بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-5 17:44
قىزىقارلىق مۇھەببەت قانۇنىيەتلىرى

ئاشىقلىق قانۇنىيىتى: ئەر ئايالنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى بولۇپ قېلىشىنى ئويلايدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئاخىرقى مۇھەببىتى بولۇپ قېلىشىنى ئويلايدۇ.
مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قېلىش قانۇنىيىتى: قىزنىڭ چىرايلىق بولۇشى، يىگىتنىڭ تېزلىكتە مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ سەۋەپچىسى، يىگىتنىڭ چىرايلىق گەپلىرى، قىزنى ئوڭاي مۇھەببەت تورىغا چۈشۈرۈپ قويۇشىنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىدۇ.
تەكلىپ قويۇش قانۇنىيىتى: يىگىتنىڭ قىزنى قولغا چۈشۈرمىگى تەس، قىزنىڭ يىگىتنى قولغا چۈشۈرمىگى ئاسان بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتا يىگىت ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزىنى ھەر ھالدا قولغا چۈشۈرەلەيدۇ، قىز بولسا ئېرىشەلمەيدۇ.
ئېپتىدائىي مۇھەببەت قانۇنىيىتى: يىگىتنىڭ قىزنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۇسۇلى بولسا تېز ھۇجۇم قىلىش، قىزنىڭ يىگىتنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۇسۇلى بولسا ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىش، ئاندىن جىمجىتلىق ئىچىدە مۇھەببەتنىڭ خۇش پۇرىغىدىن ھوزۇر ئېلىشتۇر.
كۆيۈپ قېلىش قانۇنىيىتى: يىگىت كۆيۈپ قالغاندا تۈگىمەس ئەقىل پاراسەتكە ئىگە بولىدۇ، قىز كۆيۈپ قالغاندا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
مەقسەت قانۇنىيىتى: يىگىت توي قىلىش ئۈچۈن مۇھەببەت باغلايدۇ، قىز بولسا مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلىدۇ.
سىناش قانۇنىيىتى: يىگىتنىڭ قىزنى سىناش ئۇسۇلى يىراققا كېتىش بولىدۇ، قىزنىڭ سىناش ئۇسۇلى بولسا كۆرۈشىدىغان جايدا ساقلىتىش بولىدۇ.
سۆز قانۇنىيىتى: يىگىت ھاراقنى كۆپ ئىچكەندىن كېيىن تولا گەپ قىلىدۇ، قىز توي قىلغاندىن كېيىن تولا گەپ قىلىدۇ، بىر ئائىلە كۆپ ھاللاردا ھاراق ئىچىدىغان ئەر بىلەن تولا گەپ قىلىدىغان ئايالدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.
ئائىلە كۆز قارشى قانۇنىيىتى: ئاخشىمى چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كەلمەيدىغىنى ئەر بولىدۇ، ئۆي توغرۇلۇق باش قاتۇردىغىنى ئايال بولىدۇ.
مەنبە: تەرمىلەر
|