يازغۇچى ئەمەسمەن ... يېزىپ قويىمەن ...
شۇندا بىر ئىلھام كىلىپ سۆزلەپ قويىمەن ، قۇشاقلاردىن ئىككى كەلىمە توقۇپ قويىمەن . ھېكايە ، نەسىر ، شېئىرلارنى تىزىپ قويىمەن ، ھەق دادىدىن چىن گەپلەرنى ئېيتىپ قويىمەن ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كېلىپ يېزىپ قويىمەن .
ھەربىر يازما ، مىسرالارغا ئەخلاقنى قاتتىم ، دوسىتلىرىمغا شېئىرىي قۇشاپ ئېيتىپمۇ باقتىم . كۈڭۈللەرنى ئانچە – مۇنچە ئۇتۇپمۇ باقتىم ، تاققا – تۇققۇ مىسرالارنى تىزىپمۇ باقتىم ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كىلىپ يېزىپ قويىمەن .
باتۇرلارنى كۆرگىنىمدە چاۋاك چالدىممەن ، نامەرىتلەرنى كۆرگىنىمدە قوشۇم تۈردۈممەن . ھاياتلىقنى سۆيگەنلەرگە ھەمراھ بولدۇممەن ، مۇھەببەتلىك قەلىبلەرگە ئئوتتەك ياندىممەن ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كىلىپ يېزىپ قويىمەن .
ئەمدى مەن نىمە يازاي ئويلاپمۇ قالدىم ، دوسىتلىرىمغا سۇئال قىلىپ سۇراپمۇ سالدىم . نەدىن يازاي بېرىپ بولۇپ ئارقامغا ياندىم ، ھەربىر نۆۋەت يېزىم ياتا ، ھەجەپمۇ چاندىم ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كىلىپ يېزىپ قويىمەن ...
مەنبە : كۈڭۈل ھىسلىرىم ...
|