ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ ؟ بىر ئادەم قۇلىدا يۇغان بىر پىچاقنى تۇتقان پېتى مەسچىتكە كىرىپ : -ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ ؟ دەپتۇ . -قورقۇپ كەتكەن جامائەت گەپ قىلالماپتۇ ، بىردەمدىن كىيىن بىر مويسىپىت كىشى: -مەن مۇسۇلمان! دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ . پىچاق تۇتقان ئادەم مويسىپىت كىشى بىلەن بىللە مەسچىتتىن چىقىپ ،سىرتتىكى بىر توپ كالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : -تاغا مۇشۇ ماللارنى قۇربانلىق قىلماقچى ئىدىم ، لېكىن دۇئا قىلىپ بۇغۇزلاشنى ئوبدان بىلىپ كەتمەيمەن ، ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز -،دەپتۇ . مويسىپىت كىشى بىر قانچە كالىنى بۇغۇزلاپ بولغاندىن كىيىن ؛ -مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، باشقا مۇسۇلمان تېپىپ كەلگىن_دەپتۇ . ئۇ ئادەم بۇ قېتىم قۇلىدىكى قان يۇقى پىچاقنى تۇتقان پېتى مەسچىتكە يەنە كىرىپتۇ ۋە -ئاراڭلاردا يەنە باشقا مۇسۇلمان بارمۇ -دەپتۇ . بايىقى مويسىپىتنىڭ مۇشۇ كىشى تەرىپىدىن بۇغۇزلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان جامائەت قورقۇپ كىتىپ ھەممىسى تەڭلا ئىمامغا قاراپتۇ . ئىمام : -نىمىگە قارايسىلەر جامائەت ،ئىككى راكەت نامازنى باش بۇلۇپ ئوقۇتۇپ قويغىنىمغا مۇسۇلمان بۇلۇپ قالدىممۇ ئەمدى -،دەپتۇ
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام سىلەرنىڭ ئىتىڭلار نىمىشقا ئىرغاڭلاپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدى؟ -ھەي-ي،ئىرىم مەسىت ھالدا قاۋاقخانىدىن قايىتقاندا،ئىت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مىڭىۋىرىپ ،شۇنداق مىڭىشقا ئادەتلىنىپ قاپتۇ.
نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن باھار ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا قاتناش ساقچىسى توسىۋاپتۇ. نىمىشقا مىنى توسۇۋالىسىز؟-دەپ سوراپتۇباھارئاچچىقلىنىپ . قىزچاق،ماشىنىڭىزنىڭ سائەتلىك سۈرىتى 40كىلومىتىردىن ئىشىپ كەتتى. -ئىشىپ كەتتى؟نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن،مىنىڭ يولغا چىققىنىمغا بىر سائەت بولمىغان تۇرسا!
ئاپام شۇنداق دىگەن باھار بىر كۈنى ماشىنىسىنى ھەيدەپ بازارغا بارماقچى بولۇپ كىتىۋىتىپ،بىر{ چەكلەنگەن رايۇن}غا كىرىپ قاپتۇ. تايلاق قاتناش تەرتىۋىنى قوغداۋاتقان ئىكەن،ئۇئىسقىرتىپ ماشىنىنى توختىتىشقا بەلگە بىرىپتۇ،بىراق باھار ئالدىغا قاراپ كىتىۋىرىپتۇ،تايلاق موتوسىكىلىت بىلەن قوغلاپ ئۇنىڭ ئالدىنى توساپتۇ ۋە: سىز مىنىڭ ئىسقىرىتقىنىمنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟-دەپتۇ. -ئاڭلىدىم. -ئۇنداق بولسا نىمىشقا ماشىنىنى توختاتمايسىز؟ -چۈنكى ئاپام ماڭا ئەركىشىلەرنىڭ ئىسقىرىتقىنىغا پەرۋا قىلما،دەپ تەلىم بەرگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-4 15:34
|