پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 44 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 38|ئىنكاس: 3

تاماكىنىڭ زىيىنى گېنغىمۇ سىڭىپ كىرىدىكەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
23
قىزغىنلىق
513 سەر
تىللا
428 دانە
تۆھپە
351 سەر
شۆھرەت
426 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 00:37:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاماكىنىڭ زىيىنى گېنغىمۇ سىڭىپ كىرىدىكەن



تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بەدىنى تاماكا تاشلاپ ئون يىلدىن كېيىنمۇ تاماكا كەلتۈرگەن زىيانغا داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكى ۋە ئۆپكە يەللىك ئىششىقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يەنىلا يۇقىرى بولىدىكەن. كانادادىكى ئەنگلىيەگە قاراشلىق كولومبىيە راك كېسەللىرى تەتقىقات مەركىزىدىكى راك كېسىلى مۇتەخەسسىسى رېگ چارلىز قاتارلىقلار گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى باھالاش تەتقىقاتىنى ئىشلىگەن. ئۇلار ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغان تۆت ئادەم ۋە تاماكا چېكىۋاتقان سەككىز ئادەم بىلەن ئىلگىرى تاماكا چەككەن 12 ئادەمنىڭ نەپەس يولىدىن ئېلىنغان توقۇلما ھۈجەيرىسىنى ئانالىز قىلغان. ئىلگىرى تاماكا چەككەن 12 ئادەمنىڭ 32 يىللىق تاماكا چېكىش تارىخى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلىغىنىغا بىر يىل بولغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن ئىلگىرى تاماكا چەككەنلەرنىڭ بەزى ئۆزگەرگەن گېنلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئوخشاش بولغان، ئەمما 124 گېننىڭ ئىپادىلىنىشى يەنىلا نورمال سەۋىيەگە يەتمىگەن. بۇ گېنلاردىن ھاسىل بولغان بىر قانچە خىل پروتېئىن ئۆپكە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن: ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش دەۋريىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە تۈرلۈك گېننىڭ، ئىلگىرى تاماكا چەككۈچىلەر ۋە ھازىر تاماكا چېكىۋاتقانلاردىكى ئىپادىلىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان، ۋاھالەنكى، بۇنداق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يەللىكى ۋە ئۆپكە يەللىك ئىششىقى ئاغرىقلىرىدىكى نەپەس يولى ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ماس كېلىدىكەن.
چارلىزنىڭ قارىشىچە، تاماكا تاشلاش گەرچە كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق خەۋپ ئۈزۈل-كېسىل تۈگەپ كەتمەيدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا، ئىلگىرى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر دەرىجىدە تاماكا چەككۈچىلەر بولۇپ، 30 نەچچە يىللىق تاماكا چېكىش جەريانىدا ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ بىر قاپ تاماكىنى چېكىپ بولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يەللىكى ۋە ئۆپكە يەللىك ئىششىقىنىڭ ئالامەتلىرى بايقالغان. ۋاھالەنكى، گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشى − ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە: جوڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2125 سەر
تىللا
1868 دانە
تۆھپە
1602 سەر
شۆھرەت
1726 سەر

ئاتامانتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 10:24:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ ئېغىزىمۇ ،تىنىقىمۇ بىر خىل پۇرايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ !خۇددى دۇختۇرخانا باشقىچە پۇرىغاندەك !ئەسلىدە گېنغىمۇ ئۆتۈپ كېتىدىكەن دە!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
513 سەر
تىللا
428 دانە
تۆھپە
351 سەر
شۆھرەت
426 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 14:54:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاماكا چەككەنلەرگە بەك ئۆچ.. ھەيرانمەن نىمىشقا چىكىدىغاندۇ ئاشۇ تۈتۈننى؟؟
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
513 سەر
تىللا
428 دانە
تۆھپە
351 سەر
شۆھرەت
426 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 14:54:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاماكا چەككەنلەرگە بەك ئۆچ.. ھەيرانمەن نىمىشقا چىكىدىغاندۇ ئاشۇ تۈتۈننى؟؟
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-10 17:48, Processed in 0.240076 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش