تور سىمى كىرىستال بېشىنى ياساش ئۇسۇلى
ھازىر ھەممەيلەن تورغا چىققاچقا تور سىمى 网线 دېگەن ئاتالغۇ ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس ، ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرغىنىدەك ، «تورغا ئىشىلىتىدىغان سىم» ئۇنى RJ45 تىپلىق كىرىستال باش 水晶头 بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ . تۆۋەندە بىز ئادەتتە كۆپ قوللىنىدىغان تور سىمى ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگۈنۈپ باقايلى ! لازىملىق قورال سايمانلار : تور سىمى : ئەگەر رەسمىي ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شۇ يەرگە يەتكۈدەك ھالدا بولمىسا ، 0.5 مىتىر ئەتراپىدا بولسا بولدى . كىرىستال باش : Rj45 تىپىلىقتىن ئىككى تال (تېلفۇنغا ئىشلىتىدىغاننى Rj11 دەپ ئاتايمىز ). ئامبار : مەخسۇس تور سىمى ياساشقا ئىشلىتىدىغان ئامبۇر (سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا شۇنچە ياخشى ياساشقا بولىدۇ) تەكشۈرگۈچ : 网线测试仪 تور سىمى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ، ياسىغان سىمنىڭ نورمال بولغان بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز . تور سىمى ياساشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس پىرىنسىپى بار ، يەنە بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ . 直连线 , 交叉线,反线 قاتارلىق ، ئەگەر سىز ھىچقايسىسىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، ئارلىق 5-10 مىتىر دائىردە بولسا ، باشقا ھىچ يەرگە چېقىلماي ئىككىلا تەرىپىنى ئوخشاش قىلىپ ياسىسىڭىزمۇ بۇ تور سىمىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ . لىكىن ئۆلچەملىك بولماي قالىدۇ ... ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان سىم : 直连线 ئاۋۋال تەييارلىۋالغان تور سىمىنىڭ ئۇچىدىن 4-5 سانتېمىتېر ئەتراپىدا ئامبۇر ئارقىلىق سىېرتقى تېرىسىنى سۇيۇپ چىقرىمىز . ئاندىن ، سىمنى رەتلەيمىز ، ئىككى بىر ھالەتتىكى سىمنى ئاجىرىتىپ تۈزلەپ ، ھەممىسىنى جىپسلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز ! تەرتىپى : سولدىن ئوڭغا : 橙白,橙汁 ،白绿,蓝,白蓝,绿,白棕,棕 -- ئاق سېرىق ، سېرىق ، ئاق يېشىل كۆك ، ئاق كۆك يېشىل ، ئاق قۇڭۇر ، قۇڭۇر.......ئامبۇر ئارقىلىق تەييارلىۋالغان سىمنىڭ ئۇچىدىن ئارتۇق قىسىمنى كىسىۋېتىمىز ، بەك ئۇزۇن بوپ كەتسىمۇ بەك قىسقا بوپ قالسمۇ بولمايدۇ ، ئۆزىڭىز مۆلچەرلەپ ، كىرىستال باشتىن ئۇزۇن قىسقا بوپ قالمىغۇدەك قىلسىڭىزلا بولىدۇ . ئاندىن كىسىۋالغان سىمنى قولنى قۇيىۋەتمەي تۇرۇپ ، RJ45 باشتىن بىرنى ئېلىپ ، ئاستا ئىچىگە كىرگۈزىمىز ، كىرىستال باشنىڭ بېشىغا تاقاشقانغا قەدەر ئىتتىرىمىز ، ئاندىن بۇنى قۇيىۋەتمەي تۇرۇپ ئامبۇر بىلەن چىڭ قىسىمىز .... OK! پۈتتى ... تەپسىلاتى سۈرەتتىكىدەك ...











|