پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 87 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 36|ئىنكاس: 1

بالىلىرىمىز سوۋغا– سالامنىڭ دەستىكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
39
قىزغىنلىق
330 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
225 سەر
شۆھرەت
291 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 17:09:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلىرىمىز سوۋغا– سالامنىڭ دەستىكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن



غالىپ مۇھەممەت قارلۇق


مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى. ئۆزۈم دەۋرىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا ئۇ ئىشلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئوقۇتۇش بىناسىغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتار ئىككى رەت بولۇپ تىزىلىپ، يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ قوللىرىدىكى گۈللەرنى پۇلاڭلاتقىنىچە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا:«سالام مۇئەللىم، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ ھۆرمەت بىلدۈرگىنىدە ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، قەلبىمنى ئىسسىققىنە بىر ھاياجان قاپلىغانىدى ۋە دۇنيادا ئوقۇتقۇچىغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مۇكاپات، سوۋغا بولماس–ھە! دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق ئىشخانىغا كىرىپ باشقىچىلا بىر گەپنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپتىمەن.

  — مېنىڭ سىنىپىمدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ، بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپلا بولدى قىلىدۇ، ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق قىلغان ئۇ ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغانلار

   — ۋاي سەن نېمىدېگەن بىلەن بىزگە قارىغاندا بەختلىك ئىكەنسەن، بىزگە ئاشۇ بىر دەستە گۈلمۇ يوق، بوپتىلا، بىز ئۇ شۇملارنىڭ سوۋغىسىغا قاراشلىقمىتۇق

   — سىلەر سىنىپ مەسئۇلى بولمىغاندىكىن رەنجىپ كېتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئۇلارنىڭ سىنىپ مەسئۇلى تۇرۇقلۇق بىزگە قىلىشىمۇ تايىنلىق.

   — تۈنۈگۈن كەچ سىنىپىمدىكى بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ ئاپىسى بايرىمىمنى تەبرىكلەپ ئالاھىدە تېلېفون قىپتۇ، يەنە بىر قۇر كىيىم ئېلىپ قويدۇم دەيدۇ تېخى! بەك خۇش بولدۇم، ئادەمگەرچىلىكنى بىلىدۇ دېسە...

    — ۋاي قايسى ئوقۇغۇچۇڭنىڭ ئاپىسى ئۇ؟

   — ئۆتكەندە سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويغان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئاپىسى، بالىسىنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويغىنىمدىن بەك خۇش بولۇپ كېتىپتىكەن.

   — مېنىڭ بالىلىرىم ( ئوقۇغۇچىلىرىنى دېمەكچى) بۈگۈن ماڭا قانداقراق سوۋغا تەييارلىدىكىن، ھېلى كۆرىمەن…

   — ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچى دېگەننى مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا سىناپ، كۆرۈپ قويغۇلۇق ئىكەن.

بولۇنىۋاتقان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بايىقى خۇشال كەيپىياتىم نەلەرگىدۇ غايىب بولدى. «توۋا، ئوقۇغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك گەپ قىلىدىغۇ؟ ئۇلارچە سوۋغا بەرسە، بەرگەندىمۇ چوڭراقىنى بەرسە ياخشى ئوقۇغۇچى، بەرمىسە ياكى ئادەتتىكىسىنى بەرسە (ئەمەلىيەتتە سوۋغا–سالامنىڭ دەرىجىسى يوق) يارىماس، ئىش ئۇقماس، دۆت ئوقۇغۇچى بولارمىش. نەدىمۇ بۇنداق مىزان بولسۇن؟ ھۆكۈمەت ئوقۇتقۇچىلارغا مائاشنى نېمە دەپ بېرىدۇ؟ مۇشۇمۇ ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپمۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرماقچى بولدۇم–يۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن خىزمەتداش بولۇپ ئۆتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئۇ ئويۇمدىن يالتايدىم. بىراق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، كاللام قۇرۇقدىلىنىپ قالغاندەك بولدى
بالامنى بالىلار باغچىسىغا بەرگەندىمۇ ئايالىم بىلەن مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق تەگىشىپ قالغانىدۇق.

   —سىزغۇ بالا بىلەن كۆپ مۇڭدىشىپ كەتمەيسىز. ئۇ بەزى گەپلىرىنى سىزگە دېمەي ماڭا دەيدۇ

   — نېمە گەپلەرنى؟

   — سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا–ئانىلىرى بەك بايمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ دائىم ئوقۇتقۇچىسىغا سوۋغا–سالام بېرىپ تۇرىدىكەن. ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بەكرەك ئامراقكەن.

   — ۋاي، ئۆتكەندىلا مۇئەللىمىگە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ گۈل سوۋغا قىلغانىدىڭىزغۇ؟

   — سىز شۇنى سوۋغا دەپ ئويلامسىز؟ ھازىر دېگەن قايسى چاغ؟ ئوقۇتقۇچىلىرىنى پات–پات چوڭراق نەرسىلەر بىلەن يوقلاپ تۇرمىساق، بالىمىزغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن.

   — ۋاي، بىز يا بالىمىزنى بالىلار باغچىسىدا بىكارغا ئوقۇتمىساق، ئۇنچىلا قىلىپ كەتكۈدەك...

   — سىزچۇ، مانا مۇشۇنداق دەپلا بالىغا كۆڭۈل بۆلمەيسىز

بۇنداق ئىشلار ئەزەلدىنلا ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان بولغاچقا، ئايالىمغا سەل دوق قىلىپ قويۇپلا ئارتۇق بىر نېمە دېمىدىم. راست گەپنى قىلغاندا ئايالىممۇ بالىنى دەپ شۇنداق قىلىۋاتاتتى. ئەمما بۇ قانداق قائىدە بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ توغرا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىزىغا ئىلىم سالدى، دىلىنى نۇرلاندۇردى. ئۆزىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئۇستازى ئۈچۈن شاگىرت «ھەشقاللا، رەھمەت» ئېيتسا تامامەن يوللۇق. ئەمما ئۇستاز ئۆزىدىكى پەزىلەت بىلەن شۇنداق بىر تەمەسىز، مىننەتسىز ئىنساندۇركى، تەمەخورلۇق ئۇنىڭغا ئەسلا ياتتۇر. شۇڭا ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان دەپ تەرىپلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارنى يېزىۋىتىپ بىردىنلا كورىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يەنە بىر كۆرسەم» دىكى مۇنۇ ۋەقەلىكنى ئەسلەپ قالدىم. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىيۇڭۋىن بىر كۈنى ئوقۇغۇچىسى سۇنناننىڭ ئاپىسى ئەۋەتكەن سوۋغىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ–دە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سوۋغىنى رەت قىلماي ئوقۇغۇچىسى سۇننانغا: «ئاپىڭىزغا مېنىڭ ئورنۇمدا رەھمەت ئېيتىپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن» دەپ تاپىلايدۇ. ئەمما بۇ سوۋغا مىيۇڭۋىن مۇئەللىمنى بەك ئوڭايسىزلاندۇرۇپ خىجىل قىلىدۇ ۋە قانداق قىلىپ بۇ سوۋغىنى ئەدەپ بىلەن قايتۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ئاخىرى بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئۆزىمۇ بىر سوۋغا تەييارلاش يولى بىلەن ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاپىسىنىڭ سوۋغىسىنى قايتۇرۇۋېتىدۇ. مەن ئەينى چاغدا فىلىمنىڭ مۇشۇ تەپسىلاتى ئارقىلىق كورىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەزىلىتى بىلەن ساپاسىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەنىدىم. پەزىلەت دېگەنمۇ ساپاغا بېقىپ بولىدىغان گەپكەن. يەنە تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن: «ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىدىن زادى كىم كىمگە سوۋغا بېرىشى كېرەك؟ بۇ شۇنچىۋالا مۇھىم ئىشمۇ؟ ئوقۇغۇچى بولمىسا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە رولى بولسۇن بۇ دۇنيادا؟» بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسېرى كاللام گادىرماچ بولۇپ كېتىدۇ.



يېقىندا گېزىت كۆرۈۋېتىپ «ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە سوۋغا» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. ماقالىدا يېزىلىشىچە، بىر قېتىملىق پاسخا بايرىمىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسى بەرگەن بىر قۇتا شاكىلاتنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەكمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغان. چۈنكى ئۇ 16يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ‹قىممەتلىك› سوۋغىغا ئېرىشكەنىكەن. ئامېرىكىدا ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىغا سوۋغا ئورنىدا رەھمەت ۋە تەبرىك سۆزى يېزىلغان ئاتكرىتكىلارنىلا بېرىدىكەن. ئەكسىچە، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرىغا سوۋغا بېرىپ تۇرىدىكەن، يەنى ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ياكى ئىپادىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئۆگىنىش قوراللىرى، بەزىدە كىچىك ئويۇنچۇقلارنى سوۋغا قىلىپ تۇرىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرىنىڭ يىلدا ئىككى قېتىم مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تەكلىپ–پىكىرلەرنى سۇنىدىغانلىق ھېسابىغا مەكتەپ «مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملەشتىڭلار» دەپ مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. يىلدا بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈزىسىدىن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەن. زىياپەتتە يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى زىياپەتكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزئارا مېھمان بولۇش بولۇپ، ھەر ئىككىلى تەرەپ بىر–بىرىگە قەرزدار بولمايدىكەن

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئامېرىكا مائارىپىدىكى سوۋغا ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى ئىناقلىققا، ساغلام كەيپىياتقا ئۈندەيدىغان پاكلىق سوۋغىسىدۇر. ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەپ، تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، جۈملىدىن ئادەم تەربىيىلەيدىغان مائارىپ بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. مائارىپتىكى ساغلاملىق دەل ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام مۇناسىۋىتىدىن كېلىدۇ. نامۇۋاپىق سوۋغا مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ئادەمگەرچىلىك بۇ خىل ساغلاملىق ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭدۇر. ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبى گۈزەل، روھى پاك بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ كىچىككىنە سوۋغىنىڭ ئالدىدا قۇل بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئوقۇغۇچى دېگەن كېلەچەكنى ياراتقۇچىدۇر. كېلەچەكنىڭ ئىگىسى ۋە قۇرغۇچىلىرى بولغان بالىلىرىمىز پاك، تەمەسىز، مىننەتسىز مېھرىمىز بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەلىم ئالسۇنكى ھەرگىزمۇ سوۋغا– سالامنىڭ دەستىكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن

مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
火山 + 4 + 2 + 4 + 4ياخشىكەن..!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 4 تىللا + 2 تۆھپە + 4 شۆھرەت + 4  باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2421 سەر
تىللا
2203 دانە
تۆھپە
1833 سەر
شۆھرەت
1993 سەر

ئاتامانتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 21:00:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست بالىلىرىمىز سوۋغا– سالامنىڭ دەستىكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن!بولمىسا بىزنىڭ كەلگۇسىمىز نېمە بۇلۇپ قالىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-29 01:59, Processed in 0.232540 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش