پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 2

يۈزى قېلىن ئوغرىلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
0
قىزغىنلىق
644 سەر
تىللا
562 دانە
تۆھپە
345 سەر
شۆھرەت
35 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 21:06:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈزى قېلىن ئوغرىلار
ئوبزور
1988 -يىلى ئەتىياز پەسلى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. بىر كۈنى تەنەپپۇس ۋاقتىدا ۋاسكېتبول مەيدانىنىڭ چېتىدىكى گار تۈۋىدە بىر كىتابنى تالىشىپ ئوقۇۋاتقان يۇقىرى يىللىقنىڭ بىر قانچە ئوقۇغۇچىسىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى شۇنچە قىزىقتۇرۇۋالغان كىتابنى كۆردۈم. ئۇ بالىلارنىڭ شۇ چاغدا كۆرۈۋاتقىنى « ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى » ناملىق چۆچەكلەر توپلىمىنىڭ 10 - قىسمىدىكى « توختى مەدىكار » ماۋزۇلۇق چۆچەك ئىكەن. چۆچەك مېنىمۇ قىزىقتۇرۇۋالدى. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كىتابنى ئوقۇش پۇرسىتى بولماي قالدى. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. كىتابقا قىيالماسلىق ئىچىدە كىتاب ئىسمىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇۋالغاندىن كېيىن سىنىپقا كىرىپ كەتتىم. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە ھېلىقى كىتابنى كۆرۈپ قالدىم ۋە قوشنىمىزغا دەپ ئۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ چىقىپ، يېرىم كۈن ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئۆزۈم شۇ كىتابتىكى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن پادىچى بالىلار بىلەن بىللە قوي بېقىۋاتقاندەك، شاھلارنىڭ چاھارباغلىرىدا سەيلى قىلىۋاتقاندەك، ئاجايىب - غارايىب دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا ئىدىم. قىسقىسى، قەلبىم ئاللىقانداق ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولغان ئىدى.
ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلانغان كىتابخۇمارلىق تا ھازىرغىچە مەندىن يىراقلاپ كەتمىدى. خۇشاللىق مىنۇتلاردىمۇ، ئازاب ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ كىتابتىن ئايرىلىپ باقمىدىم.
كىتاب بىلەن بىللە ياشاۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بۇيان قانچە پارچە كىتاب - ژۇرنال ئوقۇغىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن ھەم ئوقۇغان ھەر بىر پارچە ئەسەرنىڭ قەلبىمگە بەخش ئەتكەن ھۇزۇرىنى ئۇنتۇيالمايمەن.
بالىلىقىم بىلەن خوشلىشىپ يىگىتلىك دەۋرىمنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، ئۆزۈممۇ باشقىلارنى دوراپ ھېكايە - شېئىرلارنى يېزىپ گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردۇم. قەلبىمنىڭ پىنھان يەرلىرىدىكى ھېس - تۇيغۇلىرىم گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان چاغدىكى خۇشلۇقۇمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرىش مۈشكۈلدۇر. پەقەت يۈرىكىمنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز شادلىق ئىچىدە ئويناقلاپ سوققان چېغىدا ئاشۇ ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنى تالاي كېچىلەردىكى شېرىن ئۇيقۇمدىن ۋاز كېچىپ قانچىلىك تەسلىكتە يېزىپ چىققانلىقىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە.
ئۆزۈم بىر نەرسە يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكىنى ئاز - تولا تېتىپ باققاچقا، بۇ كوچىدىكى ئوغرىلىققا ھەيران قالاتتىم ۋە شۇنداق ئوغرىلارغا نەپرەت ئوقۇيتتىم. يېقىندا كەينى - كەينىدىن ئوغرىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە شېئىر بىلەن بىر پارچە ھېكايىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.

مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش

كېرىمجان سۇلايمان
  
بىلمەيمەن، قانداقچە كىردىڭ قەلبىمگە،
بىلمەيمەن، كەتتىڭ ھەم قانداقچە ئۇزاپ.
بىلمەيمەن، يەتتىڭمۇ مېنىڭ قەدرىمگە،
بىلمەيمەن، ۋە ياكى بەردىڭمۇ ئازاب.

بىلمەيمەن، ئىشقىمنى قىلدىممۇ ئىزھار،
بىلمەيمەن، قانداقچە بولىدۇ سۆيۈش.
بىلمەيمەن، ھەممىنى بىلمەيمەن زىنھار،
مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش.

« تارىم » ژۇرنىلى 1989 - يىللىق 10 - ساندىن ئېلىندى.

ئۇنتۇلغان چۈش
  

گۈلشەن ئەبەيدۇللا

بىلمەيمەن، قانداقچە كىردىڭ قەلبىمگە،
بىلمەيمەن، كەتتىڭ ھەم قانداقچە ئۇزاپ.
بىلمەيمەن، يەتتىڭمۇ مېنىڭ قەدرىمگە،
بىلمەيمەن، ۋە ياكى بەردىڭمۇ ئازاب.

بىلمەيمەن، كۆردۈممۇ شادلىق سېنىڭدىن،
بىلمەيمەن، قانداقچە بولىدۇ سۆيۈش.
بىلمەيمەن، ھەممىنى بىلمەيمەن زىنھار،
مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش.


« شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلى 1997 - يىللىق 6 - سانىدىن ئېلىندى.


گۈلشەن ئەبەيدۇللا ئىسىملىك بۇ « شائىرە » كېرىمجان سۇلايماننىڭ « مەن ئۈچۈن سەن ئەمدى ئۇنتۇلغان بىر چۈش » ماۋزۇلۇق شېئىرىنىڭ ماۋزۇسىنى قىسقارتقان ۋە شېئىرنىڭ 2 - كۇپلېتىنىڭ 1 - مىسراسىنى ئۆزگەرتكەندىن باشقا يېرىگە چېقىلماي، ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال « شىنجاڭ ياشلىرى » دا ئېلان قىلدۇرغان.


2

سۆيەلمىگەن قىزغا بەخت تىلەش

كامىلجان ھەسەن

چۆللەر مېنىڭ، بوستان سېنىڭ بولسىكەن،
ئەفغان مېنىڭ، خەندان سېنىڭ بولسىكەن.
بىر كېچىدە بولۇپ قالساق بىر جۈپ قۇش،
قەپەس مېنىڭ، ئاسمان سېنىڭ بولسىكەن.
ياماشقاندا ئەڭ خەتەرلىك داۋانغا،
پەيمان مېنىڭ، دەرمان سېنىڭ بولسىكەن.
ھالقىپ ئۆتسەك چېگرىسىدىن كۆڭۈلنىڭ،
سوغۇق مېنىڭ، گۈلخان سېنىڭ بولسىكەن.
مەن تىلەيمەن يەنە شۇنداق ئارماندا،
جەڭگاھ مېنىڭ، ئايۋان سېنىڭ بولسىكەن.

« تارىم » ژۇرنىلى 1999 - يىللىق 9 - سانىدىن ئېلىندى.

سۆيەلمىگەن قىزغا بەخت تىلەش

مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال

ئاچچىق مېنىڭ، تاتلىق سېنىڭ بولسىكەن،
ئازاب مېنىڭ، شادلىق سېنىڭ بولسىكەن.
تەڭرى مېنىڭ تىلىكىمگە يەتكۈزسە،
كېسەل مېنىڭ، ساقلىق سېنىڭ بولسىكەن.
نەس باسقاندا ئىككىمىزنىڭ بىرىنى،
قارا مېنىڭ، ئاقلىق سېنىڭ بولسىكەن.
رىسقىم ئۈچۈن ئۇرۇق چاچسام باھاردا،
سامان مېنىڭ، ئاشلىق سېنىڭ بولسىكەن.
ئەجەل كەلسە ئىككىمىزنىڭ بىرىگە،
ئۆلۈم مېنىڭ، ياشلىق سېنىڭ بولسىكەن.

« قەشقەر ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىنىڭ 2001 - يىللىق 4 - سانىدىن ئېلىندى.
« كروران » ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 5 - 6 - قوشما سانىدىن ئېلىندى.


كامىلجان ھەسەن قەلىمىدىكى شېئىر 11 بۇغۇملۇق، 10 مىسرالىق شېئىر بولۇپ ( بولسىكەن ) رادىفتا يېزىلغان. مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال قەلىمىدىكى شېئىرمۇ 11 بۇغۇملۇق، 10 مىسرالىق شېئىر بولۇپ ئۇمۇ ئوخشاشلا ( بولسىكەن ) رادىفتا يېزىلغان ( ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈلگەن ).
مۇھەممەتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان ھەم « مۇھەببەت دەرياسى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان شائىر تۇرۇپ بۇ شېئىرنى نېمىشقا ئۆزگەرتىپ كۆچۈرگەندۇ؟ شېئىر يا ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىۋالاي دەيدىغان ئىلمىي ماقالە بولمىسا؟
يېزىچىلىقنىڭ دەرد - ئازابلىق دەقىقىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان مۇشۇنداق بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكتەك پەسكەش ئىشنى قىلىشى نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ ئەگەر مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال كامىلجان ھەسەن قەلىمىدىكى ئەسلى شېئىرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ خاتىرىسىگە كۆچۈرۈۋالغان بولسا شېئىر ئۆزگەرمەس ئىدى. ياكى بولمىسا تەقلىد قىلىپ يېزىپ باققان بولسا ئىزاھات بېرەر بولغىيتتى. ئەمما؟
...
كىتابخانلارغا مەلۇمكى، ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر ئوقۇرمەنگە مەنىۋىي ئۇزۇق، بەدىئىي زوق ۋە ئىستېتىك لەززەت بېغىشلايدۇ. خۇشبۇي ھىدقا تۇيۇنغان بىر دەستە گۈلدەك روھىي ئازادىلىك ئاتا قىلالايدۇ. تەپەككۇر قۇشىنى روھىيەت بوشلۇقلىرىدا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرالايدۇ.
كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ شېئىرغا ئاشىق ئىدىم. گېزىت - ژۇرناللاردىكى شېئىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ چىقاتتىم. كىتابخانىغا كىرسەممۇ ئاۋۋال شېئىرلار توپلاملىرىنى كۆرەتتىم ۋە سېتىۋېلىپ ئوقۇيتتىم. روھىيىتىمدىكى قانداقتۇر بىر سىقىلىش، قاغجىراش پەقەت شېئىر ئوقۇش ئارقىلىقلا ئارام تاپاتتى. گەرچە ئۆزۈم تۈزۈك شېئىر يازالمىساممۇ يۈرىكىمدە شېئىرغا نىسبەتەن بىر ئوت گۆرۈلدەپ كۆيەتتى. شېئىرنى ھۆرمەت قىلاتتىم. قەدىرلەيتتىم. ئەتىۋارلاپ ساقلايتتىم. شۇڭىمۇ شېئىرغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىم سەۋەبلىك بۇ ئىككى شېئىر ئوغرىسىنى ئۇچرىتىپ غەزىپىم تېشىپ، چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كەتتى.
ئاقىۋەت گۈلشەن ئەبەيدۇللا ئىسىملىك بۇ كۆچۈرمىكەشنى، ۋە ئۆزى شائىر تۇرۇپ شېئىردەك سۆيۈملۈك سەنئەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال ئىسىملىك بۇ « شائىر » نى قەلبىمدىكى لەنەت تۆۋرۈكىگە مىخلىۋەتتىم.


3


بۇنىڭدىن يەتتە يىل مۇقەددەم تەشنالىق بىلەن كۈتكەن « تۇرپان » ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 4 - سانىنى قولۇمغا ئېلىپ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. مەزكۇر سان ژۇرنالنىڭ 70 - بېتىگە بېسىلغان ئەسقەر ئوسمان ئاپتورلۇقىدىكى « ئىشتانسىز قالغان ئايال » ماۋزۇلۇق ھېكايىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم - يۇ، كەينىدىنلا ئالدانغاندەك بىر تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. چۈنكى بۇ ھېكايىنى بۇرۇن باشقا بىر ژۇرنالدا ئوقۇغاندەكلا ئېسىمدە بار ئىدى. شۇ ھامان ئۆيۈمدىكى بارلىق ژۇرناللارنى ئاختۇرۇپ چىقتىم. ئەمما بۇ كۆچۈرۈلمە ھېكايىنىڭ ئەسكلى نۇسخىسىنى تاپالمىدىم. ئەسقەر ئوسماننىڭ بۇ قىلمىشىغا قولۇمدا كۆرسەتكۈدەك نەق پاكىت بولمىغاچقا سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا توغرا كەلدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ مانا بۈگۈن « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 4 - سانى تۇيۇقسىز قولۇمغا چىقىپ قالدى. ژۇرنالدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېتىپ ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ « كۆيۈك ئاپتاپ » ماۋزۇلۇق ھېكايىسىنى ئوقۇدۇم. تۇرۇپلا ئەسقەر ئوسماننىڭ « تۇرپان » ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 4 - سانىدىكى « ئىشتانسىز قالغان ئايال » ماۋزۇلۇق ھېكايىسى ئېسىمگە كىلىپ، ئۇ ژۇرنالنى تېپىپ، ئىككى ھېكايىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ، بىرمۇ - بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.
« تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 4 - سانىدىكى ياسىنجان سادىق چوغلان ئاپتورلىقىدا ئېلان قىلىنغان « كۆيۈك ئاپتاپ » ماۋزۇلۇق ھېكايىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ئايتۇراخان ئىسىملىك چىرايلىق بىر چوكان ئاتا - ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ بىر پىخسىق بايغا ياتلىق بولىدۇ. باي ئايتۇراخانغا بىر كۆينەكلىك رەخت ئېلىپ بىرىشكىمۇ چىدىمايدىغان، ھەر ۋاقىت تاپقان پۇلىنى پوكىنىغا بېسىپ ياتىدىغان ئادەم بولۇپ، ئايتۇراخان بۇ پىخسىق ئېرىدىن نەچچە قېتىم ئاجرىشىپ كېتىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بىرەر يېقىن ئۇرۇق - تۇغقىنىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك ئېرى بىلەن ئامالسىز ئۆي تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بىر بازار كۈنى ئايتۇراخان ئېرى بىلەن ئۆيىدىكى بۇقىنى سېتىش ئۈچۈن بازارغا بارىدۇ. ئۇلار بۇقىنى 650 يۈەنگە سېتىپ بولۇپ، ئايتۇراخان بىلەن ئىككىسى بىر قاچىدىن لەڭپۇڭ ۋە بىر تالدىن گىردە بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن، ئېرى 100 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، قالغان 550 يۈەن پۇلنى ئايتۇراخانغا تۇتقۇزۇپ، ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ بازارغا كىرىپ كىتىدۇ. دەل شۇ چاغدا بۇقىنى سېتىش جەريانىدا ئايتۇراخانغا تىكىلىپ قاراپ كەتكەن 30 ياشلار چامىسىدىكى چېقىر كۆز يىگىت ئايتۇراخاننى شېرىن - شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، ئۇنىڭغا 100 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئايتۇراخانغا بىللە بولۇشنى ئېيتىدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئايتۇراخان چېقىر كۆزنىڭ تاتلىق سۆيۈشلىرىدىن مەست بولىدۇ ھەم 100 يۈەن پۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى ھەم شۇ پۇل بىلەن مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك بىر كۆڭلەكلىك رەخت ئېلىشنى ئويلاپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ...
ئايتۇراخان ئېسىگە كەلگەندە چېقىر كۆز يىگىت ھېچيەردە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ چۆچۈپ يانچۇقىنى ئاختۇرغاندا ھەممە پۇلى ساق چىقىدۇ.      
« تۇرپان » ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 4 - سانىدا ئەسقەر ئوسمان ئاپتورلىقىدا ئېلان قىلىنغان « ئىشتانسىز قالغان ئايال » ماۋزۇلۇق ھېكايىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ھاۋاخان ئىسىملىك چوكاننىڭ قېينىئاتىسى ئاغرىپ قېلىپ 3 - كۈنى ھاۋاخاننىڭ ئېرى دادىسىنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ. دوختۇرلار 500 يۈەن ئۆتكۈزۈشنى ئېيتقاچقا، ھاۋاخان ئەر - خوتۇن پۇل تاپالماي ئۆيىدىكى كالىسىنى بازارغا ئاپىرىپ 1600 يۈەنگە ساتىدۇ. ئېرى 100 يۈەن پۇلنى ئېلىپ قېلىپ 1500 يۈەن پۇلنى ئايالىغا بېرىدۇ. ھاۋاخان پۇلنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ياقا ئىلغۇچ بىلەن پۇختا ئىتىۋالىدۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئۇلاغ بازىرى ئالدىدىن بىر قاچىدىن لەڭمەن يەپ بولۇپ، يەتتە ياشلىق بالىسىغا تاتلىق - تۈرۈم ئالماقچى بولۇپ ماڭغاندا ھاۋاخاننىڭ تەرىتى قىستاپ كېتىپ، ئۇلاغ بازىرى كەينىدىكى جىگدىلىككە كىرىپ ھاجەت قىلىپ، قايتىش ئۈچۈن ماڭغاندا ئۇلاغ بازىرىدا ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ كەتكەن ھېلىقى يىگىت كىلىپ ھاۋاخاننى ئالداپ، 100 يۈەن ساختا پۇلنى بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ...
يىگىت ئىشنى تۈگىتىپ ھاۋاخاننىڭ ئىشتىنىنى ئېلىپ ماڭىدۇ. ھاۋاخان ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىتنى قوغلايدۇ. ئۇ يىگىتنى قوغلاپ مېڭىپ ئېرى بار يەرگە كىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئېرىگە پۇلنى بۇلاڭچى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىرلىكتە ئوغرىنى قوغلايدۇ ۋە جىگدىلىكنىڭ بىر چېتىدە ھاۋاخاننىڭ جىگدە شېخىغا ئېسىپ قويۇلغان قىزىل تاۋار ئىشتىنىغا يولۇقىدۇ. ھاۋاخان بېرىپ ئىشتاننى قولىغا ئېلىپ يانچۇقىنى ئاختۇرىدۇ. ئېرى شۇ ھامان بىر ئىشنى سېزىپ قېلىپ كەكە سېپىدەك جىگدە ياغىچىنى ئۇشتۇپ ئېلىپ ھاۋاخاننى ئۇرىدۇ. ھاۋاخان ئېرىگە راست ئىشنى دەيدۇ. ئېرى ئاچچىقىدا ھاۋاخاننى تالاق قىلىۋېتىپ كېتىدۇ. ھاۋاخان ئېرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يالۋۇرىدۇ. ئېرى كېتىۋېرىدۇ...
ئەسقەر ئوسمان ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ « كۆيۈك ئاپتاپ » ماۋزۇلۇق ھېكايىسىنى كۆچۈرۈش جەريانىدا ئايتۇراخان دېگەن ئىسىمنى ھاۋاخانغا، بۇقىنى كالىغا، 650 يۈەننى 1600 يۈەنگە، قۇرۇق تۆت تامنى جىگدىلىككە ئۆزگەرتكەندىن باشقا، « كۆيۈك ئاپتاپ » ناملىق ھېكايىدە چېقىر كۆز يىگىت كىتىپ قالغاندىن كېيىن تۆت تام ئىچىدە خىيال سۈرۈپ قالغان ئايتۇراخاننى « ئىشتانسىز قالغان ئايال » ماۋزۇلۇق ھېكايىدە ئېرىدىن ئاجراشتۇرىدۇ. « كۆيۈك ئاپتاپ » ماۋزۇلۇق ھېكايىدىكى چېقىر كۆز يىگىتنى « ئىشتانسىز قالغان ئايال » ماۋزۇلۇق ھېكايىدە بۇلاڭچىغا ئۆزگەرتىپ، باشقىلارنىڭ مىڭ تەستە يېزىپ چىققان ئەسىرىنىڭ ئۇ يەر - بۇيەرلىرىگە ئازراق گىرىم قىلىپلا قىلچىلىك تەپتارتماستىن « تۇرپان » دەك پاكىز چىقىۋاتقان بىر ژۇرنال بېتىنى بۇلغاشقا پېتىنغان.
...
قەلەمكەشلەرگە مەلۇمكى، بىر پارچە ئەسەرنى ئاپتور بىر مۇنچە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئاندىن يېزىپ چىقىدۇ. ھەر قانداق بىر پارچە ئەسەر شۇ ئەسەر ئاپتورىنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىغا ئوخشايدۇ. ئۆزىنىڭ مىڭ تەستە يېزىپ پۈتتۈرگەن ھەر قانداق بىر پارچە ئەسىرىنى باشقىلارنىڭ نامىدا، يەنە كىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ھالەتتە كۆرۈش ھېچقانداق بىر ئاپتورغا ئاسان چۈشمەيدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئوغرىلىق قىلغۇچىغا نىسبەتەن بىرىلىدىغان قانۇنىي جازانىڭ ئۆلچىمى ئېنىق بېكىتىلگەن ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى ئۆز جىنايىتىگە لايىق ھالدا جازاغا تارتىلىپ كەلگەن. ئەمما ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تېخى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىغا تولۇق سىڭىپ كىرمىگەچكە ھەم كىرگەن ھالەتتىمۇ كېرىمجان سۇلايمان، كامىلجان ھەسەن ۋە ياسىنجان سادىق چوغلاندەك كەڭ قورساقلىق قىلىپ ئوغرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەچكە، گۈلشەن ئەبەيدۇللا، مۇھەممەتتۇرسۇن يۈسۈپ نىھال ۋە ئەسقەر ئوسماندەك ئوغرىلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان سۆيۈملۈك ژۇرناللىرىمىز بېتىنى پېتىقداپ يۈرۈشكەن.
نۆۋىتى كەلگەندە ئوغرىلىق قىلىش ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئوغرىلارغا ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلەش خۇددى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالغان بىلەن باراۋاردۇر. شۇنداقتىمۇ باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بىرىش ھەر ھالدا توغرا دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كوچىغا كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بىلەن ئىش كۆرۈشىنى، كىشىلەرنىڭ روھىغا مەنىۋىي ئۇزۇق بېغىشلايدىغان ئەدەبىياتقا ھاقارەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!


بۇ ئەسەر « ئاقسۇ ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 1 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.
مەنبە: باغداش تورى

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2839 سەر
تىللا
2940 دانە
تۆھپە
2171 سەر
شۆھرەت
2594 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-26 16:38:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن. لېكىن تىمىنى ئايىرىپ يېزىشنى ئۇنۇتماڭ.....
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!

Rank: 4

قىزغىنلىق
206 سەر
تىللا
319 دانە
تۆھپە
404 سەر
شۆھرەت
3 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 10:30:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا  ياخشى ئەسەركەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 02:22, Processed in 0.262473 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش