ياشانغانلار كۆپ ئۇخلىسا،تېز قېرىيدۇ
كۆپىنچە ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ، ئۇلار كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە ، كۈندۈزى تولۇقلايدۇ . ھالبۇكى ، ھەدىدىن ئارتۇق ئۇخلاش ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ياشانغانلار كۆپ ئۇخلىسا جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قېرىشنى تېزلىتىدۇ . مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىشىچە ، ئادەتتە 60 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ، 70 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن . ھەر كۈنى توققۇز سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغان ياشانغانلاردا ماغدۇرسىزلىقتىن باشقا يەنە روھىي چۈشكۈنلىشىش ، ھەرىكىتى ئەپسىز بولۇش ، ھەتتا غەلىتە پىسخىك ھالەت پەيدا بولۇش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن . بولۇپمۇ ، كۈز پەسلىدە ، ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ ، ياشانغانلار سوغۇقتىن قورقۇپ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ، ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچالمايدىغان ، كارىۋاتتىن چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن . ئەمەلىيەتتە ياشانغانلار پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇيقۇنى تەڭشىشى كېرەككەن . يازدا كەچ ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش ، كۈز ۋە ئەتىيازدا بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشى ، قىشتا بولسا بالدۇر ئۇخلاپ كېيىن تۇرۇشى كېرەككەن. چۈشلىرى بولسا ئازراق مۈگدىۋالسا بولىدىكەن . ئۇزاق ئۇخلاشقا بولمايدىكەن .
مەنبە: ئىز تورى |