسلەش
،تەتىلدىن كىيىنكى ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ، تەتىلدە ئۇنىڭغا زادى نىمىش بولغانلىقىنى توغۇرسىدا يىزىلغان خەت ئىدى،ئۇ خەتنى
ئەسىلدە تۇمارىسنىڭ ھىلقى دوستى ئارقىلىق بىرەي دىگەن ، لىكىن ئۇ دوستىنى  پەقەتلام تاپالمىدىم ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدىن بىرمۇ
تونۇش تاپالمىدىم ،مەن تونۇش دوسلار بولسا ، ئۇلاردىن ياردەم سوردۇم ، لىكىن تونۇش تاپالمىغان ئىدىم ئۆزەم بارمىسام بولمىدى
، ئەسىلدە روزا ھىيتتىن كىيىن بىرەي دىگەن ، ئىشنى كەينىگە تارىتقۇم كەلمىدى ، ئەتە ھىيىت دىگەن كۇنى ئۇنىڭ مەكتىپىگە
باردىم ، تۇمارىس ئۆتكەندە بۇيەرگە كەلمەڭ دىگەن ئىدى ، ئەمما مەن يەنىلام باردىم ، مەن ياتقىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇنى
تولاتتىم ،تۇمارىسنىڭ ياتاقدىشى چىقىپتۇ ، تۇمارىسنى سىز ئىزدىگەنما ،ئەسلىدە  تۇمارىس ھىلقى دوستى بىلەن سىرىتقا چىكەتكەن  
ئىكەن ، قاچان كىلە دىسەم ، كەچتىرەك كىلەمىكى ، ئاۋار قىپتىمەن سىزنى ، بۇ خاترنى تۇمارىسقا بىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،
بولىدۇ مەن بىرىپ قوياي ، قايتاي دىگەن ئويغا كەلگەن ، كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەپ كىتەي ، ئەت ھىيىت ئۇ ماڭا
تىلفۇن قىلماسلىقى مۇمكىن ، مەن ئۇنى ساقلاپ باقاي ، مەن مەكتەپنىڭ ئىچنى ئايلاندىم ، كۆلنىڭ بويدا بىر سائەتتىن ئارتۇق
ئولتۇرۇپتىمەن، تۇمارس بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن خۇشال كۇنلەرنى ، ھەم تەتىلدىن كىيىنكى ئىكىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئويلۇدۇم ،
بىردەم خۇشال بولۇپ بىردەم ئازابلىناتتىم ، ۋاقىت ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن نىشانسىزلام ئايلاندىم ، سائەت سەككىز بولغاندا ئۇنىڭ
ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، بىر قىزغا چاقىرىپ بەرىسڭىز دەپ ساقلاپ تۇردۇم ،  تونىمىغان ئادەمگە گەپ قىلىش تەسكە
توختايدىكەن ، ھەم تونۇشماي تۇرۇپلام ئىشقا سالدىغان گەپ ، ئۆزەممۇ خىجىل بولۇپ ئاران دىيەلىگەن ئىدىم ، ھىلىمۇ بۇگۇنلام 4-
3  قىزغا تولىتىپ بولغان ئىدىم ، بىرۋاقىتتا يەنە ياتىقىدىكى بىر قىز چىقتى ، تۇمارىس تىخى كەلمىدى ،ئەمسە خاپۇلىماي ئەلىجان
دىگەن دوستىڭىز كەپتىكەن  تىلفۇن قىلسۇن دەيدۇ ، مۇھىم ئىش بارئىكەن  دەپ قويسىڭىز  ، مەن بۇ قىتىم كۆرشەلمەي قايىتتىم ،
تەتىلدىن كىلىپ پەقەت ئىككى قاتا كۆرۇشكەن ئىدىم ، لىكىن پاراڭلاشقان ۋاقتىمىز 10 مىنۇتقىمۇ بارمايدۇ ، مەن بىكەتتە ماشىنا
ساقلاپ تۇرسام ، بىر ۋاقىتتا تىلفۇن كەلدى ، مەن چوقۇم تۇمارىس تىلفۇن قىلغان چىغى دەپ تىلفۇننى ئالدىم ، سىز مۇھىم ئىش بار
دەپتىكەنسىز  شۇڭا تىلفۇن قىلدىم ، نىمە ئىش ئىدى ، شۇ ئەتە ھىيت كۆرشەپ ئۆتەي دەپ ئىزدەپ كەلگەن ، ھىلقى خاتىرنى
ئالدىڭىزمۇ ، شۇنداق ئالدىم ، ئۇ خاتىرنى قاچانلىققا ئىلىپ كىتسىز ، مەن تىخى بايام بەردىمغۇ سىزگە ، شۇ كۆردۇم ، قاچان سىزگە
قايتۇرۇپ بىرىمەن ، مەن شۇنچە ئەستايىدىل خەت يازسام ، ھىچ قانداق جاۋاپ يازمايلام بەرسە ، مەن ئۇ خاتىرنى ئىلىپ نىمە
قىلمەن دەپ ئويلاپ ، بىزگە كۇندە دەرىس باركەن، ۋاقىت يوق ئەمدى ، قاچان ئەككىتسىز دەپ يەنە سوردى ، مەن ئۇنىڭغا
بولدىلا  تاشلىۋىتىڭ دىدىم ، راسمۇ تاشلىۋەتسەم بولامدۇ ، ھە بولىدۇ تاشلىۋىتىڭ  ، ماقۇل ئەمسە ، مەن ئۇنىڭغا ، زادى سىزگە نىمە
بولدى، مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ ، ياق سىز ھىچ ئىشنى خاتا قىلمىدىڭىز ، ئەمسە نىمىشقا ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسىز ،
سىز بىلەن كۆرەشكىم يوق ، تۇمارىس ماقۇل دىسىڭىز ، بىز بىر ئايدا بىر قىتىم بولسىمۇ كۆرەشسەك ، ياق بولمايدۇ ، ئەمسە بىر ھەپتىدە
بىر قاتا بولسىمۇ تىلفۇندا بولسىمۇ كۆرەشسەك ، ياق ، سىزگە ئۆيدىكىلەر ياق دىيىشنىلام ئۇگەتكەنمۇ ، شۇنداق ماڭا ئاشۇنداق
ئۇگەتكەن ، گىپىڭىز تۇگدىما  مىنىڭ ياتاقتا قىلدىغان ئىشىم بار ، تىخى بالدۇرغۇ ، ئىشىم جىق دەپ تۇرۋالدى ، تىلفۇننى قويۋەتتىم
ئەمسە ، توختاپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە تەتىلدە نىمىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم ، سىزگە بىر ئىش بوپتۇ ، زادى نىمش بولدى ، تۇمارىس
ماڭا ، مەن يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۇتتۇرمەن ، يەنە 720 كۇن بار ، مەن مۇشۇ كۇنلەردە ياخشى ئوقۇشۇم ،ياخشى
نەتىجىلەرنى قازنىشىم كىرەك ، ئۇكىلىرمنى ئوقۇتمىسام بولمايدۇ ، مەن ئاچىسى بولغاندىن ئۇلارغا ياردەم قىلمىسام بولمايدۇ ،
تۇمارىس ئاشۇنداق ئىرادىگە كەلگەن ئىدى ، سىزدىن باشقا بىرسى بىلەن بۇنداق يىقىن ئۆتمىگەن، بىز خاتا ئۇسۇالدا تونۇشۇپ
قاپتۇق ، تۇمارىس توردا تونۇشۇپ قالغان گۇناھمۇ ، بىزنى تەغدىر ئاشۇنداق ئۇچۇراشتۇرغاندۇ ،توردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى
ئاشۇنداق ئەسكى بولامدۇ ،بولىدۇ ئەمسە مەن سىز بىلەن باشقا ئۇسۇلدا قايتا تونۇشاي ئەمسە ، مەكتىپىزگە سىزنى ئىزدەپ بىرىپ
قايتىدىن تونۇشسام بولىدىغۇ ، ياق بولمايدۇ ، ئەلىجان سىز مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ، ئەينى ۋاقىتتىكى دوستىڭىزنى ئۇنتىغاندەك
ئۇنتۇپ كىتىڭ ،تۇمارىس ئەتە ھىيىت ماڭا بىر قىتىم بولسىمۇ تىلفۇن قىلىپ قويسىڭىز ، ياق بۇگۇن مەن سىزگە تىلفۇن قىلدىم ،ئەتە
تىلفۇن قىلمايمەن ، بۇگۇنلام مۇبارەكلەي ، ھىيتىىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ھىيتىڭىزنى ياخشى ئۆتكۇزۇڭ ، ئەمسە تىلفۇننى قويۋەتتىم
ھە، توختاپ تۇرۇڭ تۇمارىس ئاخىرقى بىر ئىغىز گىپىم ، سىزمىنى ھازىر دوستۇم دەپ ئويلامسىز ئۇنى بىلەمەيمەن ،لىكىن مەن سىزنى
ئەڭ يىقىن دوستۇم ھىسابلايمەن ، سىز مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭز ماڭا دەڭ ، مەن چوقۇم قولۇمدىن كىلىشچە ياردەم
قىلمەن ، سىزگە بەخىت ،ئامەت، سالامەتلىك تىلەيمەن ، خوش ئەمسە ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ، سىزگە مەڭگۇ خۇشاللىق تىلەيمەن ،
خوش ئەمسە ،مەن شۇكۇنى ئۇنىڭ ئىسمىنى قانچە قىتىم دىگىنىمنى بىلمەيمەن ،ئۇ بىرۋاقىتتا ئىسمىمنى دەۋىرڭە ، بىلمەيمەن بۇ
بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم پاراڭلىشىمىزمۇ ، بۇندىن كىيىن نىمىش بولىدۇ ، بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ،

ئەتىسى روزى ھىيىت كۇنى كۆڭلۇم يەنىلام يىرىم ئۆتتى ، مەن  تەتىلدە  روزا ھىيىتنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۇزەمەن دەپ ئويلىغان
ئىدىم ، ئەمدى ئۆزەم يالغۇز ئايلىنىپ يۇردۇم ، بۇ ھىيىتمۇ شۇنداق تىز تۇگدى ، يەنە دەرىس باشلاندى ، تۇمارىسنى خيال قىلىپ
ئولتۇراتتىم ، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن خيالى پاراڭلشىپ ، چاخچاق قىلشاتتىم، بەزىدە ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىغان بولۇپ ،
ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايتىم ،  لىكىن ھازىر ئويلىسام بۇنىڭ ھەممىسە چۇشتەكلام بىلنەتتى ، مۇشۇ چۇشتىن ئويغۇنۇپ تەتىلدىن بۇرۇن
تۇمارىس بىلەن  خۇشال ئۆتكۇزگەن ئاشۇ كۇنلەرگە قايتىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم  ،ھەر قانچە ئويلىساممۇ رىياللىققا تەن بەرمەي
ئامال يوق ئىدى ، كۇنلەر يەنە ئۇنى سىغىنىش ، ئويلاش ، كۇتۇش ئىچىدە ئۆتتى ، ئۇنى ئويلاپ بەزىدە كۇلەتتىم، بەزىدە كۆڭلۇم
يىرىم بولاتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن  ئاشۇ خۇشال كۇنلەرنى ئويلىسام ، ئۇ كۇنلەر كەلمەسكە كەتكەندەك قىلاتتى ،مەڭگۇ دىگەن بۇ
سۆزنى ئىشلەتمەس بولۇپ  قالدىم ، ھىچ قانداق ئادەم ئەتە ئۆلەمەيمەن دىيەلمەيدۇ دە، ھازىرقى زاماندىكى ئاشۇق-مەشۇقلا
يۇرۇشتىن بۇرۇن مەڭگۇ دىگەن گەپنى جىق ئىشلىتىدۇ ، لىكىن ئاشۇلارنىڭ ئارسىدىكى نەچچىسى ئۆمۇرنىڭ ئاخىرغىچە بىللە يۇرىدۇ
، ھەممىمىز كۆرەپ تۇرۋاتىمىزغۇ جەمىيەتتىكى ئىشلارنى ،شۇ كۇندىن كىيىن ھىچ ئىش خوش ياقماس بولاپ قالغان ئىدى ، ھىچكىم
بىلەن كارىم يوقتى ، ياتاققا كىرسەممۇ باللار بىلەن تۇزۇك چاخچاق قىلىشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم،دەرىستىن چۇشۇپ تاماققا
چىقاتتىم ، كەچتە 1-2 سەئەت مەكتەپ تورخانىسىغا كىرەتتىم ، توردا ئۇچۇر كۆرەپ ، ئاكسىيە خەۋەرلەرنى ، بۇگۇنكى بازا
ئەھۋالىنى كۆرەتتىم، نىمە ئۆستى ، نىمە چۇشتى ،تورغا چىقىپ يۇرۇپ كۇنلەر شۇنداق ئۆتۇۋەردى ، ياتاقتا كارۋاتتا ئولتۇرۇپ
بىرنوقتىغا قاراپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كىتىمەن ، تۇمارىسنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم ،كەچتە ئۇيقۇم كەلمەيتى، يەنە ئۇنىڭ بىلەن
ئۆتكەن كۇنلەرنى ئويلايتىم ،ئۇنى سىغىناتتىم، ئۇلۇغ ئاللادىن پەقەت ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىشنىلام ئۆتۇنەتتىم ، مان بىردەمدە  
دۆلەت بايرىمى كىلىپ قالدى ، ئەسلىدە ئۆيگە كەتمەي دەپ ئويلىغان ، لىكىن بۇيەردە تۇرىۋەرسەم ئۆزەمدىن ئەنسىردىم ، بۇنداق
ئازابنى پەقەت، بىر ئادەمگە ئاشىق بولغان ،ھەقىيقى ياخشى كۆرگەن كىشىلام بىلەلەيدۇ ،بۇنداق ئازابقا بەرداشلىق بەرمەك بەك
تەس ئىكەن، بايرامدا قەشقەرگە يىنىپ كەلدىم ، ئۆيدە زىرىكسەم كىنو كۆرۇپ ،تالاغا چىقىپ باللارنى ئىزدەپ پاراڭلىشپ ،
كۇنلەرنى مۇشۇنداق ئۆتكەزدىم،  بايرامدا  نەچچە كۇن ئويلىشىپ ، تۇمارىسنى زادى ئىزدەش –ئىزدىمەسلىكنى ئويلاشتىم ، بۇ
ئىشلارنى مۇشۇنداقلام بولدى قىلسام قانداق بولا ،  تۇمارىس ئەرتىسلەردەك ئۇنچە چىرايلىق بولمىغان بىلەن ، ماڭا شۇنداق
چىرايلىق ، ئوماق كۆرنەتتى ، ئۇنىڭ كۆزىدىن قەيسەرلىك ، قەتتىيلىك چىقىپ تۇراتتى ، بىزنىڭ بەزى خۇيلىرمىز  ئوخشىشىپ
كىتەتتى ، ئۇنىڭغا شۇنداق ئامراقتىم ، ھەر قانداق ئادەم ئويلايدىغۇ ، ماڭا مانداقراق ئادەم بولسا، شۇنىڭ بىلەن يۇرسەم دەپ ،
تۇمارىس دەل مەن ئويلىغاندەكلام  ئادەم ئىدى ،گەرچە مەن ئويلىغاننىڭ ھەممىسىگىمۇ چۇشۇپ كەتمىسىمۇ ، ئۇنى ئۇنچىلا جىق
چۇشەنمىسەممۇ ، ياخشىلىقى ، راسچىللىقى كۆزدىن چىقىپ تۇراتتى ، بىر ئادەمنىڭ كۆزدىن ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسنى ھىس قىلغىلى
بولاتتى ،

ئۇلۇغ ئاللا ماڭا ئاشۇنداق ياخشى قىزنى ئۇچراتتى ، ھەم شۇنداقلام تىز قايتۇرۋالدى ، ئۆزەمنىڭ بەختىگە ئىرشىش ئۇچۇن
تىرىشمىسام ، يەنە نەلەرگە بىرىپ بەختىمنى ئىزدەپ يۇرمەن ،كىيىنچە قىزلارمۇ ئۇچۇرشى مۇمكىن ،لىكىن تۇمارىستەك بولشى
ناتايىن ،  تۇمارىس ئىككى يىل ئوقۇيدۇ ، مەن ئۇ ئوقۇش پۇتتۇرگىچە كۇتۇشۇم كىرەك . ئىككى يىل بىردەمدىلام ئۆتىدىغۇ ،ئۆز
ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئىككى يىل ساقلاش ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئىش ، تېلسەڭ تاپاسەن دىگەندەك ، ھەركۇنى بىرەر قىتىم
بولسىمۇ ، ئۇلۇغ ئاللادىن  تۇمارىسنى قايتۇرۇپ بىرشنى ئۆتۇنەتتىم ، تۇمارىس بىلەن تىزرەك ھىچ بولمىسا ، ئاشۇ دوسلۇق ھالىتىمىزگە
بولسىمۇ  قايتىشنى ئويلايتىم ، ئاشۇ كۇنلەر مىنىڭ ئەڭ خۇشال ئۆتكەن كۇنۇم بولسا كىرەك ، مانا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگىمۇ ئاز
قالدى ، لىكىن مەن ئەڭ يىقىن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە بىرەر سوۋغات بىرەلمىدىم، سوۋغاتقۇ موھىم نەرسە ئەمەس ،لىكىن
بۇيەردە كۆڭۇل دىگەن بىر نەرسە بار دە ،مەن پەقەت ئۇنىڭغا بەخىت ، سالامەتلىك ، خۇشاللىق تىليەلەيمەن  ،

ئۇلۇغ ئاللا ئادەمگە بەزى چاغدا ياخشى قىزنى شۇنداقلا ئۇچۇرتىپ قويدىكەن ، لىكىن قالغان ئىشقا ئۆزىڭىز كۇچۇمىسىڭىز ،
ئۆزىڭىز ئاشۇ قىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىزەلمىسىڭىز  ،قولدىن كەتكەندە مىڭ  پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ،  سىز
ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمى  ئۇچۇن بەك جىق تەلەپ قويۋالماڭ ، خيالىڭىزدىكى قىزنى ئۇچۇر تالماسلىقىڭىز مۇمكىن ،
لىكىن ئاشۇ تەلەپكە ئازراق بولسىمۇ چۇشۇدىغان ئادەم تىپىلدۇ ، ھەرگىزمۇ بەش بارماق تەڭ ئەمەس،  ئالتۇنمۇ 100% بولمايدۇ ،
ئاپپاق قەغەزگە سىزنىڭ قاراۋەرگىڭىز كەلمەيدۇ دە ، تۇرمۇشنىڭمۇ ئاچچىق –چۇچىكى بولمىسا لەززىتى بولمايدۇ ، ئادەم ئۆزنىڭ
بەختى ئۇچۇن چوقۇم تىرشىشى كىرەك ،

مۇشۇ تەتىلگە بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم ، تەتىل كەلمىگەن بولسا ، مەن تۇمارىس بىلەن بۇنچىلا  بوپ كەتمىگەن بولاتتىم ، زادى نىمە
ئۇچۇن تۇمارىس ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلەقىلىدۇ ،پەقەت چۇشنەلمىدىم ، تۇمارىسنى مەندىن خاپۇلاپ قالغان ئوخشايدۇ دەي
دىسەم ، گەپلىردىن ئۇنداق مەنا چىقمىدى ، ئامالسىز  مەندەك بىر دوستىدىن ۋاز كەچمەكچى ئوخشايدۇ ، كۆرشەشكە پەقەت
