پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 92 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 32|ئىنكاس: 0

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
37
قىزغىنلىق
647 سەر
تىللا
534 دانە
تۆھپە
461 سەر
شۆھرەت
531 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 00:35:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى



ئوقۇتقۇچىلار ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي خادىملاردۇر. ئۇلار ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئادەم تەربىيەلەش، كەلگۈسى ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش، مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى«دا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيىتى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەنگەن:
ئوقۇتقۇچىلار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلار:
(1) تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇش؛
(2) ئىلمىي تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، كەسپىي، ئىلمىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، ئىلمىي پائالىيەتلەردە پىكىر بايان قىلىش؛
(3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش؛
(4) ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ ئارام ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛
(5) مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇش - ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش.
ئوقۇتقۇچىلارتۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1) ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش؛
(2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛
(3) ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پىرىنسىپ تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قانۇن - تۈزۈم تەربىيەسى ۋە ئىدىيە - ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا تەربىيەسى بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش؛
(4) ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشلىك قەدىر - قىممىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاق-پەزىلەت، زېھنىي كۈچ، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
(5) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛
(6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيە ئېڭىنى ۋە تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-1 13:05, Processed in 0.235861 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش