2011-يىللىق مائاش ئىسلاھاتى ھەققىدە
 1. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان مۇئاشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۇنۋانغا قارىتا ھېساپلىنىدۇ، مەكتەپلەردە ئوتتۇرا، ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋاننىڭ سان چەكلىمىسى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئالى دەرىجىنىڭ. بۇ شەرتكە توشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلەنگەن سان چەكلىمىسىدىن خېلىلا كۆپ بولغاچقا، سالاھىيەت تارىخى، ئوقۇش تارىخى، ئىقتىدارى ، خىزمەت مىقتارى، نەتىجىسى ئانچە پەرقلەنمىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا (بولۇپمۇ يېزا مەجبورى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى) كىرىم پەرقى چوڭ بولماقتا. ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئادەتتىكى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى بىر ھەسسە پەرقلىنىدىغان ئىشلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىنسىيە مۇئاشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كورسەتمەكتە. مەكتەپنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا 90%تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانغا قارىتا مۇئاشنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىكىنى بىكىتىش كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالمايلا قالماستىن، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان سەۋەپلىك مۇئاش پەرقىنىڭ چوڭ بولىشى خىزمەت ئۈنىمىگىمۇ زور تەسر كۆرسىەتمەكتە، بولۇپمۇ يوقىرى ئۇنۋان ئېلىش ئۈمىدى يوق بولغان ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوخشاشلا ئادەم، شۇڭا پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقى تۇرغانلا گەپ. پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ھەيدەكچىلىكى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ خىزمەت ئالمىشىدىغان، باشقا خىزمەتكە ئالمىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئاقىۋەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر قېتىم ئوتتۇرا، ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالىغاندا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز-ئارا، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن رەھبەرلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باھالىغۇچىلار ئارىسىدا زىددىيەتلەر باغانسېرى كۆپەيمەكتە. چېرىكلىشىشكە پۇرسەت كۆپەيمەكتە. نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۆچمەنلىشىپ، ھەتتاكى قارا جەمىئيەتنىڭ ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا. ئۇنۋانغا قارىتا ئېلىنغان مۇئاشنىڭ پەرقىنىڭ كەينىدە نۇرغۇنلىغان ئادىمى رەڭ تۈس ئالغان سەۋەپ تۈپەيلى (ئادەم كۈچى ئارقىلىق بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن) ئادالەتسىزلىك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانغا قارىتا مۇئاش ئېلىش سىياسىتى خاتىرجەم تۇرمۇشقا تەسر يەتكۈزۈپ، كادىر-ئاممىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە. شۇڭا كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى كۈندىن كۈنگە ئىقتىسادى مەسىلىدىن خەلقنىڭ تۇرمۇش مەسىلسىگە، ئۇنىڭدىن ئۆزگىرەپ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇئاش ئسلاھاتىنىڭ "يوقىرىسىنى تىزگىنلەپ، ئوتتۇرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۆۋەننى يۆلەپ" تەدرىجى ھالدا ئۇنۋانلاشقان مۇئاش تۈزۈمىنى سۇزلاشتۇرۇپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە ئادىللىقنى بىر نۇقتا قىلغان كىرىم تەقسىم قىلىش زۆرۈر بولماقتا. 2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى كىرىم تۈزۈلمىسى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى ئاساسى مۇئاش(基本工资)، ئوقۇتۇش ئىستاجى مۇئاشى(教龄工资)، نەتىجە مۇئاشى(绩效工资) قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.9 ئالاھىدە ئېتىۋار قوشۇمچە پۇل(特优津贴) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىتىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. 1) ئاساسى مۇئاش(基本工资)' باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2000 يۇەن، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2300 يۇەن، تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2500 يۇەن، ئالى تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2800 يۇەن، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 3000 يۇەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ. (خەلق ئىقتىسادىنىڭ يوقۇرلىشىغا ئەگىشىپ يوقۇرلايدۇ) 2) ئوقۇتۇش ئىستاجى مۇئاشى(教龄工资); يىلىغا 30يۇەن بولۇپ، ئوقۇتۇش يىل سانىغا قارىتا يوقىرىلاپ ماڭىدۇ. خىزمەت ئىستاجى مۇئاشىنىڭ ئەمىلىشى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان غەمغورلۇق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە قاتنىشىش ئىدىيىسىنى ئىلھاملاندۇرۇشتا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق سېپى قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۇن ئىنتايىن پايدىلىق. 3) دەرس سائەتلىك مۇئاشى(课时工资) : دەرس سائەتلىك قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئەمەلى ئۆتكەن دەرس سائىتى بويىچە مۇئاش ھېساپلاش پىرىنسىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك دەرس ئېلىشىقا ئىلھاملاندۇرۇش، بولۇپمۇ زېھنى تولۇپ تاشقان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك دەرس ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. (4.نەتىجە مۇئاشى(绩效工资); مەۋسۈملۈك ھەم يىللىق مۇكاپات (ئۇنۋان مۇئاشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ). بۇ قىسمەن مۇكاپات پۇتۈن مۇئاشنىڭ %10نىلائىگەللەيدۇ. كۆپچىلىك كۆرسىتىش ھەم ئەمەلى نەتىجىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مەۋسۈم ۋە يىلدا باھالىنىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئاكتىپلىق بىلەن تىرىشسىلا ھەر يىلى پۇرسەت بار دىگەن گەپ. ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ ئۈنۈم يارىتىپ، نەتىجە قازىنىشى، دەرسنى جىق ئېلىپلا قالماي دەرسنىمۇ ياخشى ئۆتۈشى ئۈمۇت قىلىندۇ. 5) ئالاھىدە ئېتىۋار قوشۇمچە پۇلى(特优津贴): پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدۇ، سان چەكلىمىسى يوق، ناھىيە-شەھەردىن يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يوقىرى ئۆلچەملىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈپ تەستىقلانغان بولىشى كېرەك. ئاساسلىقى مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان، ھەم كېڭەيتىلگەن، بىر مەكتەپنىڭ ياكى بىر رايوننىڭ مائارىپىغا بەلگىلىك تەسر كۆرسىتەلىگەن مائارىپ ھەم ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار بولىشى كېرەك. تەسر دائىرسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن دەرىجىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ، ياكى دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك، ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئاشۇنداق تالانتلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئىلھاملاندۇرىلىدۇ. 6 تاغلىق رايونلار تۇلۇقلىما پۇلى(山区补贴) يېزىلاردىكى ھەم چەت تاغلىق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىم تۇلۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ، يەنى مۇئاشنىڭ %30 بويىچە بېرىلىدۇ. خۇددى دۆلەت كادىرلىرى يېزىغا چۈشكەنلىك تۇلۇقلىما پۇلىغا ئوخشاش، قانچە چەت رايوندا بولسا تۇلۇقلىمىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، مەڭگۈلۈك ئەمەس، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكەلسە شۇنىڭغا قارىتا ئۆزگىرەيدۇ. مەنبە : ئاقسۇ تورى |