پۇرسەت چىقمىدى ، ئازراق بولسىمۇ پۇرسەت چىققان بولسا ، ئۇنىڭ زادىن نىمە ئۇچۇن شۇنداق قىلغانلىقىنى سوراپ بىلگەن بولاتتىم
، مەن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قايىل ، ئۇنىڭ چوقۇم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتىشنى ئۇمۇد قىلمەن ، مەن ئۇنى ساقلاشقا رازى ، تاكى ئۇ
ئوقۇش پۇتتۇرگىچە ئۇنى ساقلايمەن ، ئۇنى كۇتىمەن ،بەلكىم ئۆزگىرىپ قىلشىم مۇمكىن، لىكىن ئۇنى ئۇنتۇشۇم ئۇنداق ئاسان
ئەمەس، تۇمارىس سىزنى شۇنداق سىغىندىم ، سىز بىلەن شۇنداق پاراڭلاشقىم بار، سىزنىڭ كۇلكىڭىزنى ، ئاشۇ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلۇغۇم
بار ، يەنە ئاشۇنداق ئۆتۇشكە نىسىپ بولامۇ ،

بىر قىز بىلەن قانداق ئۇسۇلدا تونۇشسۇن ، تونۇشقان ئۇسۇلىدا گۇناھ يوققۇ ، مەن تۇمارىس بىلەن توردا تونۇشقان ، مۇشۇ بىر
نوقتىنى تۇتىۋىلىپ ،مەندىن ۋاز كەچمەكچى ،بىز خاتا ئۇسۇلدا تونۇشۇپ قاپتۇق دەيدۇ ، بىز باشتىن ئاخىرى توردا پاراڭلاشقان
بولساق ئۇنىڭ يولى بۆلەك ئىدى ، بىز ئەمىليەتتىمۇ نەچچە قىتىم كۆرۇشتۇققۇ ، مىنى ئەسكى ئادەم بىلگەن بولسىڭىز، نىمىشقا ئەينى
ۋاقىتتا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىز ، ماڭا بەك ئىغىر كەلدى تۇمارىس ...، ئۇنداق شەخسىيەتچىلىك قىلماڭ، تۇمارىس سىز ماڭا ،
مەن بۇرۇن كىچىك بولغان بولسام ئەمدى چوڭ بولدۇم ، بۇرۇن ھىسىياتىمغا تايىنىپ ئىش قىلغان بولسام ، ئەمدى ئەقلىمگە
تايىنىپ ئىش قىلدىغان بولدۇم دىگەن ئىدىڭىز ،   قايتا  ئويلۇنۇپ بىقىڭ تۇمارس ، سىز ھازىر  نىمىگە  تايىنىپ ئىش كۆرۋاتسىز  ،

بۇ ئەسەرنى تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ (بۇ كىچە) دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ يازدىم ، ئاشۇ بىر ناخشىنى قانچە قىتىم ئاڭلىدىم  
ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، بايرامدىكى ئارام كۇنلەردە يىزىپتىمەن ، ئاساسەن كەچتە يازدىم ، بەزىدى سائەت 1 قىچە ئۇخلىماي
يىزىپتىمەن ، ناخشىنى ئاڭلىغانسىرى كۆڭلۇم بەك يىرىم بولاتتى ، تۇمارىسنى شۇنداق سىغىناتتىم ، بىللە ئۆتكەن كۇنلەرنى
ئەسلەيتىم ، يەنە ئاشۇ گۇزەل كۇنلەر كىلەرمۇ ، ئۇلۇغ ئاللادىن پەقەت تۇمارىسنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تىلەيمەن ، بۇ تىلكىم ئەمەلگە
ئاشامدۇ بىلمەيمەن ، چىن ئىخلاس بىلەن نىيەت قىلسا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 02:31, Processed in 0.299238 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش