پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 44 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 2

ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
13
قىزغىنلىق
133 سەر
تىللا
74 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
109 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 13:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا: « يېمەكلىكنى قالايمىقان يەپ قويسىمۇ، گەپنى قالايمىقان دەپ قويماسلىق كېرەك» دەيدىغان سۆزلەر بار، ئەگەر يېمەكلىكنى خاتا ياكى قالايمىقان يەپ قويسا ئازراق دورا يېسە ياكى دوختۇرغا بارسا بولىدۇ، لېكىن گەپنى خاتا ياكى قالايمىقان دەپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، بۇنداق بولغاندا يۈز-ئابرۇي بىراقلا يەربىلەن يەكسان بولىشى ھەتتا بەزىدە ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان مۇنداق ئالتە جۈملە سۆز بار.
— مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرۇشى پەقەت خانىم-قىزلارغىلا تۈگىمەس قايغۇ ھەسرەت ئېلىپ كەلمەستىن، ئەرلەرگىمۇ ئېغىر دەرد ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ. بەزى خانىم - قىزلار ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭ ئازابلانغان، قايغۇرغان ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ئەرلەرمۇ « يۈرىكىم يىغلايدۇ » دەپ قويىدۇ. نۇرغۇنلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياكى مۇھەببەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ناھايىتى سەت گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لېكىن ھەر قانداق گەپنى ئېغىزىمدىن چىقتى دەپ دەۋەرسە بولامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ قالماڭ، بولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەرمۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ.
1-جۈملە : سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ئادەملەرنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان، بۈگۈنكى كۈندە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز مودا قوغلىشىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى ئارتۇقچە ماددىي نەرسىلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالماي قېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قالدۇرۇلۇشقا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، ھەمراھىدىن ئاغرىنىپ « سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ باشقىلارغا بىر قاراپ باقساڭچۇ» دەپ سۆزلەپ قويىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار. ئەگەر بۇ گەپنى دەپ قويسىڭىز ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىز سەزمىگەندەك قىلغان بىلەن  ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، غۇرۇرى دەخلى-تەرىزگە ئۇچىرايدۇ.
2-جۈملە : سېنى تاللىغىنىم گۈلنى تېزەككە سانجىغاندەك ئىش بوپتۇ.بەلكىم بۇ جۈملە ئەرلەر ئۈچۈن بەك چوڭ ھاقارەت بولۇشى مۇمكىن، سىزنى بىرى سەن بىر ئەرزىمەس نەرسىكەنسەن دىسە ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ؟ غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولامسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى چىرايلىق گۈل دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ رەنجىتكەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى ھازىر مۇنداق بىر ئېغىز گەپ مودا : « گۈللەرئوغۇت بىلەن قۇۋۋەت تېپىپ تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ .»
3-جۈملە : سەن ئەر كىشى ئەمەسكەنسەن«سەن ئەر كىشى ئەمەس» دېيىش بىلەن « سەن ئايال كىشى ئەمەس» دېيىش تەڭ دەرىجىدە، ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرىگە تولغان. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ بۇ گەپنى قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەركىشى بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟ سىز شۇنداق ئەر كىشى ئەمەس بىر نېمە بىلەن توي قىلغان ياكى ئارىلاشقانما؟ ئەگەر مۇنداق دېگىنىڭىزنى باشقىلار ئاڭلاپ قالسا ئەركىشى ئەمەس ئۆزىڭىزلا مەسخىرىگە قالىسىز، باشقىلار سىزنى ئەركەكلەردەك ئەرنى تاپالماي، شۇنچىلىك ئادەم تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
4-جۈملە : ئاپاڭ ياكى داداڭ ئادەم ئەمەسكەنقېينانا -كېلىن مۇناسىۋىتىنى ئەر-ئايال نىكاھىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى دىيىشىكە بولىدۇ. ئەگەر سىز قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇنى ياخشى كۈتەلىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم، ئازادە ئۆتىدۇ. ئەكسىچە بولسا بەلكىم ئۇزاققا بارالمايسىلەر ياكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرايسىز. مۇشۇنداق مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغاندا، قېينانا تەرەپتىن خاتالىق ئۆتكەندە، سىز ئالدىراپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي جۈپتىڭىزنىڭ ئاپىسىنى شۇنداق سەتلەپ سالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايلا بىرەر تەستەك ياكى بىرەر شاپىلاق يەپ كېتىسىز، چۈنكى ئاجراشسا يەنە توي قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.
5-جۈملە : سەن ھېچ نەرسە ئەمەسسىزنىڭ ھەرقانچە كارامىتىڭىز، ياخشى خىزمىتىڭىز، باي ۋە قولى ئوچۇق ئاتا-ئانىڭىز… بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز «ھېچنېمىنىڭ» بىرنېمىسى بولۇپ قالمامسىز. ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى كۈچلۈك ئەرلەر سىزدىن ئۆچ ئېلىشى، سىزنى چەكسىز ئازابلارغا مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن.
6-جۈملە : سەن بىلەن بىرگە ياشىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش.مۇھەببەت ياكى نىكاھنى ئىككىڭلار ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن تاللىغان، ھېچكىم سىلەرنى مەجبۇرلىمىغان تۇرسا. ئەگەر سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭۈل قالمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ھەرقانداق مەقسەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە ئۆتىشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ دەپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق، چۈنكى ئەرلەر مۇنداق چاقچاقنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئىش. ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-25 13:34  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2125 سەر
تىللا
1868 دانە
تۆھپە
1602 سەر
شۆھرەت
1726 سەر

ئاتامانتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 21:57:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن !ئاياللار چۇقۇم بىر كۆرسە بولغۇدەك جۇمۇ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
22 سەر
تىللا
38 دانە
تۆھپە
21 سەر
شۆھرەت
27 سەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمەلىي گەپلەرگەن تىمىسىنى ئازراق تەھرىرلىۋەتسە بۇلامدۇ نىمە دەپ قالدىم    ئەرلەرگە دىگەننى ئەرلىرىگە  دەپ ئۆزگەرتسە ئەڭ مۇۋاپىقمۇ قانداق؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-10 16:46, Processed in 0.248913 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش