پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 44 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 144|ئىنكاس: 4

داڭلىق ئۇسۇلچى دىلنار ئابدۇللا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
5
قىزغىنلىق
57 سەر
تىللا
51 دانە
تۆھپە
32 سەر
شۆھرەت
44 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 19:28:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى دىلنار ئابدۇللا 1966 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1973 – يىلى 9 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. سەنئەتكار ئائىلىسىدە چوڭ بولغان دىلنار ئابدۇللا ، كىچىكىدىنلا سەنئەتكە تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتىلا سەنئەتكە چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتقان. شۇڭا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆزىدىكى تەبىئى سەنئەت تالانتىبىلەن 1978 – يىلى 9 – ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ چاغدا دىلنار ئەمدىلا 12 ياشتا ئىدى.

  دىلنار ئابدۇللا 1982 – يىلى 7 – ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەربىلەن تىنىمسىز ئىزدىنىپ ، شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقاباشلىغان ھەم ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ، خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. شۇنداقلائۇ ئۆزىنىڭ شوخ ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رەڭدار بەدئىي ئوبرازلانى يارىتىپ ، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ‹‹ ئۇستازغا ›› ، ‹‹ ئاتا ›› قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى ئارقىلىق خەلق قەلبىگە زوق بېغىشلىغان .

  دىلنار ئابدۇللا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان. 1985 – يىلى ئۇ شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن . شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ ئورۇنلىغانيالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل ‹‹ مۇز تاغدىكى ئوت ›› 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ 1995 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ ئەمگەك نەمۇنچىسى ›› بولۇپ مۇكاپاتلاندى ھەمدەمەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەڭ ئالى مۇكاپات ‹‹ مەدەنىيەت جەۋھىرى مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشتى . 1997 – يىلى ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق سەنئەتبايرىمىغا قاتنىشىپ، ‹‹ ئەڭ ئالى ئورۇنداش ›› مۇكاپاتىغا ، شۇ يىلى شاڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەنچوڭ تىپتىكى ئەدىبىيات – سەنئەت كىچىلىكىگە قاتنىشىپ ، ‹‹ ئالتۇن ›› مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1998 – يىلى ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلگەن 6 – نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياشناخشىچىلار مۇسابىقىسىدە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى›› مۇكاپاتىغا نائىل بولغان . يەنەشۇ يىلى 3 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ 8 – مارت قىزىل بايراقدارى ›› بولۇپ باھالانغان . 1999 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹ نەمۇنىچى شەخىس ›› بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 2001 – يىلى جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ تۆھپىكار سەنئەتكار مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن. 2001 – يىلى 4 – ئايدا چاۋشيەندە ئۆتكۈزۈلگەنچاۋشيەن خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا ئۇ ئورۇنلىغان‹‹ داۋانچىڭ قىزى ›› ناملىق يالغۇزكىشلىك ئۇسسۇل ‹‹ ئالتۇن ›› مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹شىنجاڭنى ئېچىش ۋە قۇرۇش مۇكاپاتى ››غا ، ‹‹ جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2004 – يىلى ‹‹ مەملىكەتلىك 1 – ماي ئەمگەك مېدالى ›› غا ئېرىشكەن .

  ئۇ ، ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچى ۋە ئۇسسۇل تەسىرچانلىقى ، شۇنداقلا سەھنىدىكى ئاجايىپ گۈزەل ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن مەركەز تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى تىيېيىڭ ، بۇ خې ، ئىسمائىل ئەھمەد ، ئافېي ئاۋاڭجىنمېي ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى ۋە يۇقىرى باھا بەردى.

  دىلنار ئابدۇللاھازىر شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىنبەھرىمان بولىدىغان خادىمى ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللەتلەرئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئيىتىنىڭ رەئىسى . ئۇ 2002 – يىلى ‹‹ جۈڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 چوڭ ياش ›› نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

  دىلنار ئابدۇللا كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە ئىگىلمەس ئىرادىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان سەھنە ئوبرازىنى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يېڭىچە ، سالاپەتلىك سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتى.



مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
204 سەر
تىللا
266 دانە
تۆھپە
168 سەر
شۆھرەت
36 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 14:56:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلنار ئابدۇللانىڭ قىزى






1.jpg


2.jpg


3.jpg


4.jpg

















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baykax1202 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-28 15:14  

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2449 سەر
تىللا
2416 دانە
تۆھپە
1880 سەر
شۆھرەت
2236 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 15:13:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دىلنار ئابدۇللانىڭ ئۇسۇلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ ئۆلگىسى بۇلۇشقا لايىق. ئەمما پەرزەت تەربىيەلەشمۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. بىز ئۆزىمىزگە ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە مەسئۇل بۇلىشىمىز كېرەك.
بايقاشنى قانداق قىلساق باشقىلار تىز بايقىيالايدۇ؟؟؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2125 سەر
تىللا
1868 دانە
تۆھپە
1602 سەر
شۆھرەت
1726 سەر

ئاتامانتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 22:07:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دىلنار ئابدۇللانىڭ قىزنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ نېمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
22 سەر
تىللا
38 دانە
تۆھپە
21 سەر
شۆھرەت
27 سەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىسىنىڭ چىرايىدا پەخىرلىنىش ئىپادىسى باركەن ،بىز ھىچنىمە دىمىسەكمۇ بۇلغۇدەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-10 07:35, Processed in 0.354284 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش