ھەقىقى دوستلۇق قانداق بولىدۇ ؟
ھەقىقى دوستلۇققا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس ، ھەقىقى دوستلۇق ئىككى تەرەپنىڭ چىن يۈرەكتىن ئاسرىشىغا ۋە ئۇزۇن مۇددەت تاۋلىشىغا مۇھتاجدۇر ، بۇ دوستلۇق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ قالمايدۇ . لېكىن بەزى بىر خىل دوستلۇقلار يۈزەكى ئارلىشىش بىلەنلا چەكىلىنىدۇ ، بۇنداق دوستلۇق بىردەم قىزىپ بىردەم سوۋۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ساڭا دوستۇڭمۇ بىر دەم يېقىنلىشىپ ،بىردەم يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن .ئەمما سىز بۇ دوستلۇقنى ھەقىقى دوستلۇق دەپ چۈشەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇ سىزدىن بىراقلا يىراقلاشسا ،ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ چىن دوسلۇقتەك تەسىر بەرگەن كۈنلىرىڭىزنى ، ۋاقىتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەنلىك دەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئەقىدىڭىزگە پۇشايمەن يىمەي تۇرالمايدىكەنسىز . ھەم شۇ ۋاقىتتىلا باشقىلارنى ئاسانلىقچە ھەقىقى دوستۇم دەپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدىكەنسىز . ئەمما بىلىپ قويۇڭ ، بۇ كۈنلەرگە پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ھەرگىز ئۆكۈنمەڭ چۈنكى ئاشۇ ساختا دوستلۇق سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات يولىڭىزنى قانداق بېسىشىڭىز كېرەكلىكىنى ، دوستنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىڭىزنى ھە ردائىم ئېسىڭىزگە سېلىپ سىزنى بۇندىن كېيىن بۇنداق ئازاپلارغا دۇچار قىلمايدۇ. مانا بۇ ھايات ، مانا بۇ سىناق ، مانا بۇ ئەينەك ، مانا بۇ تۇرمۇش . دىمەك ھايات مۇساپىڭىزدىكى چىن دوستىڭىزنى تېپىڭ ھەم ئۇنى قەدىرلەڭ . ھەرگىزمۇ ساختا دوستلۇق ئورناتماڭ ، چۈنكى ھەقىقى دوستنى سېتىۋالغىلى ،ساتقىلى ھەم پايدىلانغىلىمۇ بولمايدۇ . دوست دىگەن ھەمكارلىقنىڭ بىرلىكىدۇر . دوستىغا ساتقىنلىق قىلغان ئادەم ھامان بىر كۈنى ئۆزىگىمۇ ساتقىنلىق قىلىدۇ ، شۇڭا بىراۋنى دوست تۇتقىڭىز كەلمىسە تۇتمايلا قويۇڭ ، بولمىسا ئاقىۋەتتە ئۇنى ھەم ئۆزىڭىزنى ئازاپلايسىز !!! بۇرۇندىن تارتىپ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ھەم ئەدىپلىرىمىز چىن دوستلۇق قەدىرلەش توغرۇلۇق ئېسىل دۇردانىلار قالدۇرغان ئۇنداق بولسا بۇ ئۈنچىلەردىن ھۆزۇرلىنىڭ . دوستلۇق ھەقىقەتەن ئەڭ مۇقەددەس نەرسىدۇر ، ئۇ قەدىرلەشكىلا ئەمەس ، مەڭگۈ مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ . ئۇ - مەردلىك بىلەن شان - شەرەپنىڭ ئەڭ دانا ئانىسى ، تەشەككۈر بىلەن مېھرىبانلىقنىڭ ھەمشىرىسى ، نەپرەت بىلەن ئاچكۆزلۈكنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ،ئۇ باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ . يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭ تەلىپى بىلەن ئەمەس . پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شۇنداق قىلىدۇ . بوككاچچىئو

دوستلارنىڭ ئۆز ئارا مۇھەبىتى بىر تۈرلۈك ئاشىقلىقتۇر ، ئۆزۈڭگە بىر كىشىنى دوست تۇتۇشنى ئىزدىسەڭ شۇنداق كىشىنى دوست تۇتقىنكى ، ساڭا ھەر زامان خەيرىخاھ بولسۇن ، ياخشىلىق قىلسۇن، مۇنداق كىشىگە دوستلۇق قىلساڭ بولىدۇ . قابۇس قېرىنداشلىق بىلەن دوستلۇق ئىككىسى ئوخشاشتۇر . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەقىقى سىرداش دوستتىن باشقا ھېچقانداق دورا يۈرەككە تەسىر قىلالمايدۇ . بىكون |