- تىزىملاتقان
- 2011-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 1057
- نادىر
- 0
- تېما
- 9
- يازما
- 98
 
- يوقلىما
- 79
قىزغىنلىق- 361 سەر
تىللا- 96 دانە
تۆھپە- 141 سەر
شۆھرەت- 184 سەر
  
| يىقىندىن بۇيان ئۇخلىيالماس بوپ قالدىم ، نىمىشقىلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . كۆز ئالدىمدا بىر قاتار كومىدىيىلىك فىلىملەر ، شۆھرەتپەرەست دوستلىرىم ،مېھرىبان ئاتا- ئانام پەيدا بولدى ....جاھان دىگەن شۇدە .ئۆتتى ،كەتتى ، پەقەت ئەسلىمىلەرلا مەڭگۆلۈك بۇلىشى مۇمكىن . ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن مەن بولالمىسام ئۇچاغدا كىم بۇلىشىم مۇمكىن،سىنىڭ ئالدىڭدا كىمنىڭ سالاھىيىتى بىلەن مەۋجوت بۇلىدىغاندىمەن ؟ جەنوبنىڭ كۈزى سەل سۇغۇقراق،لىكىن شۇنداقتىمۇ دېرىزىنى ئىچىۋەتمىسەم ئىچىم سىقىلىدۇ،مانا سەھەر سائەت 3 بولاي دىسىمۇ كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق ، ياشلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم ، ياشلىقىم مەندىن تۇلىمۇ يىراقلاپ كەتكەندەكلا ،ياشلىقىمنى ئەسلىسەممۇ ياشلىقىمغا قايتىشتىن قورقىمەن ،ياشلىقىمدىكى نۇرغۇن چۈشلىرىمىنىڭ ،گۈزەل ئارزو ئارمانلىرىمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قىلىشىدىن ،ھەممىدىنمۇ سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشتىن قورقىمەن . بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراۋەرگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ كۆزۈم لىققىدە ياشقا تولدى . نۇرغۇن چاغلاردا سىنىڭ« ئەگەر بىز بۇرۇن تۇنۇشقان بولساق ،مەن سىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن بۇلاتتىم ، دەل ۋاقتىدا تۇنۇشۇپتىمىز ،بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىنى قىلىپ ئۈتۈشنى بىلىمىز » دىگەن سۆزۈڭنى ئەسلەپ قالىمەن . ئەمما بىز يەنىلا بىر- بىرىمىزنى قەدىرلىيەلمىدۇق . تۇرمۇش يەنىلا بىر خىل رىتىمدە ئۈتمەكتە ،مەن يەنىلا ئۈتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ مۇڭلىنىپ ، يىغلامسىراپ ،يالغان كۈلۈپ ئۈتمەكتىمەن . بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بىزنىڭ ،بۇرۇنقى بىزنىڭ خاتىرە كۈنىمىز بۇلىدۇ، لىكىن بۇ كۈننى بىز بىرلىكتە تەبرىكلىيەلمەيمىز..كۆز ئالدىمدا بۇرۇنقى تۇرمۇشىمىز زاھىر بولدى . كەچ، سەن بالدۇرلا ئۇخلاپ كەتتىڭ ،مەن بىر مۇنچە ئۇششاق- چۈششەك ئىشلاردىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم، لىكىن سەن ھىچنىمىنى سەزمىدىڭ ،سەھەر سەن يەنىلا تاتلىق ئۇيقۇدا ،مەن ساڭا ناشتىلىق تەييارلىدىم ،يەنە بىر كەچ مەن سىنىڭ ئالماشتۇرىدىغان كىيىملىرىڭنى تەييارلاپ ، مونچىنىڭ سۈيىنى تەڭشىدىم . مەن كىيىملىرىڭنى رەتلاپ ،دەزمال سىلىپ بولغۇچە سەن ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كىتىپسەن .. تۇرمۇشۇمدا ئۇھسىنىش ، ئۈنسىز ئاغرىنىش كۈپەيدى ،لىكىن سەن يەنىلا ھىچنىمىنى سەزمەيتتىڭ ،مەن ئەتكەن تاماقتىن كۆرە ئاشپۇزۇلدىكى تاماقنى ياقتۇرۇپ يەيتتىڭ ،ئەمما مىنى يانىلا ئۆيدە تاماق ئىتىشكە بۇيرۇيتتىڭ ،مەن شۇنچە كۈڭۈل قۇيۇپ ئەتكەن تاماقلارنى قايتا-قايتا ئىسسىتىپ يىيىشكە مەجبور بولاتتىم ، تۈكۈۋىتىشكە كۈڭلۇم ئۇنىمايتتى ئاخىرى ئىسىل ئىشىم ،سىسىق ئىشىم بولاتتى ...نۇرغۇن چاغلاردا سىنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىڭگە قاراپ بۇرۇنقى چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ قالاتتىم... ئۆزۈمنى ئىنتايىن ئەخمەق چاغلاپ قالاتتىم ،نىمىشقا ئۇنىڭغىلا بويسۇناتتىم دەپ ئەتىسىلا ھازازۇلغا ئايلىنىشنى قارار قىلاتتىميۇ ،سىكونت ئىچىدا قارارىمدىن يىنىپ ، ئۇ- مىنىڭ ئېرىم ، دۇنيارىم، تىرىكىم دەپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئىتائەتمەن بۇلۇشقا ئۈندەيتتىم .. كىيىن راستلا ئەخمەقلىقىمنى ھىس قىلدىم ، چۈنكى سەن ئاللىقاچان باشقا بىرىگە ئايلانغان ئىدىڭ.. مەن سىنىڭ كۈڭلۈڭدىكى مۇكەممەللىككە ئىنتىلغان ،تىرىشقان بولساممۇ لىكىن يەنىلا يىتەلمىگەن ئىدىم ، تالاش-تارتىشسىز ئاجراشتۇق ، سەن تۇغقانلىرىم نەزەرىدىكى كەم-كۇتىسىز ياخشى كۈيئوغوللاردىن ئىدىڭ ،لىكىن مەن سەندەك بىر ياخشى كۈيئوغۇلغا لايىق ئەمەس ئىدىم ،ئۈيۈمدىكىلەرگىمۇ شۇنداق دەپ چۈشەندۈردۈم.. مانا ھازىرقى تۇرمۇشۇم تۇلىمۇ مەنىلىك ،شۇ بەزىدە سىنى ئويلاپ قالىمەن ،سىنىڭ قەلبىڭدىكى مۇكەممەل ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلگۈم كەپ قالىدۇ . قەلبىڭدىكى مەبود كىمدۇ؟
|
|