پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 6

2011-يىللىق مائاش ئىسلاھاتى ھەققىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
29
قىزغىنلىق
271 سەر
تىللا
279 دانە
تۆھپە
190 سەر
شۆھرەت
239 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 15:58:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2011-يىللىق مائاش ئىسلاھاتى ھەققىدە


47428036.jpg

    1. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان مۇئاشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش       ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۇنۋانغا قارىتا ھېساپلىنىدۇ، مەكتەپلەردە ئوتتۇرا، ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋاننىڭ سان چەكلىمىسى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئالى دەرىجىنىڭ. بۇ شەرتكە توشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلەنگەن سان چەكلىمىسىدىن خېلىلا كۆپ بولغاچقا، سالاھىيەت تارىخى، ئوقۇش تارىخى، ئىقتىدارى ، خىزمەت مىقتارى، نەتىجىسى ئانچە پەرقلەنمىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا (بولۇپمۇ يېزا مەجبورى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى) كىرىم پەرقى چوڭ بولماقتا. ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئادەتتىكى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى بىر ھەسسە پەرقلىنىدىغان ئىشلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىنسىيە مۇئاشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كورسەتمەكتە. مەكتەپنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا 90%تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانغا قارىتا مۇئاشنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىكىنى بىكىتىش كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالمايلا قالماستىن، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان سەۋەپلىك مۇئاش پەرقىنىڭ چوڭ بولىشى خىزمەت ئۈنىمىگىمۇ زور تەسر كۆرسىەتمەكتە، بولۇپمۇ يوقىرى ئۇنۋان ئېلىش ئۈمىدى يوق بولغان ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوخشاشلا ئادەم، شۇڭا پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقى تۇرغانلا گەپ. پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ھەيدەكچىلىكى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ خىزمەت ئالمىشىدىغان، باشقا خىزمەتكە ئالمىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئاقىۋەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر قېتىم ئوتتۇرا، ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالىغاندا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز-ئارا، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن رەھبەرلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باھالىغۇچىلار ئارىسىدا زىددىيەتلەر باغانسېرى كۆپەيمەكتە. چېرىكلىشىشكە پۇرسەت كۆپەيمەكتە.
نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۆچمەنلىشىپ، ھەتتاكى قارا جەمىئيەتنىڭ ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا.
     ئۇنۋانغا قارىتا ئېلىنغان مۇئاشنىڭ پەرقىنىڭ كەينىدە نۇرغۇنلىغان ئادىمى رەڭ تۈس ئالغان سەۋەپ تۈپەيلى (ئادەم كۈچى ئارقىلىق بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن) ئادالەتسىزلىك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
      شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانغا قارىتا مۇئاش ئېلىش سىياسىتى خاتىرجەم تۇرمۇشقا تەسر يەتكۈزۈپ، كادىر-ئاممىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە. شۇڭا كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى كۈندىن كۈنگە ئىقتىسادى مەسىلىدىن خەلقنىڭ تۇرمۇش مەسىلسىگە، ئۇنىڭدىن ئۆزگىرەپ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇئاش ئسلاھاتىنىڭ "يوقىرىسىنى تىزگىنلەپ، ئوتتۇرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۆۋەننى يۆلەپ" تەدرىجى ھالدا ئۇنۋانلاشقان مۇئاش تۈزۈمىنى سۇزلاشتۇرۇپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە ئادىللىقنى بىر نۇقتا قىلغان كىرىم تەقسىم قىلىش زۆرۈر بولماقتا.   
     2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى كىرىم تۈزۈلمىسى:      ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى ئاساسى مۇئاش(基本工资)، ئوقۇتۇش ئىستاجى مۇئاشى(教龄工资)، نەتىجە مۇئاشى(绩效工资) قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.9 ئالاھىدە ئېتىۋار قوشۇمچە پۇل(特优津贴) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىتىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
     1) ئاساسى مۇئاش(基本工资)'       باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2000 يۇەن، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2300 يۇەن، تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2500 يۇەن، ئالى تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2800 يۇەن، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 3000 يۇەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ. (خەلق ئىقتىسادىنىڭ يوقۇرلىشىغا ئەگىشىپ يوقۇرلايدۇ)
     2) ئوقۇتۇش ئىستاجى مۇئاشى(教龄工资);      يىلىغا 30يۇەن بولۇپ، ئوقۇتۇش يىل سانىغا قارىتا يوقىرىلاپ ماڭىدۇ. خىزمەت ئىستاجى مۇئاشىنىڭ ئەمىلىشى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان غەمغورلۇق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە قاتنىشىش ئىدىيىسىنى ئىلھاملاندۇرۇشتا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق سېپى قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۇن ئىنتايىن پايدىلىق.
     3) دەرس سائەتلىك مۇئاشى(课时工资) :     دەرس سائەتلىك قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئەمەلى ئۆتكەن دەرس سائىتى بويىچە مۇئاش ھېساپلاش پىرىنسىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك دەرس ئېلىشىقا ئىلھاملاندۇرۇش، بولۇپمۇ زېھنى تولۇپ تاشقان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك دەرس ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
     (4.نەتىجە مۇئاشى(绩效工资);       مەۋسۈملۈك ھەم يىللىق مۇكاپات (ئۇنۋان مۇئاشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ). بۇ قىسمەن مۇكاپات پۇتۈن مۇئاشنىڭ %10نىلائىگەللەيدۇ. كۆپچىلىك كۆرسىتىش ھەم ئەمەلى نەتىجىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مەۋسۈم ۋە يىلدا باھالىنىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئاكتىپلىق بىلەن تىرىشسىلا ھەر يىلى پۇرسەت بار دىگەن گەپ. ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ ئۈنۈم يارىتىپ، نەتىجە قازىنىشى، دەرسنى جىق ئېلىپلا قالماي دەرسنىمۇ ياخشى ئۆتۈشى ئۈمۇت قىلىندۇ.   
     5) ئالاھىدە ئېتىۋار قوشۇمچە پۇلى(特优津贴):     پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدۇ، سان چەكلىمىسى يوق، ناھىيە-شەھەردىن يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يوقىرى ئۆلچەملىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈپ تەستىقلانغان بولىشى كېرەك. ئاساسلىقى مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان، ھەم كېڭەيتىلگەن، بىر مەكتەپنىڭ ياكى بىر رايوننىڭ مائارىپىغا بەلگىلىك تەسر كۆرسىتەلىگەن مائارىپ ھەم ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار بولىشى كېرەك. تەسر دائىرسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن دەرىجىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ، ياكى دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك، ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئاشۇنداق تالانتلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.
6 تاغلىق رايونلار تۇلۇقلىما پۇلى(山区补贴)  
يېزىلاردىكى ھەم چەت تاغلىق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىم تۇلۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ، يەنى مۇئاشنىڭ %30 بويىچە بېرىلىدۇ. خۇددى دۆلەت كادىرلىرى يېزىغا چۈشكەنلىك تۇلۇقلىما پۇلىغا ئوخشاش، قانچە چەت رايوندا بولسا تۇلۇقلىمىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، مەڭگۈلۈك ئەمەس، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكەلسە شۇنىڭغا قارىتا ئۆزگىرەيدۇ.
مەنبە : ئاقسۇ تورى

Rank: 2

قىزغىنلىق
33 سەر
تىللا
88 دانە
تۆھپە
27 سەر
شۆھرەت
32 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 12:30:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ ناھايىتى ياخشى گەپكەن ،بىراق قاچان ئەمىلىللىشەر

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
210 سەر
تىللا
216 دانە
تۆھپە
196 سەر
شۆھرەت
210 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 21:30:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ ، مائارىپتا مەن ئۈزۈمنى شەخسىيەتسىز بېغىشلايمەن دىگەن ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ روھىي دۇنياسىدا يەنىلىكىم تۇرمۇش ، تۇرمۇش ئۈچۈن پۇل دىگەن ئامىل بار ... مىنىڭچە مۇشۇ مۇئاش ئىسلاھاتى ، مۇئاش قېتىلىدۇ ئوقۇتقۇچىلارغا دىيىلسە ، شۇ دىگەن ئادەمنىڭ ئۈزى ئەخمەق بولۇپ قاپتۇ دەيدىغان بولدۇم . مۇئاش قېتىلىدىكەن دىسە ، دۆلەت مەمۇرىرلىرىغا قېتىلىدىكەن دەپ ئويلايدىغان بولدۇم ... بۇ مۇمكىن ئەمەس ... ھەتتاكى ، زۇڭلى ۋىنجىياۋباۋ ئوتتۇرغا قويغان ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنىمۇ بەرمىگەن تۇرسا ... بۇنداق دىسەم ئالدۇق دەپ قارايسىلەر ... شۇ ۋاقىتلاردىكى ئومۇمىي قارار تەلىپىگە ھازىرقى بىرىلىۋاتقان مۇئاش ئۆلچىمى ماس كەلمەيدۇ ... بىزنىڭ مۇئاشىمىزدىن تۇتۇۋېلىپ ئۈنۈم مۇئاش دىسە ، ساراڭمۇ ئىشەنمەيدىغۇ دەيمەن ... بۇ جىڭ ساخىتىلىق ... ، كىشىنى ئالداشتىنلا ئىبارەت خىيالى تۇيغۇ ... مۇئاش ئۆستۈرىلىدۇ ، يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش ئاپىراتلىرىنى تەسىس قىلىپ تۆۋەننى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا ئەمىلىيلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ، بولمىسا مۇمكىن ئەمەس ، پەقەتلا ئېغىزغا قۇرۇق شۈمەكنى سېلىپ قويۇپ بەزلەشتىن باشقا گەپ ئەمەس ... كەچۈرۈڭلار بەك جىق گەپ قىلىپ كەتتىم - ھە ! ...

Rank: 4

قىزغىنلىق
271 سەر
تىللا
279 دانە
تۆھپە
190 سەر
شۆھرەت
239 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 21:41:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ ، مائارىپتا مەن ئۈزۈمنى شەخسىيەتسىز

توغرا دەيسىز! جەمئىيەتتە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھەممىدىن يۇقىرى» دىيىشىدۇ. راست مائاشىمىزغۇ بۇرۇنقىدىن كۆپەيىدى ئەمما قاراپ باقسام بۇرۇنقىدە بەركەت قىلمايدۇ. ئامانەت قۇيۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاي ئوتتۇرىسى بولغىچە قىزىل رەقەم كۈرۈلىۋاتقان، ئاي ئاخىرى بولغىچە گەدەنگىچە قەرزگە پاتقان، ئۈنۈم مائاش دەپ خىزمەت ئورنىمىزدىن تۇتۇۋاتقان. ھەي!!!!!

Rank: 2

قىزغىنلىق
17 سەر
تىللا
21 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-24 18:37:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ ناھايىتى ياخشى گەپكەن ،بىراق قاچان ئەمىلىللىشەر

Rank: 2

قىزغىنلىق
30 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
29 سەر
شۆھرەت
32 سەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بىزنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭمۇ كۆرۇپ بېقىشنى بەكمۇئۈمىت قىلىمەن  ئەپسۇس ئۇلار ‹‹خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ››بىلەن ئالدىراشتە:'

Rank: 1

قىزغىنلىق
8 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
8 سەر
شۆھرەت
7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بولۇپــتۇ ھەرئادەم قلغان ئەمگىكىگە قارتا ھەق ھساپلانسا بەزىلەر ئشتاژنى ئۇنۋاننى پەش قىلدىغانلاركۆپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-30 17:11  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 03:31, Processed in 0.263178 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش