ھىندىستان بۇ يىل ياپونىيەدىن ئېشىپ دۇنيادىكى 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولىدۇ
ھىندىستان «ئىقتىساد» گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 20-سېنتەبىر خەۋىرى رۇپىيەنى سېتىۋېلىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھېسابلاپ چىقىلغان GDP غا قارىغاندا، 2011-يىلى ھىندىستان ياپونىيەدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالىدىكەن. ھىندىستان ھازىر ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە ياپونىيەدىن قالسا 4-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇۋاتىدۇ. 2010-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادى 4 تىرىليون 310 مىليارد دوللار، ئۇنىڭدىن قالسا ھىندىستان بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادى 4 تىرىليون 60 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. ياپونىيەدە 3-ئايدا يەر تەۋرەپ دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ياپونىيە ئىقتىسادى ئازلاپ كېتىدۇ، دەپ قارىدى، ھالبۇكى ھىندىستان ئىقتىسادى مۇشۇ مالىيە يىلىدا 7%-%8 ئۆرلىدى. CRISIL باھالاش ئورگىنىنىڭ تەتقىقات مەسئۇلى، ئالىي ئىقتىسادشۇناس سۇنىل سىنخا: سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى باھالاشقا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، 2011-يىلى ھىندىستان ئىقتىسادى ياپونىيە ئىقتىسادىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەر سانىدىن قارىغاندا، 2011-يىلى ھىندىستان بىلەن ياپونىيە بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان بولسىمۇ، ياپونىيەدە تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەنلىكتىن ھىندىستان ئىقتىسادى مۇددەتتىن بۇرۇن ياپونىيە ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتتى. سىنخا: يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بەرمىگەن بولسا، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ياپونىيە ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى، دېدى. |