پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 44 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 1

زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 2

يوقلىما
3
قىزغىنلىق
15 سەر
تىللا
16 دانە
تۆھپە
8 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 22:03:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتى



.1ماشىنىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سىتىۋال؛ئۆينىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سىتىۋال-ئىقتىسادى ئەھۋالىڭ يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا.
2.دوستلىرىڭنى تاشلىۋەتمە.
3.قىز دوست تاللىغاندا قاتتىق ئىھتىياتچان بول،چۈنكى ئۇ سېنىڭ بۇندىن كىيىن بەخىتلىك -بولماسلىغىڭدا 90 پېرسەنت رول ئوينايدۇ.
4. ھەر كۈنى 30مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ پىيادە يول يۈر.
5.بىرەر دوستۈڭغا بىرەر مەخپىيەتلىكىڭنى دەپ بىرىشتىن ئاۋۋال تەكرار ئويلان.
6.ئىش ھەققىڭنى بېرىدىغان كىشىنىڭ ھەرگىز يامان گىپىنى قىلما.
7.ئەبەدىي ھۆل يەرگە دەسسىمەيدىغانلاردىن كۆپ ئېھتىيات قىل.
8.بالىلىرىڭ ئادىللىق، ھەققانىلىق،گۈزەللىك ،ئېسىل پەزىلەت ئۈستىدە ئويلانغىنىدا دەرھال سىنى ئېسىگە ئالالايدىغان بولسۇن
9. ئىنسانىيەتت دۇنياسىدىكى راستچىللىق ،گۈزەللىك پاكلىقنى پەرق .ئېتىشنى بىلىۋال.
10.ئۆزۈڭنى ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈشنى بىلىۋال.
11.بىر يىل ۋاقتىڭنى سەرپ قىلىپ ،بىرەر پارچە كىلاسسىك ئەسەرنى ئوقۇپ چىق.
12.جىددى قۇتۇلدۇرۇش چارىلىرىنى ئۆگىنىۋال.
13.بېرەر كىشى سىنى ئۆزقوينىغا ئالاي دېگىنىدە،ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ھەرگىز يەردە قويما.
14. ھەر كۈنى ئالتە ئېستاكان سۇ ئېچىپ تۇر.
15.سىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ غېمىنى يېيېشنى بىلىۋال.
16.ھەرقانچە زور قېيىنچىلىقتا ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن بىللە بول، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ خىل ئەسلىمە بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ.
17.سىرتقا ساياھەتكە چىققنىڭدا ھەميانىڭغا ئىسىم فامىلەڭ ، تېلىفۇن نومۇرۈڭ ،دوستلۇرۇڭنىڭ تېلىفۇن نومۇرى ۋە سالامەەتلىك ئەھۋالىڭ پۈتۈلگەن بېرەر كارتۇشكا سىلىۋېلىشنى ئۇنتۇما.  
18.مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشكىنىڭدە ،تېنچ ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭنى بىسىۋالالىغىنىڭ - بېسىۋالالمىغىنىڭ ئۈستىدە، سالامەتلىكىڭ ئۈستىدە ۋە قىزغىنلىقىڭنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان -تۇرمىغانلىغى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆر.
19..ھەر يىلى باھاردا بېرەر تۈپتىن جىرىم تېكىپ قوي.
20.ئېسىڭدە بولسۇنكى ،نىكاھ ئاساسىنىڭ ياخشى بولۇشى مۇنداق ئىككى تەرەپكە باغلىق  1)ياخشى ھەمراھ تېپىش: (2) ئۆزى ياخشى ئادەم بولۇش.
21.، تۇققانلىرىڭ، ئايالىڭ ۋە بالىلىرىڭنى ئەيىپلىمەكچى بولغىنىڭدا، ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىش ئېسىڭدە بولسۇن.
22.ئۆتكەن ئېشلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ پۇشايمان يېمەكچى بولغىنىڭدا، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىڭدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا جۈرئەت قىل.
23.ئۆزۈڭچە بېرەر بۈيۈك ئەقىل تاپتىم دەپ قارىغىنىڭدا ،ئۇنى ھەرگىز باشقا پارچە -پۇرات ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتما.
24..ھېسسىياتىڭنى بىسىۋېلىشقا ماھىر بول.
25. ئائىلە ئاساسىڭنى ھەر -كۈنى ئاز -تولا ئەمەلى ئىش قىلىش يولى بىلەن مۇستەھكەملە ۋە ياخشىلاپ بار.
26.كىشىلەرنى قارىسىغا تەنقىت قىلما ،ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگۈنۈڭ بۇنىڭ سىرتىدا .
27.بىرەر جۈملە دوستانە سۆزنىڭ ياكى بىرەر ياخشى ئىشنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىما .
28. باشقىلارغا ياخشى گەپ قىلغىنىڭدا ،بالىلىرىڭمۇ ئۇنى ئاڭلىسۇن.
29.بىلىشىڭ كېرەككى ،بەخت بايلىققا ، ھوقۇققا ۋە چېراي شەكىلگە ئەمەس ،ئەتراپىڭدىكىلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلىشىڭگە باغلىق.
30. كىشىلەر بىلەن تۇنجى كۆرۈشكىنىڭدە ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول بىرىپ ،ئېسىم -فامىلەڭنى ئېيتىپ بەر. قارشى تەرەپ سىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولسۇن
31.كارۋېتىڭنىڭ بىشىغا خاتىرە ۋە قەلەم قويۇپ قوي.،ياخشى ئەقىل چارە كۆپ ھاللاردا سەھەر سائەت ئۈچتە كاللاڭغا كېلىدۇ.
32. جاپالىق ئىشلەش بەدىلىگە ئارزۇ قىلغان نەرسەڭگە ئېرىشكىنىڭدە ،ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنىۋال.
33.تۇغۇلغان كۈنۈڭدە بىرەر ئىش قىلىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي.
34. مۇھەببەت ئاساسىڭ بولمىسا توي قىلما.

مەنبە:« جەزبىدار گۈلدەستىلەر» ناملىق توپلامدىن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
火山 + 8 + 4 + 4 + 4ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 8 تىللا + 4 تۆھپە + 4 شۆھرەت + 4  باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2125 سەر
تىللا
1868 دانە
تۆھپە
1602 سەر
شۆھرەت
1726 سەر

ئاتامانتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ھەم مول مەزمۇنلۇق ھېكمەتلەر ئىكەن.مۇشۇنداق ياخشى ھېكمەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-10 07:20, Processed in 0.258782 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش