بۇلالمىدىم بۈگۈن يېنىڭدا
ئۇيقۇم قاچتى بۇكېچە خۇيمۇ،
ئۇخلاي دېسەم ئۇيقۇ يوق زىنھار.
يەنە شۇكۆز ،يەنە شۇ ئاۋاز ،
چايقىلىدۇ باغرىمدا نىگار.
دېرىزەمدىن تۆكۈلەر شولا،
روھىم بىلەن بولماققا سىرداش.
كېچە ئۆتسە يەنە بىر سەھەر ،
كېلەر تالاي كۈنلەرگە ئوخشاش.
ئولتۇرىمەن ھۇجرامدا تەنھا،
بۇران ئۇچار روچەك غىچچىرلاپ.
بۇلالمىدىم بۈگۈن يېنىڭدا ،
قۇلىقىڭغا تاتلىق پىچىرلاپ.
يۈرىكىڭنى تىڭشاپ جىمغىنا،
كۆزلىرىمنى يۇمسام ھە، جانان.
گۇيا چۈشتەك ئۇنتۇلسا بىر پەس،
قەلىپلەردىن جۇدالىق پىغان.
بۇلالمىدىم بۈگۈن يېنىڭدا،
ئاق لالىدەك جىلۋىلىك بېقىپ.
شۇ تاپ ئوتتەك تەلۋە سېغىنىش،
ۋۇجۇدۇمغا كىرمەكتە ئېقىپ.......
ئاپتۇرى:شەرقنۇر مۇھەممد |